تۈركىيە - قازاقىستان سودا ئومۇمىي سوممىسى 30 يىلدا 15 ھەسسە ئاشتى

قازاقىستان سودا ۋە بىر گەۋدىلىشىش مىنىستىرى باكت سۇلتانوۋ تۈركىيە بىلەن قازاقىستاننىڭ ئۆزئارا سودا مۇناسىۋىتى ئۈستىدە توختالدى.

1704584
تۈركىيە - قازاقىستان سودا ئومۇمىي سوممىسى 30 يىلدا 15 ھەسسە ئاشتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: باكت سۇلتانوۋ كېلەر يىلى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىلغانلىقىنىڭ 30 - يىللىقىنى تەبرىكلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئىككى دۆلەت سودا مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئىجابىي تەرەققىيات بىلەن ئىلگىرىلەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

باكت سۇلتانوۋ 1990-يىللارنىڭ بېشىدا ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى سودا مىقدارىنىڭ 200 مىليون دوللار ئەتراپىدا ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «ئىككى دۆلەتنىڭ سودا مىقدارى 30 يىلدا 15 ھەسسە ئاشتى. ھازىر تۈركىيە دۆلىتىمىزنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى 10 سودا شېرىكىنىڭ بىرسى» دېدى.

باكت سۇلتانوۋ بۇ يىل 1-ئايدىن 6-ئايغىچە بولغان ئارىلىقتا، سودا مىقدارىنىڭ ئالدىنقى يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا %5.3 ئېشىپ، 1 مىليارد 788 مىليون دوللارغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى.

باكت سۇلتانوۋ ئورتاق نىشاننىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە سودا مىقدارىنى 5 مىليارد دوللارغا، ئۇزۇن مۇددەت ئىچىدە 10 مىليارد دوللارغا يەتكۈزۈش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

باكت سۇلتانوۋ: «ئۆز-ئارا سودىدىكى تاموژنا بېجى ۋە تېخنىكىلىق توسالغۇلارنى تۈگىتىش ئۈچۈن ھازىر قازاقىستان-تۈركىيە خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇلدى. بىز بۇ گۇرۇپپىنىڭ تۇنجى يىغىنىنىڭ بۇ يىل ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتىمىز» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر