قىرغىزىستاندا ئومۇمىي سايلام تەكرارلىنىدۇ
قىرغىزىستاندا ئومۇمىي سايلامنىڭ 20 – دېكابىر كۈنى قايتىدىن ئۆتكۈزۈلۈشى قارارلاشتۇرۇلدى.
1513202
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان مەركىزىي سايلام كومىتېتى تەرىپىدىن بۇ ھەقتە ئېلان قىلىنغان يازما باياناتتا ئەسكەرتىلىشىچە، 120 ئورۇندۇقلۇق پارلامېنت ئەزالىرى سايلاپ چىقىلىدىغان ئومۇمىي سايلامنىڭ تەكرارلىنىشى ئۈچۈن سايلام ۋاقتى ۋە خامچوت لايىھەسى تەستىقلانغان.
قىرغىزىستاندا 4 – ئۆكتەبىر كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئومۇمىي سايلامنىڭ نەتىجىلىرى، % 7 لىك سايلام چەكلىمىسىدىن ھالقىپ ئۆتەلمىگەن 12 سي پارتىيەنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئۆتكۈزگەن نامايىشلار نەتىجىسىدە بىكار قىلىنغانىدى.