ئەرمېنىيە قىسىملىرى ئەزەربەيجان قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلدى

ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى ئەرمېنىيە قىسىملىرىنىڭ نەخچىۋان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىدىكى ئەزەربەيجان قىسىملىرىنىڭ ھەربىي نۇقتىلىرىغا قارىتىپ ئوق چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى.

2153119
ئەرمېنىيە قىسىملىرى ئەزەربەيجان قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقنىڭ باياناتىغا قارىغاندا، تۈنۈگۈن (13-ئىيۇن) شۇ جاي ۋاقتى 10.05 دىن 17.50 كىچە بولغان ئارىلىقتا، ئەرمېنىيە قىسىملىرى نەخچىۋان ئاپتونوم جۇمھۇرىيىتىنىڭ شېرۇر ۋىلايىتىنىڭ ھاۋۇش يېزىسى، ئوردۇبات ۋىلايىتىنىڭ نۈرگۈت يېزىسى، شاھبۇز ۋىلايىتىنىڭ جەنۇبىي قىشلاق يېزىسى يۆنىلىشىدىكى ھەربىي نۇقتىلىرىغا قارىتىپ ئوق چىقارغان.

باياناتتا تەكىتلىنىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 19.50 دە ئەرمېنىيە قىسىملىرى بابېك ۋىلايىتىنىڭ ئۈستۈن بۇزگوۋ يېزىسىدىكى ھەربىي نۇقتىلارغا قارىتىپ ئوق چىقارغان، ئەزەربەيجان ئارمىيەسىمۇ ئەرمېنىيە قىسىملىرىغا تېگىشلىك جاۋاب قايتۇرغان.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر