ئەزەربەيجان ئەرمېنىيەنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى چۈشۈردى
ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مېنىستىرلىقى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى جاكارلىدى.
611196
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەزەربەيجان ئەرمېنىيەگە تەۋە بىر ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈردى.
ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مېنىستىرلىقى ۋەقە ھەققىدە بايانات ئېلان قىلدى.
باياناتتا، تەرتەر رايونىدىكى ئالدىنقى فىرونت لىنىيەسىدىن ئەزەربەيجانغا قاراپ ئۇچقان ئەرمېنىيەگە تەۋە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ بايقالغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
ئەزەربەيجان دۆلەت مۇداپىئە مېنىستىرلىقى ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننىڭ ئېتىپ چۈشۈرۈۋېتىلگەنلىكىنى جاكارلىدى.