قازاقىستاندا سۈرىيەدىكى تۇقۇنۇشتىن خالى بەزى رايونلارنىڭ چېگرالىرى بەلگىلەندى

يېغىنغا ئىيوردانىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان بولۇپ، سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرى ھەيئىتى بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن مەسلىھەت يىغىنىدا ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى.

764979
قازاقىستاندا سۈرىيەدىكى تۇقۇنۇشتىن خالى بەزى رايونلارنىڭ چېگرالىرى بەلگىلەندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانەدە ئۆتكۈزۈلگەن 5 - نۆۋەتلىك سۈرىيە سۆھبەتلىرى تەييارلىق يىغىنى دائىرىسىدە تۈنۈگۈن (4 – ئىيۇلدا) تۈركىيە، رۇسىيە ۋە ئىران ھەيئەتلىرى ئۆزئارا ئايرىم ئايرىم ھەمدە 3 تەرەپ ئورتاق ھەيئەتلەر ئارا ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ باردى.

رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىننىڭ سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى ئالېكساندېر لاۋرېنتىيېۋ ئۇچرىىششلاردا ھۇمۇسنىڭ مۇئەييەن بىر قىسمى ۋە شەرقىي غۇتە رايونىدىكى تۇقۇنۇشتىن خالى رايونلارنىڭ چېگرالىرىنىڭ بەلگىلەنگەنلىكىنى ئېيتتى. 

تۈنۈگۈن ئەتىگەن تېخنىكىلىق مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغاندىن كېيىن تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى مۇئاۋىن مەسلىھەتچىسى سەدات ئونالنىڭ رەھبەرلىكىدىكى تۈركىيە ھەيئىتى، سۈرىيەنىڭ ھەربىي ئۆكتىچىلىرى بىلەن شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى سۈرىيە ئالاھىدە ۋەكىلى سىتاففان دە مىستۇرا بىلەن كۆرۈشتى. بۇ ئارىلىقتا يەنە، رۇسىيە ۋە ئىران ھەيئەتلىرى بىلەن ھەمدە ئەسەد ھۆكۈمىتى ھەيئىتى بىلەنمۇ ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى.

يېغىنغا ئىيوردانىيە ۋە ئامېرىكىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ قاتناشقان بولۇپ، سۈرىيە قوزغىلاڭچىلىرى ھەيئىتى بەزى ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن مەسلىھەت يىغىنىدا ئۇچرىشىش ئېلىپ باردى.

بۈگۈن قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى كايرات ئابدىرەھمانوۋنىڭ رىياسەتچىلىكىدە چاقىرىلىدىغان يىغىندا بارلىق تەرەپلەرنىڭ بىر يەرگە جەم بولۇشى مۆلچەرلەنمەكتە.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر