شىۋېتسىيەدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلى دەرسى تەستىقلاندى

شىۋېتسىيەدە 15 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئوقۇۋاتقان خەلقئارالىق باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىلىنى ساقلاپ قالالىشى ئۈچۈن مەخسۇس ئوقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىندى.

673873
شىۋېتسىيەدىكى باشلانغۇچ مەكتەپلەردە ئۇيغۇر تىلى دەرسى تەستىقلاندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ھەر قايسى مىللەت خەلقى ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادى، ئۆرپ- ئادەتلىرى ۋە تىل-يېزىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن مەسچىت، مەكتەپ ۋە مەدەنىيەت مەركەزلىرى قاتارلىق ئورۇنلارنى ئېچىپ كەلمەكتە.

شىۋېتسىيە مائارىپ ئورگانلىرى مەسئۇللىرى مەكتەپلەردىكى چەت ئەللىك بالىلارغا ئانا تىل دەرسى ئۆتۈشكە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ، ئانا تىل ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بەرمەكتە.

شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىمۇ بۇ ئەۋزەللىكلەردىن بەھرىمان قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس ئۇيغۇر تىلى ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلىپ، مەكتەپلەردە ھەپتىدە بىر قانچە سائەت ئۇيغۇر تىلى دەرسى ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىلدى.

شىۋېتسىيەنىڭ پايتەختى ستوكھولىمنىڭ ئاكاللا رايونىدىكى كوردوبا خەلقئارالىق باشلانغۇچ مەكتىپىدە 15 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى ئوقۇۋاتقان بولۇپ، بۇ مەكتەپتىكى ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىڭ ئانا تىلىنى ساقلاپ قالالىشى ئۈچۈن شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى مەسئۇللىرىنىڭ مەكتەپ مۇدىرى بىلەن بىرقانچە قېتىم كۆرۈشۈپ ئالاھىدە كۈچ چىقىرىشى نەتىجىسىدە، ئۇيغۇر تىلى مەكتەپنىڭ چەت ئەل تىلى دەرسلىك تىزىملىكىگە رەسمىي كىرگۈزۈلدى ۋە بىر نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىنىڭ ھەپتىدە 3 سائەت ئۇيغۇرچە دەرس ئۆتۈشى تەستىقلاندى.

ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ئابدۇللاھ كۆكيارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كوردۇبا خەلقئارا باشلانغۇچ مەكتىپىدە ھازىر جەمئىي 15 نەپەر ئۇيغۇر پەرزەنتى بار بولۇپ، بۇلارنىڭ ئانا تىلىنى ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن 2017 -يىلى 13-فېۋرالدىن باشلاپ، ھەرھەپتىنىڭ دۈشەنبە كۈنلىرى 3 سائەت ئويغۇر ئانا تىلى دەرسى ئۈتۈلۈشكە باشلىغان.

ئابدۇللاھ كۆكيار ئەپەندى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بالىلارنىڭ ئۇيغۇرچە دەرسلىكى ئۈچۈن تۈركىيەدىن ئويغۇر تىلى ئېلىپبە كىتابى ئەكەلدۈرگەنلىكىنى، مەكتەپتە ئۇيغۇرچە دەرس ئۈتۈش ئۈچۇن ئۇيغۇر رايونىدا سودا-سانائەت قانۇنى بويىچە باكلاۋۇرلۇقنى پۈتكۈزگەن ئالىي مەلۇماتلىق بىر نەپەر ئۇقۇتقۇچى تەكلىپ قىلىنغانلىقىنى بىلدۈردى

شىۋېتسىيەدە، ئەل-ئەزھەر نامىدىكى يەنە بىر مەكتەپتىمۇ خېلى كۆپ ئۇيغۇر پەرزەنتلىرى ئوقۇيدىغان بولۇپ، بۇ مەكتەپمۇ بىرقانچە يىلدىن بېرى ئۇيغۇر تىلى دەرسى ئۆتۈشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

شىۋېتسىيەدە كۆچمەن مىللەتلەر شىۋېتسىيە قانونىغا خىلاپلىق قىلمىغان ئەھۋالدا، ئۆز دىنى، ئۆرپ- ئادەتلىرى ۋە تىلىنى ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن ئالاھىدە ئىمتىيازلىق ھەق–ھوقۇقلاردىن بەھرىمان بولالايدىغانلىقى مەلۇم. 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر