ئەزەربەيجاندا 5.7 بال يەر تەۋرىدى

ئەزەربەيجان جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش مىنىستىرلىقى ئەزەربەيجاندا يۈز بەرگەن 5.7 بال يەر تەۋرەش سەۋەبىدىن ھېچقانداق زىيان ۋە ئادەم ئۆلۈش ھادىسىسى كۆرۈلمىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.

2006547
ئەزەربەيجاندا 5.7 بال يەر تەۋرىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان جىددىي ئەھۋاللارغا تاقابىل تۇرۇش مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىدا، شۇ يەرنىڭ ۋاقتى 00:01 دە خاچماز ۋىلايىتىنىڭ شەرقىي شىمالىدا يەر يۈزىدىن 20 كىلومىتىر چوڭقۇرلۇقتا 5.7 بال يەر تەۋرىگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا، يەر تەۋرەشنىڭ بىر قانچە شەھەردە ھېس قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلىپ، «مىنىستىرلىققا يەر تەۋرەشتە ھېچقانداق زىيان ياكى ئادەم ئۆلۈش ھادىسىسىنى ھەققىدە ئۇچۇر كەلمىدى» دېيىلدى.

ئەزەربەيجان يەر تەۋرەش مۇلازىمەت مەركىزى ھازار دېڭىزىنىڭ ئەزەربەيجان قىرغاقلىرىدا 5.7 بال يەر تەۋرىگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر