ئىراندىكى تۈركلەر ۋە تۈركچە مائارىپ تەلەپلىرى

«تۈركىيە ۋە ياۋرو – ئاسىيا كۈنتەرتىپى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىسى جەمىل دوغاچ ئىپەكنىڭ «ئىراندىكى تۈركلەر ۋە تۈركچە مائارىپ تەلەپلىرى» ماۋزۇلۇق ئانالىزىنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىمىز.

807022
ئىراندىكى تۈركلەر ۋە تۈركچە مائارىپ تەلەپلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئىران مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا بىر پارچە ھۆججەت چۈشۈرۈپ، پارس تىلىنىڭ پەرقلىق شېۋىلىرىدە سۆزلىشىدىغان، ئۆزى پارس بولمىغان مىللەتلەرنىڭ ئوقۇتقۇچى بولالمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. خەلقئارا تاراتقۇلاردا ئورۇن ئالغان خەۋەرلەرگە قارىغاندا،  ئىران دۆلەتلىك مائارىپ مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان مەزكۇر ھۆججەتتە، «چ، گ، ژ ۋە ق غا ئوخشاش پارسچە تاۋۇشلارنى چىقىرىشقا توسقۇنلۇق قىلىدىغان، تۈزىتىش  مۇمكىن ئەمەس ئېغىر شېۋىلەردە سۆزلەيدىغانلارنىڭ ئوقۇتقۇچى بولۇشى، بولۇپمۇ پارس تىلى ۋە ئەدەبىياتى ئوقۇتقۇچىسى بولۇشى چەكلىنىدۇ» دېگەن ئىبارىلەرگە ئورۇن بېرىلگەن. بۇ يەردە ئەسكەرتىلگەن چەكلىمە شەرتلىرى ئىراندا ياشايدىغان خەلقلەر ئىچىدە پەقەت تۈركلەر بىلەن ئەرەبلەرگىلا ماس كېلىدۇ. باشقا مىللەتلەردىنمۇ بەكرەك ئەرەبلەر بىلەن تۈركلەرنى نۇقتا قىلغان بۇ بەلگىلىمىدە يەنە، تۇغماس ئاياللارنىڭمۇ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشىنىڭ مەنئى قىلىنىدىغانلىقىمۇ قەيت قىلىندى. ئىران تۈركلىرى باشتا بولۇپ، ئىراندا ياشايدىغان تۈركلەر بىلەن ئەرەبلەر بۇ سىياسەتكە نارازىلىق بىلدۈرمەكتە. ئىراندىكى تۈركلەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلار ئارقىلىق «مەن تۈرك، مېنىڭ شېۋەم بار» دېگەن خەتلەرنى تارقىتىپ، قارارغا قارشى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىمەكتە.

مەن بۇ ھەقتە پىكىر ئالماشتۇرغان ئىران تۈركلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە ئالاقىدار كۆز قاراشلىرىنى ئىككى ئاساسىي نۇقتىغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن. ئىران تۈركلىرىنىڭ بىر قىسمى قارارغا قاتتىق قارشىلىق كۆرسىتىپ، پارس تىلىنىڭ ئەڭ مۇھىم شائىر ۋە يازغۇچىلىرىنىڭ تۈركلەر ئارىسىدىن چىققانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەپ، بۇنىڭغا مەۋلانا جالالىددىن رۇمىغا ئوخشاش زاتلارنى ئۈلگە قىلىپ كۆرسەتسە؛ كۆپ قىسمى، بۇ قارارنىڭ ئۇنچىۋالا مۇھىم ئەمەسلىكىنى، چۈنكى، ئىراندا ياشايدىغان تۈركلەرنىڭ ھەقىقىي ئىستىكىنىڭ تەلىم – تەربىيەنىڭ تۈرك تىلىدا بېرىلىشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەشمەكتە.

نۆۋەتتە ئىران تۈركلىرى 30 مىليون ئەتراپىدىكى نوپۇسى بىلەن، پارسلار بىلەن بىرلىكتە ئىراندىكى ئەڭ كۈچلۈك توپلۇق ھېسابلىنىدۇ. تۈركلەر گېئوپولىتىلىك ئورۇن، ئىجتىمائىي – مەدەنىي قۇرۇلما، ئىقتىسادىي كۈچ ۋە نوپۇس كۈچى ئارقىلىق ئىراندا يۈز بەرگەن سىياسىي ئۆزگىرىشلەردە باشلامچى رول ئويناپ كەلدى.

10-، 11- ئەسىرلەردە سالجۇقىلار ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ئوغۇزلارنىڭ ئەزەربەيجانغا كۆچۈش دولقۇنى، رايوندا زور كۆلەملىك تۈرك كۆپ سانلىقىنىڭ ھاسىل بولۇشىغا زېمىن ھازىرلىدى. 15 – ئەسىرگىچە تەرتىپى بويىچە ئىلخانلى، قاراقويۇنلۇ ۋە ئاققۇيۇ دۆلەتلىرى ھۆكۈم سۈرگەن دەۋرلەردىمۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىن رايونغا كۆچۈش دولقۇنى داۋاملاشتى. ئەزەربەيجان تۈركلىرىنىڭ پارس مەدەنىيىتى ۋە ئەدەبىياتى بىلەن تونۇشىشىمۇ مەزكۇر مۇساپىگە ئىشارەت قىلىدۇ. بىراق، تۈركلەرنىڭ ئىسلاملىشىش مۇساپىسى تاماملانغان ئەشۇ دەۋرلەردە، بولۇپمۇ ئىران – ئەزەربەيجان تەۋەلىكى تېخى شىئەلىكنىڭ كونتروللۇقى ئاستىغا كىرىپ بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئەزەربەيجان مەزھەپ جەھەتتىمۇ بىر پۈتۈنلۈكنى ساقلاپ قالدى. 1501 – يىلى سەفەۋى دۆلىتىنىڭ قۇرۇلۇشى بىلەن، رايون خەلقلىرىنىڭ كىملىكلىرى گەۋدىلىك ھالدا ئۆزگىرىشكە يۈزلەندى. ئەزەربەيجان مەركەزلىك قۇرۇلغان بۇ ھاكىمىيەت، ئىرانغا مۇھىم بىر رايون خاراكتېرلىك كۈچ خۇسۇسىيىتى بېغىشلىدى. يەنە كېلىپ، كۆپ سانلىقى سۈننىي بولغان خەلقلەرگە شىئە مەزھىپىنى قوبۇل قىلدۇردى. كېيىنكى چاغلاردا رايوننىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى قولىغا ئالغان ئافشار ۋە قاچار خانىدانلىقلىرى مەزگىلىدىمۇ، تۈركلۈك تۇيغۇسى ۋە شىئە مەزھىپى ئەھمىيىتىنى ساقلاپ قېلىشنى داۋاملاشتۇردى.

رايوندا ياشايدىغان تۈركلەر ئەسىرلەردىن بۇيان دۆلەتنىڭ سىرتقا ئېچىلىدىغان ئىشىكى بولدى، چەت دۆلەتلەردە دۆلەتلىرىگە ۋەكىللىك قىلدى ۋە غەرب ئۇنىۋېرسىتېتلىرىغا تۇنجى بولۇپ كەتكەن ئوقۇغۇچىلار توپلۇمىنى شەكىللەندۈردى. بۇنىڭدا ئەزەربەيجان جۇغراپىيەسىنىڭ ئىراننى ئۆز ئىچىگە ئۈچ چوڭ ئىمپېراتورلۇق (ئوسمانلى ۋە چاررۇسىيە) نىڭ كېسىشىش نۇقتىسىغا جايلاشقانلىقىنىڭ تەسىرى كۈچلۈك. بۇنىڭ سايىسىدا رايوندا ياشايدىغان تۈركلەر، ئۈچ دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى گۈللىنىشلىرىنى تەقىب قىلىش ۋە ئۇنى ئۆز مەدەنىيىتىدە ئەكس ئەتتۈرۈش پۇرسىتىگە نائىل بولدى.

ئىراندا ئەسىرلەر بويىچە ھۆكۈم سۈرگەن تۈرك خانىدانلىقلىرىنىڭ نوپۇزى 20 – ئەسىرنىڭ دەسلەپكى چارىكىدە ئاخىرلىشىپ، ئورنىنى پارس مىللىتىدىن بولغان پەھلەۋىلەر دەۋرى ئىگىلىدى. بۇ ئۆزگىرىش ئىران تۈركلىرى ئۈچۈن بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى بولۇپ قالدى؛ بۇ مەزگىلدە تۈركلەر ھەر خىل چەكلىمىلەرگە دۇچار بولدى. پەھلەۋىلەر دەۋرىدە يولغا قويۇلغان پارسلىشىش ئىدېئولوگىيەسى، رايوندا ياشايدىغان تۈركلەرنى كىملىكلىرى ئۈستىدە قايتىدىن ئويلىنىش ۋە ھاكىمىيەت ئالدىدا ئۇنى ئىپادىلەش جەريانىنى پەيدا قىلدى. شاھنىڭ ئاغدۇرۇلۇش مۇساپىسىدە پائال رول ئوينىغان تۈركلەر، ئىسلام ئىنقىلاب ھەرىكىتىگە باشلامچىلىق قىلغان گۇرۇپپىلارنىڭ قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

نۆۋەتتە ئىراندىكى تۈركلەرنىڭ سىياسەت ۋە ئىقتىسادىي ساھەدىكى نوپۇزى كۈچلۈك. بىراق، تۈركچىنىڭ رەسمىي تىل بولماسلىقى، تۈركچە تەلىم – تەربىيەگە يول قويۇلماسلىقى دېگەندەك سەۋەبلەر، پات – پات ئىران دائىرىلىرى بىلەن ئىران تۈركلىرى ئارىسىدا مەسىلە پەيدا قىلىپ كەلمەكتە.

ئىراندىكى تۈركلەرنى باشقا ھەر قانداق بىر دۆلەتتىكى ئاز سانلىقلارغا ئوخشاتقىلى بولمايدۇ. چۈنكى، 1000 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيان ئىران تەۋەلىكىنىڭ سىياسىي تارىخىدىكى ۋەقەلەرنىڭ شەكىللىنىشىدە تۈركلەر كۆرۈنەرلىك رول ئويناپ كەلدى. پارس مەدەنىيىتى بىلەن تۈرك مەدەنىيىتى ھەم ئىران تەۋەلىكىدە ھەم سىرتىدا ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىپ كەلمەكتە. بۇ ئىككى قەدىمىي مەدەنىيەت بىر – بىرىگە ناھايىتى مۇھىم تۆھپە قوشتى. خەلقلەر دوستانە ياشاش ئۈچۈن، كۈچىنىڭ يېتىشىچە بىر – بىرلىرىگە ھۆرمەت قىلىشىغا توغرا كېلىدۇ. ئىران باشقۇرۇش ئەنئەنىسىگە ئىگە تەجرىبىلىك بىر دۆلەت. ئانا تىلدا مائارىپ ۋە نەشرىيات – ئاخباراتچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىش ئەركىنلىكى زامانىمىز دۇنياسىنىڭ ئەڭ ئەقەللىي كىشىلىك ھوقۇقلىرىنىڭ بىر پارچىسى ھېسابلىنىدۇ. ئىران دۆلىتىنىڭ تۈركچە تەلىم – تەربىيە ۋە تۈركچە تارقىتىش بېرىش جەھەتلەردە خەلقنىڭ تەلەپلىرىگە ئاۋاز قوشۇشى پايدىلىق بولىدۇ. بۇنداق قىلىش، ھەم ئىراننىڭ ھەم رايوننىڭ مۇقىملىقىغا مۇھىم ئىلگىرىلەش بېغىشلايدۇ.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر