تۈركىيە دىيانەت ۋەخپى قىرغىزىستاندا قۇرئان كەرىم تارقاتتى

تۈركىيە دىيانەت ۋەخپى "ھەدىيەم قۇرئان بولسۇن لايىھەسى" دائىرەسىدە، 2018-يىلنىڭ بېشىدىن تارتىپ قرغىزىستان مىقياسىدا 10 مىڭ دانە قۇرئان كەرىمنىڭ قىرغىزچە تەرجىمىسىنى تارقاتتى.

973482
تۈركىيە دىيانەت ۋەخپى قىرغىزىستاندا قۇرئان كەرىم تارقاتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە دىيانەت ۋەخپىنىڭ ھەج ۋە ئۆمرە ئىشلىرىغا مەسئۇل مۇدىرى ئاكىف ئەرتىكىن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىقىدىكى پىدائىيلار، قىرغىزىستاننىڭ ئوش شەھىرىدىكى ئابدۇلجاپپار مەسچىتىنىڭ جامائىتى بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇ يەردىكى كىشىلەر ۋە قۇرئان كۇرسىنىڭ 300 ئوقۇغۇچىسىغا قۇرئان كەرىم تارقاتتى.

ئاكىف ئەرتىكىن باشچىلىقىدىكى پىدائىيلار ئىمام باكىت جەمئىيىتىنىڭ قۇرئان كۇرسىنىمۇ زىيارەت قىلىپ، بۇ يەردە تەلىم ئېلىۋاتقان ئاياللار ۋە ئەتراپتىكى بەزى ئائىلىلەرگىمۇ قۇرئان كەرىم تارقاتتى.

تۈركىيە دىيانەت ۋەخپى ئوش دۆلەت ئۇنىۋېرستېتى ئىلاھىيات فاكۇلتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى فەرھات گۆكچە "ھەدىيەم قۇرئان بولسۇن لايىھەسى" نىڭ قىرغىزىستاندىكى ئەھۋالى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

ئۇ رامىزان ئېيىدا قىرغىزىستاننىڭ يەتتە رايونىدا قۇرئان كەرىم تارقىتىش پىروگراممىسىنىڭ ئاخىرلىشىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

 ئۇ، بۇ يىل (2018) بىشكەك ۋە ئوش شەھىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا دۆلەت مىقياسىدا جەمئىي 10 مىڭ دانە قۇرئان كەرىمنىڭ تارقىتىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ: " تۈركىيە دىيانەت ۋەخپى ۋە تۈركىيە دىنىي ئىشلار ئىدارىسىنىڭ قىرغىزىستان ئۈچۈن ئەڭ چوڭ لايىھەلەردىن بىرى بولغان ۋە خەلقنىڭ دىنىي ئېھتىياجىنى قامدىشى مەقسەت قىلىپ تەييارلانغان <ھەدىس ۋە ئىسلام> نامىلق ئەسەرنىڭ قىرغىزچە تەرجىمىسىنى تارقىتىش ئىشلىرى رامىزان ئېيى ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن باشلىنىدۇ. ئەسەرلەر بارلىق جامەلەرگە، ئىلاھىيات فاكۇلتېتلىرىغا ۋە قۇرئان كۇرسلىرىغا، تۈركىيەنىڭ قېرىنداشلىرىغا ھەدىيەسى سۈپىتىدە تەقدىم قىلىنىدۇ" دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر