ئەزەربەيجان فىرانسىيەنىڭ ئەرمېنىيەگە قورال سېتىپ بېرىش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

ئەزەربەيجان فىرانسىيەنىڭ ئەرمېنىيەگە «قەيسەر» ناملىق زەمبىرەك سىستېمىسىنى سېتىپ بېرىشىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

2154098
ئەزەربەيجان فىرانسىيەنىڭ ئەرمېنىيەگە قورال سېتىپ بېرىش قارارىغا نارازىلىق بىلدۈردى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بايانات ئېلان قىلىپ، ئەزەربەيجاننىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىغا قارىماي، ئەرمېنىيەنى ئەجەللىك ھۇجۇمچى قوراللار بىلەن تەمىنلەشنىڭ، فىرانسىيەنىڭ جەنۇبىي كاۋكازدىكى ئىغۋاگەرچىلىك ھەرىكىتىنىڭ ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

فىرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ 2023-يىلى ئەرمېنىيەنى پەقەت مۇداپىئە قوراللىرى بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولۇشىغا قارىماي، ئەجەللىك ھۇجۇمچى قوراللار بىلەن تەمىنلىگەنلىكىگە ئىشارەت قىلىنغان باياناتتا، بۇ ئەھۋالنىڭ فىرانسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ «ئىككى يۈزلىمىچىلىكىنىڭ يەنە بىر ئىپادىسى» ئىكەنلىكى ئەسكەرتىلدى.

باياناتتا: «(فىرانسىيە پىرېزىدېنتى ئېممانۇئېل) ماكرون ھاكىمىيىتى جەنۇبىي كاۋكاز رايونىدا ھەربىيلەشتۈرۈش ۋە جۇغراپىيەلىك سىياسىي سۇيىقەست سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، ئەرمېنىيە بىلەن ئەزەربەيجاننىڭ مۇناسىۋەتلىرىنى نورماللاشتۇرۇشى ۋە رايوندا سىجىل تىنچلىق ئورنىتىشىغا توسالغۇ پەيدا قىلماقتا» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلدى.

ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغالچى دۆلەت ئىكەنلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان باياناتتا يەنە: «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ دائىمىي ئەزاسى بولغان فىرانسىيەنىڭ، قانلىق ھۇجۇم قىلىش تەجرىبىسىگە ئىگە ئەرمېنىيەنى قايتىدىن قوراللاندۇرۇشى ۋە ئەرىۋان ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆچ ئېلىش سىياسىتىنى قوللىشى سىياسىي مەسئۇلىيەتسىزلىك بولۇپ، يېڭى ئۇرۇشقا يول ئاچىدۇ» دېيىلدى.

باياناتتا، فىرانسىيەنىڭ مۇستەملىكىچىلىك سىياسىتىگە ئىشارەت قىلىنىپ يېڭى كالېدونىيە ۋە چەت ئەلدىكى فىرانسىيە رايونلىرىدىكى قارشىلىقلارنى قورال كۈچى ئارقىلىق باستۇرۇشنىڭ «ماكرون ھاكىمىيىتى»نىڭ ھەقىقىي ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ تاشلىغانلىقى قەيت قىلىندى.

فىرانسىيەنىڭ ئەزەربەيجانغا قارشى قارا تەشۋىقات ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان باياناتتا: «جەنۇبىي كاۋكاز ۋەزىيىتىنىڭ كەسكىنلىشىشى ۋە يېڭى ئۇرۇش مەنبەسى يارىتىشنىڭ جاۋابكارلىقى ئۆچ ئېلىش سىياسىتى يولغا قويۇۋاتقان ئەرىۋان ھۆكۈمىتى بىلەن ماكرون مۇستەبىتلىكىگە تەۋە» دېگەن ئىبارىلەرگىمۇ ئورۇن بېرىلدى.

فىرانسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېباستىيېن لېكورنۇ بىلەن ئەرمېنىيەلىك مەنسەپدىشى سۇرېن پاپىكيان ئەرمېنىيەگە «قەيسەر» ناملىق زەمبىرەك سىستېمىسىنى سېتىپ بېرىش توغرىسىدا كېلىشىم ئىمزالىغانىدى.

«قەيسەر» زەمبىرەك سىستېمىسى فىرانسىيەنىڭ  Nexter ناملىق مۇداپىئە سانائىتى شىركىتى تەرىپىدىن ئىشلەپچىقىرىلماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر