قىرغىزىستاندا ھۆكۈمەت يىقىلدى

قىرغىزىستان باش مىنىستىرى ساپار ئىساكوۋ باشچىلىقىدىكى بىرلەشمە ھۆكۈمەت، پارلامېنتتىكى بېلەت تاشلاشتا ئىشەنچ ئاۋازىغا ئېرىشەلمەي يىقىلغان بولدى.

954721
قىرغىزىستاندا ھۆكۈمەت يىقىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان پارلامېنتىدىكى ئۆكتىچى ئاتا يۇرت جۇمھۇرىيەت پارتىيەسى پارلامېنت ئەزاسى چىرگالبېك تۇرۇشقۇلۇۋ تۈنۈگۈن قىرغىزىستاننىڭ 5 چوڭ پارتىيەسىدىن 3 پارتىيە بىلەن بىرلىكتە قۇرۇلغان بىرلەشمە ھۆكۈمەتنىڭ 2017يىللىق خىزمەت دوكلاتىنىڭ تولىمۇ نەتىجىسىز بولغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ھۆكۈمەت ئۈچۈن قايتىدىن ئىشەنچ بېلىتى تاشلاش كېرەكلىكىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلگەن ئىدى.

بۇ تەكلىپ پارلامېنتنىڭ دۆلەت ئاساسىي قانۇنى بەلگىلىمىسى، دۆلەت قۇرۇلمىسى، سوت ۋە قانۇنچىلىق ئىشلىرى كومىتېتى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغاندىن كېيىن، پارلامېنت ئومۇمىي كېڭىشىدە ئۆتكۈزۈلگەن بىلەت تاشلاشتا، قىرغىزىستان باش مىنىستىرى ساپار ئىساكوۋ باشلىچىلىقىدىكى بىرلەشمە ھۆكۈمەت ئىشەنچ ئاۋازىغا ئېرىشەلمىدى.

قىرغزىستان پارلامېنتىنىڭ چۈشتىن كېيىن قايتىدىن بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇش مۇزاكىرەلىرى ئۈچۈن يىغىلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

سابىق پىرېزىدېنت ئالمازبېك ئاتامبايېۋنىڭ قوللىشى بىلەن باش مىنىستىر بولغان 40 ياشلىق ساپار ئىساكوۋ، مىنىستىرلار كابېنتىنىڭ ئىقتىساد جەھەتتىكى مەغلۇبىيەتلىرى سەۋەبىدىن تەنقىد قىلىنماقتا ئىدى.

ساپار ئىساكوۋ قىرغىزىستان مۇستەقىللىقىنى جاكارلىغاندىن بۇيانقى 28باش مىنىستىر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر