تۈركمەنىستاندا پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى
تۈركمەنىستاندا پىرېزىدېنت گۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋ ئۈچىنچى قېتىم سايلاندى.
671165
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركمەنىستاندا ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش ئومۇمىي خەلق بېلەت تاشلاش پائالىيىتىدىن كېيىن، تۇنجى قېتىم پىرېزىدېنتلىق سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى. 3 مىليوندىن ئارتۇق ئادەم بېلەت تاشلىغان سايلامدا 9 نامزات رىقابەتكە چۈشتى.
تۈركىيە دېموكراتىيە پارتىيەسىدىن نامزات كۆرسىتىلگەن پىرېزىدېنت بەردىمۇھەممەدوۋ، ئومۇمىي ئاۋازنىڭ %97 ىنى ئېلىپ پىرېزىدېنتلىق ۋەزىپىسىگە قايتىدىن سايلاندى.
10 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيان تۈركمەنىستاننى باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان 59 ياشلىق پىرېزىدېنت گۇربانگۇلى بەردىمۇھەممەدوۋ، يەنە 7 يىل ۋەزىپە ئۆتەيدۇ.
تۈركمەنىستاندىكى ئاخىرقى قېتىملىق ئاساسىي قانۇنغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈش دائىرىسىدە، پىرېزىدېنتنىڭ 5 يىل بولۇپ كېلىۋاتقان ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 7 يىلغا چىقىرىلغانىدى.