گۆكئالپتىن ئاتاتۈرككىچە: تۈرك دۇنياسىدا ھەمكارلىق ئورنىتىش پىكرى

«تۈركىيە ۋە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانى بويىچە ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىسى دوكتور جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ، «گۆكئالپتىن ئاتاتۈرككىچە: تۈرك دۇنياسىدا ھەمكارلىق پىكرى» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز...

873793
گۆكئالپتىن ئاتاتۈرككىچە: تۈرك دۇنياسىدا ھەمكارلىق ئورنىتىش پىكرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: زىيا گۆكئالپ، تۈرك دۇنياسىدا ھەمكارلىق ئورنىتىش توغرىسىدا چوڭقۇر ئىزدىنىشلەرنى ئېلىپ بارغان زىيالىيلارنىڭ بىرى. ئۇنىڭ پىكىرلىرى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستاپا كەمال ئاتاتۈرككە ۋە تۈرك دۇنياسىغا كۆرىنەرلىك تەسىرلەرنى كۆرسەتتى. بۇ ھەقتە تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ مەلۇماتقا ئىگە بولۇش ئۈچۈن، «تۈركىيە ۋە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمى تەتقىقاتچىسى دوكتور جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ «گۆكئالپتىن ئاتاتۈرككىچە: تۈرك دۇنياسىدا ھەمكارلىق پىكرى» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچىمىز. 

* * * * *

تۈرك دۇنياسىدا ھەمكارلىق ئورنىتىش ئىدىيىسىنىڭ بايراقدارلىرىنىڭ بىرى دىيارباكىرلىق مەھمەد زىيا گۆكئالپتۇر. گۆكئالپ، 1876 – يىلى 23 – مارتتا دىيارباكىردا دۇنياغا كەلدى. ئۇ، دىيارباكىرنىڭ ئېسىل نەسەپلىك ئائىلىلىرىدىن مۈفتۈزادەلەر ۋە پىرىنچزادەلەرگە مەنسۇپتۇر. ئىككىنچى مەشرۇتىيەتنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەن بىرلىكتە دىيارباكىردا ئىتتىھاد ۋە تەرەققىي جەمئىيىتىنىڭ شۆبىسىنى قۇرۇپ، ئۇنىڭ باشلىقلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان گۆكئالپ، مەدەنىي ۋە ئىلمىي پائالىيەتلىرىنىڭ سۈرئىتىنى ئاشۇردى. 1912 – يىلى ئۆتكۈزۈلگەن پارلامېنت سايلىمىدا ئەرگانى پارلامېنت ئەزاسى سۈپىتىدە پارلامېنتقا كىردى. 1913 – يىلى «تۈرك يۇرتى» ژۇرنلىدا «تۈركلىشىش، ئىسلاملىشىش، زامانىۋىلىش» دېگەن نام ئاستىدا بىر يۈرۈش ماقالىلەرنى يازدى. ئۇ مەزكۇر ماقالىلىرىدە، بۇ ئۈچ ئېقىمنىڭ بىر – بىرىگە زىت ئەمەسلىكىنى، ئەكسىچە بىر – بىرىنى تولۇقلايدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

1919 – يىلى ھاكىمىيەت بېشىغا كەلگەن دامات فەرىت پاشا ھۆكۈمىتى ئىتتىھاد ۋە تەرەققىي جەمئىيىتى ئەزلىرىنى تۇتقۇن قىلىشقا باشلىدى. گۆكئالپمۇ بۇ قاتاردا 1919- يىلى 30 – مارتتا تۇتقۇن قىلىندى ۋە ئەنگلىيەلىكلەر تەرىپىدىن مالتاغا سۈرگۈن قىلىندى. 1921 – يىلى 19 – مايدا ئىستانبۇلغا قايتتى. ئارقىدىن يۇرتى دىيارباكىرغا بېرىپ، ئۇ يەردە دەرس ئۆتۈشكە باشلىدى. مىللىي مۇجادىلىنى قوللاش خاراكتېرلىك ھەر خىل يىغىنلارنى ئورۇنلاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ روھىنى ئۇرغۇتتى. 1923 – يىلىدىكى سايلامدا دىيارباكىر پارلامېنت ئەزاسى سۈپىتىدە پارلامېنتقا كىردى. پارلامېنت ئەزالىقى مەزگىلىدىمۇ پىكرىي ۋە مەدەنىي خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇردى.

زىيا گۆكئالپمۇ ئىسمائىل غاسپىرالىغا ئوخشاشلا ئىستانبۇل تۈركچىسىنىڭ پۈتكۈل تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق تىلىغا ئايلاندۇرۇلۇشى كېرەكلىكىگە ئىشىنەتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، ئىستانبۇل تۈركچىسىنى پۈتكۈل تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەدەبىي تىلىغا ئايلاندۇرۇش، بارلىق تۈركلەرنىڭ ۋەزىپىسى ئىدى. بۇ ۋەزىپە ئورۇندالغىنىدا، تۈركلەر بىرلا مىللەتكە ئايلىناتتى. گۆكئالپ، «تۈركىيە سىرتىدىكى تۈركىي خەلقلەر بىلەن ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە ھەمكارلىق ئورنىتىش» دېگەن پىكرىنى ئۆزىدىن كېيىنكى ئەۋلادلارغا مىراس نىشان قىلىپ قالدۇردى.

گۆكئالپ، تۈرك تىلىغا يېتەرلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بېرىلمىگەنلىكى ئۈچۈن، تۈرك جەمئىيەتلىرىدىكى ئىلگىرىلەشنىڭ ئاستا بولۇۋاتقانلىقىنى ۋە خەلق بىلەن سەركىلەر ئارىسىدا بىر ئۈزۈكلۈك بارلىقىنى تەكىتلەيتتى. ئۇ، تىلدا ئاددىيلىشىشنى ۋە تۈرك تىلىنى جانلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرك دۇنياسىدا بىر تىل بىرلىكى ئورنىتىلىشى كېرەكلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغانىدى. بۇ پەقەت ئانادولۇنىلا ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان تىل بىرلىكى ئەمەس، پۈتكۈل تۈرك دۇنياسى ئۆزئارا چۈشىنىشكىلى بولىدىغان بىر تىل بىرلىكى ئىدى. گۆكئالپ، تۈرك دۇنياسىدا بىرلىك ئورنىتىش ئۈچۈن، تۈركلەر ئورتاق بىر تۈركچە ئىشلىتىشى كېرەك، دەپ قارايتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئىستانبۇل تۈركچىسىنى پۈتكۈل تۈرك دۇنياسىنىڭ ئورتاق تۈرك تىلى بولۇشىنى تەۋسىيە قىلاتتى.

زىيا گۆكئالپنى «پىكىرلىرىمنىڭ ئاتىسى» دەپ ئاتىغان تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ قۇرغۇچىسى مۇستاپا كەمال ئاتاتۈرك ئۈچۈنمۇ تۈرك دۇنياسىدا ھەمكارلىق ئورنىتىش ئالدىنقى پىلاندىكى ئىشلارنىڭ بىرى بولدى. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى، قۇرۇلۇش ۋاقتى بولغان 1923 – يىلىدىن باشلاپ مۇئەييەن تۈپ نىشانلارنى بويلاپ مۇقىم ۋە سوغۇققان تاشقى سىياسەت يۈرگۈزدى. جۇمھۇرىيەت مەزگىلىدە تۈركىيە تاشقى سىياسىتىنىڭ  ئاساسلىرى ئاتاتۈرك تەرىپىدىن بېكىتىلدى ۋە شەكىللەندۈرۈلدى.

مۇستاپا كەمال ئاتاتۈرككە نىسبەتەن تۈرك دۇنياسىدا بىرىنچى قەدەمدە ئىشقا ئاشۇرۇلۇشى كېرەك بولغان بىرلىك – مەدەنىيەت بىرلىكى ئىدى. ئۇ بۇ سۆزلىرىنى «تۈركىيە سىرتىدا قالغان تۈركلەرگە قارىتا ئالدى بىلەن مەدەنىيەت مەسىلىلىرىگە كۆڭۈل بۆلۈنۈشى كېرەك. دەرۋەقە، بىز تۈركلۈك دەۋاسىغا مۇشۇنداق مۇسبەت ئۆلچەمدە مۇئامىلە قىلىمىز. بۈيۈك تۈرك تارىخىدا تۈرك تىلىنىڭ مەنبەلىرىگە، باي شېۋىلىرىگە، قەدىمكى تۈرك ئەسەرلىرىگە ئەھمىيەت بېرىمىز. بايقال كۆلىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى ياقۇت تۈركلىرىنىڭ تىل ۋە مەدەنىيەتلىرىگىمۇ سەل قارىمايمىز» دېگەن سۆزلىرى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويغانىدى.

ئاتاتۈرك؛ (ھەم تۈرك دۇنياسىدىكى مەدەنىيەت بوشلۇقىنىڭ چوڭقۇرلىشىپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن، ھەم غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى تېخىمۇ تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن) 1928 – يىلى 1- نويابىردا لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆتۈش ئىسلاھاتىنى ئىشقا ئاشۇردى. بۇ ئېلىپبە ئۆزگىرىشى سايىسدا تۈرك دۇنياسىدا مەدەنىيەت بوشلۇقىنى تولدۇرۇشقا كاتتا ئىمكانىيەت يارىتىلىدى. بىراق، تۈرك دۇنياسىدا ھەمكارلىق ئورنىتىش پىكرىدىن قاتتىق قورقىدىغان سوۋېتىلار، ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن ئىلگىرى سوۋېت ئىتتىپاقى تەۋەلىكىدىكى تۈركلەرگە كىرېل ئېلىپبەسىنى ئىشلىتىشنى تاڭدى. بۇ ئۇسۇل بىلەن، سوۋېت ئىتتىپاقى تۈركىيە بىلەن تۈرك دۇنياسىنىڭ مەدەنىيەت رىشتىسىنى ئۈزۈپ تاشلاشقا تىرىشتى.

نېمىلا بولمىسۇن، زىيا گۆكئالپنىڭ پىكىرلىرى، مۇستاپا كەمال ئاتاتۈركنىڭ تاشلىغان قەدەملىرى ئارقىلىق سالغان ئاساسلىرى ھازىرقى كۈندە كونكېرتلاشماقتا. نۆۋەتتە رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ ۋە ئىلھام ئەلىيېۋغا ئوخشاش رەھبەرلەرنىڭ تىرىشچانلىقلىرى سايىسىدا گۆكئالپ ۋە ئاتاتۈركنىڭ نىشانلىرى ئوخشاش بولمىغان خەلقئارالىق تەشكىلاتلاردا ئۆز ئىپادىسىنى تاپماقتا. تۈرك كېڭىشى، خەلقئارا تۈرك مەدەنىيىتى تەشكىلاتى، تۈرك ئاكادېمىيەسى قاتارلىق ھەر خىل خەلقئارالىق تەشكىلاتلار، بۇ يولدا ئوخشاش بولمىغان خىزمەتلەرنى قىلماقتا. گۆكئالپ ۋە ئاتاتۈركنىڭ غايىلىرىنىڭ ئىشقا ئېشىشى، ياۋرو – ئاسىيا رايونىدا تىنچلىق ئورنىتىشقىمۇ مۇھىم ھەسسە قوشىدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر