قازاقىستاندا پارتلاش يۈز بەردى

قازاقىستاننىڭ ئۈچ چوڭ نېفىتلىكنىڭ بىرى بولغان تەنگىزدا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 2 ئىشچى قازا قىلىپ، 3 كىشى يارىلاندى.

1852868
قازاقىستاندا پارتلاش يۈز بەردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستاننىڭ ئاتراۋ رايونى جىددى ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش بۆلۈمىنىڭ باياناتىدا، دۆلەتنىڭ غەربىدىكى ئاتراۋ ئۆلكىسى چېگرىسىغا جايلاشقان تەنگىز نېفىتلىكىدە پارتلاش يۈز بەرگەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

باياناتتا پارتلاشنىڭ تۇرۇبا يولىدىكى سۇ ئېلېكتىرى سىنىقى جەريانىدا فلانگ ئۇلىنىشىدىن كاشىلا چىققانلىقى سەۋەبىدىن يۈز بەرگەنلىكى، 2 ئىشچى قازا قىلىپ، 3 كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى ۋە يارىلانغانلاردىن بىرىنىڭ ئەھۋالىنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.

ئاتراۋ رايونلۇق ساقچى تارماقلىرى قازاقىستان جىنايى ئىشلار قانۇنىنىڭ «ئىش قائىدىسىگە خىلاپلىق قىلىش» ماددىسىغا بىنائەن ۋەقە ھەققىدە تەكشۈرۈش باشلانغانلىقىنى ئېلان قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر