قازاقىستان كىرىل ئېلپبەسىدىن لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆتۈشكە تەييارلىق قىلماقتا

قازاقىستان پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ، دۆلەت تەۋەلىكىدىكى مەكتەپلەرنىڭ كىرىل ئېلىپبەسىدىن لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆتۈشى توغرىسىدا يوليورۇق چۈشۈردى.

711636
قازاقىستان كىرىل ئېلپبەسىدىن لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆتۈشكە تەييارلىق قىلماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: پىرېزىدېنت نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ قازاقىستاندىكى بىر گېزىتتە ماقالە ئېلان قىلىپ، لاتىنچە يېڭى ئېلىپبە ۋە ئۆلچەملىك شەكىللەرنىڭ مۇشۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە بېكىتىلىپ بولۇشىنىڭ پىلانلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

نەزەربايېۋ ماقالىسىدە، «2018 – يىلىدىن باشلاپ، يېڭى ئېلىپبە بىلەن ئوقۇ – ئوقۇتۇشنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، كەسپىي خادىملارنى يېتىشتۈرۈش ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەر ئۈچۈن لاتىنچە دەرسلىك كىتابلىرىنى بېسىش، ئالدىمىزدىكى ئىككى يىل ئىچىدە بۇ ساھەدە ئىلمىي خىزمەتلەر قىلىش... كېرەك» دېگەن ئىبارىلەرنى ئىشلەتتى.

قازاقىستان پىرېزىدېنتى نۇرسۇلتان نەزەربايېۋ، دەسلەپكى قەدەمدە لاتىن ۋە كىرىل ئېلىپبەسىنى بىرلىكتە قوللىنىشنىڭمۇ مۇمكىنلىكىنى قەيت قىلدى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى سابىق سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقى ئىچىدىكى ئەزەربەيجان، مولدوۋا، تۈركمەنىستان ۋە ئۆزبېكىستانمۇ لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆتكەنىدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆزبېكىستاندا رەسمىي يوسۇندا لاتىن ئېلىپبەسىگە ئۆتۈلگەن بولسىمۇ، كىرىل ئېلىپبەسى كەڭ دائىرىدە ئىستېمال قىلىنماقتا.

سابىق سوۋېت سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيەتلەر ئىتتىپاقىنىڭ مەنسۇپلىرىدىن قىرغىزىستان بىلەن تاجىكىستان ھازىرغىچە كىرىل ئېلىپبەسىنى ئىشتىلىشنى داۋاملاشتۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر