تۈرك دۇنياسى كۈلتۈر پايتەختى مۇئەييەنلەشتى
تۈركىي تىللىرىغا قوشقان تۆھپىسى بىلەن ئالەمشۇمۇل شۆھرەتكە ئىگە بولغان مەھمۇت كاشغەرىي تېمىلىق خەلقئارا ھېكايە مۇسابىقىسىدا، دەرىجىگە كىرگەنلەرگە مۇكاپات تارقىتىپ بېرىلدى.
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خەلقئارا تۈرك كۈلتۈرى تەشكىلاتى «TÜRKSOY» مەدەنىيەت مىنىستىرلىرى دائىمىي كېڭىىشنىڭ 36 – نۆۋەتلىك يېپىلىش يىغىنىدا، قىرغىزىساننىڭ ئوش شەھىرىنىڭ 2019 – يىللىق تۈرك دۇنياسى كۈلتۈر پايتەختى بولغانلىقى ئېلان قىلىندى.
مەدەنىيەت ۋە ساياھەت ئىشلىرى مىنىستىرى مەھمەت نۇرى ئەرسوي كاستامونۇدىكى تارىخىي قۇرشۇنلۇ بازىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقئارا تۈرك كۈلتۈرى تەشكىلاتى «TÜRKSOY» مەدەنىيەت مىنىستىرلىرى دائىمىي كېڭىىشنىڭ 36 – نۆۋەتلىك يېپىلىش يىغىنىدا سۆزلىگەن نۇتۇقىدا، ماسلاشتۇرۇش ۋەزىپىسىنى قىرغىزىستانغا ئۆتكۈزۈپ بەرگەنلىكىنى بىلدۈردى.
بۇنىڭدىن كېيىنكى يېغىننىڭ قىرغىزىستاننىڭ ئوش شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان مىنىستىر مەھمەت نۇرى ئەرسوي: «ئىنشائاللاھ ھەمىمىز ئۇ يەرەدە بىرلىكتە بولىمىز» دېدى.
خەلقئارا تۈرك كۈلتۈرى تەشكىلاتى «TÜRKSOY» نىڭ باش كاتىبى دۈشەن كاسېنوۋ قىرغىزىساننىڭ ئوش شەھىرىنىڭ 2019 – يىللىق تۈرك دۇنياسى پايتەختى بولغانلىقىنى ئېلان قىلىپ، ھەممەيلەننى پائالىيەتكە تەكلىپ قىلدى.
شەيخ شابانى ۋەلى ئارقىلىق قىرغىزىستاندا ھەر خىل خىزمەتلەرنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان كاسېنوۋ: «شەيخ شابانى ۋەلى ھەققىدە تۈرك دۇنياسى كۈلتۈر پايتەختى ئوشتا چوڭ بىر كونفېرانس ئۆتكۈزىمىز. 2019 – يىلى (ئاتاقلىق خەلق ناخشىچىسى) ئاشىق ۋەيسەلنىڭ ۋە ئەزەربەيجاننىڭ ئاتاقلىق شائىرى ئىمامىددىن نەسىمىنىڭ يىلى بولىدۇ» دېدى.
خەلقئارا تۈرك كۈلتۈرى تەشكىلاتى «TÜRKSOY» نىڭ رەسىم كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش پىروگراممىسىدا، خەلقئارا تۈرك كۈلتۈرى تەشكىلاتى «TÜRKSOY» مەدەنىيەت مىنىستىرلىرى دائىمىي كېڭىشىنىڭ 36 – نۆۋەتلىك يىغىنىدا ئېلىنغان قارارلار ۋە دوكلاتلار ئىمزالاندى.
پىروگراممىنىڭ ئاخىرىدا كاستامونۇ ۋالىي مەھكىمىسى تەرىپىدىن مىنىستىر ئەرسوي بىلەن يىغىنغا قاتناشقان تۈرك دۇنياسى ۋەكىللىرىگە تەقدىرنامە تارقىتىپ بېرىلدى.
ئاخىرىدا يەنە، تۈركىي تىللىرىغا قوشقان تۆھپىسى بىلەن ئالەمشۇمۇل شۆھرەتكە ئىگە بولغان مەھمۇت كاشغەرىي تېمىلىق خەلقئارا ھېكايە مۇسابىقىسىدا، دەرىجىگە كىرگەنلەرگە مۇكاپات تارقىتىپ بېرىلدى.