ئامېرىكا ئەزەربەيجاننىمۇ تېررورلۇق خەۋپى بار دۆلەتلەر قاتارىدا كۆرسەتتى

ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھىكمەت ھاجىيېۋ ئامېرىكانىڭ ئەزەربەيجاننى «تېررورلۇق خەۋپى بار دۆلەتلەر» قاتارىغا كىرگۈزگەنلىكى توغرىسىدا يازما بايانات ئېلان قىلدى.

886172
ئامېرىكا ئەزەربەيجاننىمۇ تېررورلۇق خەۋپى بار دۆلەتلەر قاتارىدا كۆرسەتتى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان ساياھەت ئاگاھلاندۇرۇشى تىزىملىكىدە، ئەزەربەيجاننىڭ تېررورلۇق خەۋپى بار دۆلەتلەر قاتارىغا كىرگۈزۈلگەنلىكىگە ھەيران قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئەزەربەيجان تاشقى ئىشلا مىنىستىرلىقى باياناتچىسى ھىكمەت ھاجىيېۋ بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان يازما باياناتىدا، ئەزەربەيجان بولۇش سۈپىتى بىلەن تېررورلۇقنىڭ بارلىق تۈرلىرىنى ئەيىبلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ھىكمەت ھاجىيېۋ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئەزەربەيجانغا كەلگەن ساياھەتچىلەر سانىنىڭ %24 ئۆرلىگەنلىكىنى، 2017 – يىلىدا 2 مىليون 700 مىڭ ساياھەتچىنى كۈتۈۋالغانلىقىنى ئەسكەرتىپ: «ياۋروپا تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىغا، ئىسلام ھەمكارلىقى تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىغا ۋە فورمۇلا 1 ئاپتوموبىل مۇسابىقىلىرىغا ساھىبخانلىق قىلغان، ئامېرىكا ۋە رۇسىيە پىرېزىدېنتلىرىنى كۈتۈۋالغان، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە رۇسىيەنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلىرىنىڭ ئۇچرىشىشلىرىغا ساھىبخان بولغان ئەزەربەيجان ھەققىدە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇنداق باياناتلارنى ئېلان قىلىشى ھەقىقەتەن ھەيران قالارلىق» دېدى.

ئەزەربەيجاندا مۇقىملىق ۋە جەمئىيەت ئامانلىقىنىڭ ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەدە كېتىپ بارغانلىقىنى تەكىتلىگەن ھىكمەت ھاجىيېۋ: «ئەزرەبەيجان ھۆكۈمىتى ئەرمېنىيە ئىشغال قىلىۋالغان زېمىنلاردىن باشقا پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى كونتروللۇقى ئاستىدا تۇتۇپ كەلمەكتە. ئەرمېنىيەنىڭ ئىشغالىيىتىلا رايوننىڭ تىنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئەڭ بىرىنچى تەھدىت بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر