قىرغىزىستان تۈركىيەدىن كەلگەن دوختۇرلارنى مۇكاپاتلىدى

قىرغىزىستان سەھىيە مىنىستىرى ئالىمقادىر بېيشېنالىيېۋ پايتەخت بىشكەكتىكى قىرغىزىستان-تۈركىيە دوستلۇق دوختۇرخانىسىدا تۇنجى قېتىم قىلىنغان جىگەر كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىگە قاتناشقان ئىنۆنۈ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوختۇرلىرىنى مۇكاپاتلىدى.

2152679
قىرغىزىستان تۈركىيەدىن كەلگەن دوختۇرلارنى مۇكاپاتلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قىرغىزىستان سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، سەھىيە مىنىستىرى ئالىمقادىر بېيشېنالىيېۋ ئىنۆنۈ ئۇنىۋېرسىتېتى تۇرغۇت ئۆزال داۋالاش مەركىزى جىگەر كۆچۈرۈش ئىنستىتۇتىدىن بىشكەككە بېرىپ، جىگەر كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىگە قاتناشقان داۋالاش ھەيئىتى بىلەن كۆرۈشكەن.

بېيشېنالىيېۋ جىگەر كۆچۈرۈش ئىنستىتۇتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى دوتسېنت دوكتور ۋولقان ئىنجە، تاشقى كېسەللىكلەر دوختۇرى دوتسېنت دوكتور كەمال بارىش سارىجى، ناركوز دوختۇرى دۇيگۇ دەمىروز، سېستىرا ئەمىنە ئەرىك ۋە ئەجە تاشتان قاتارلىق دوختۇرلارغا قىرغىزىستان سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ ساقلىقنى ساقلاشتىكى مۇنەۋۋەر ئوردېنىنى تەقدىم قىلغان.

بېيشېنالىيېۋ جىگەر كۆچۈرۈشتە مول تەجرىبەگە ئىگە تۈرك مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتكەن، ھەمدە تۈرك دوختۇرلىرىغا رەھمەت ئېيتقان.

ئۇ بۇ ئوپېراتسىيەنىڭ قىرغىزىستاندا داۋالاش ساھەسىدە تاشلانغان مۇھىم بىر قەدەم ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ جىگەر كۆچۈرۈشكە ئېھتىياجلىق بىمارلار ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن، شۇنداقلا قىرغىزىستان-تۈركىيە دوستلۇق دوختۇرخانىسىدا ھەقسىز ئېلىپ بېرىلغان بۇ خىل ئوپېراتسىيەلەرنىڭ داۋاملىشىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر