تۈركمەنىستاندا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئېغىر زەربە بېرىلدى

تۈركمەنىستاندا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 40 ئەزاسىغا قاماق جازاسى بېرىلىپ، مال – مۈلكى مۇسادىرە قىلىندى.

775295
تۈركمەنىستاندا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئېغىر زەربە بېرىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركمەنىستاندا نازارەتكە ئېلىنغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ 40 نەپەر ئەزاسىغا 10 يىلدىن 25 يىلغىچە قاماق جازاسى بېرىلدى.

جازا بېرىلگەنلەرنىڭ كۆپىنچىسى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا تەۋە مەكتەپلەردە ئوقۇش پۈتتۈرگەن بولۇپ، يەنە بەزىلىرىنىڭ بۇ مەكتەپلەرگە چېتىشلىق كارخانىچىلار ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلدى. 

قاماققا ئېلىنغان فەتھۇللاھچى تېررولۇق تەشكىلاتى ئەزالىرىنىڭ مال – مۈلكى مۇسادىرە قىلىندى.

تۈركمەنىستاندا ئالدىنقى يىلى فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ئەزا بولغان تەخمىنەن 150 كىشى سوتقا تاپشۇرۇلغان ۋە مۇشۇ يىل فېۋرال ئېيىدا ئۇلاردىن 18 كىشىگە قاماق جازاسى بېرىلگەن ئىدى.  

 

 

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر