مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ قىبرىس مەسىلىسىدە قويۇق دىپلوماتىك خىزمەتلەر ئېلىپ بارماقتا

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ قىبرىس مەسىلىسى ئۈستىدە ئالاقىدار رەھبەرلەر بىلەن كۆرۈشتى.

705037
مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ قىبرىس مەسىلىسىدە قويۇق دىپلوماتىك خىزمەتلەر ئېلىپ بارماقتا

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ قىبرىس مەسىلىسىدە قويۇق دىپلوماتلىك خىزمەتلەر ئېلىپ بارماقتا.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى مۇستافا ئاكىنجى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ قىبرىس ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى ئېسپېن بارت ئېيدې بىلەن تېلېفوندا كۆرۈشتى.

ئايرىم ھالدا ئېلىپ بېرىلغان كۆرۈشۈشلەردە قىبرىس مۇزاكىرىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى تىلغا ئېلىندى.

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىنىڭ قىبرىس ئالاھىدە مەسلىھەتچىسى ئېيدېنىڭ ساھىبخانلىقىدا شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى جۇمھۇر رەئىسى ئاكىنجى بىلەن قىبرىس رىم تەرىپىنىڭ پىرېزىدېنتى نىكوس ئاناستاسىيادىس  يەكشەنبە كۈنى بىتەرەپ رايوندا ئۇچرىشىپ مۇزاكىرىلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ئۈستىدە مۇزاكىرە ئۆتكۈزگەنىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر