شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ئامېرىكاغا نارازىلىق بىلدۈردى

شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى، ئامېرىكا قوشما ئىشتاتلىرىنىڭ جەنۇبىي قىبرىس رىم دائىرىلىرىگە يۈرگۈزۈۋاتقان قورال - ياراغ ئېمبارگوسىنى بىكار قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

1483210
شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ئامېرىكاغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى ئەرسىن تاتار بۇ ھەقتە ئېلان قىلىپ، «ئامېرىكانىڭ رىم تەرەپكە قورال - ياراغ سېتىش چەكلىمىسىنى 2020 - يىلى 10 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن 2021 - يىلى 30 - سېنتەبىرگىچە بىكار قىلىشى خاتا چىقىرىلغان بىر قاراردۇر. بۇ رايوندىكى گىرېتسىيە - رىم ئىغۋاگەرچىلىكى كۈنسېرى كۈچىيىۋاتقان مۇشۇنداق بىر پەيتتە بۇنداق بىر قارارنىڭ چىقىرىلىشى ئامېرىكاغا ئوخشاش بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بىر دۆلەتكە ماس كەلمەيدۇ.

روشەنكى، بۇ قارار تىنچلىققا ئەمەس، بەلكى رىم تەرەپنىڭ ياراشماس خاراكتېرىگە كۈچ بېغىشلايدۇ. مەن ئامېرىكانى ئەيىبلەيمەن ھەمدە بۇ خاتالىقتىن دەرھال قايتىشقا چاقىرىمەن. ئەمما، ھەممەيلەن شۇنى بىلىشى كېرەككى، تۈركىيە ۋە ئۇ قوللاپ كېلىۋاتقان شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى ھەرگىزمۇ ھوقۇقلىرىدىن ھەرگىز ۋاز كەچمەيدۇ.

قىلىشقا تېگىشلىك ئىش جىددىيلىكنى ئۇلغايتىش ئەمەس، بەلكى پاكىتنى كۆرۈش ئارقىلىق تىنچلىق يولىغا قايتىپ كېلىشتۇر» دېگەنلەرنى قەيت قىلدى.

ئامېرىكا 1987 - يىلدىن باشلاپ جەنۇبىي قىبرىس رىم دائىرىلىرىگە قورال ئېمبارگوسى يۈرگۈزۈپ كەلمەكتە ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر