كەركۈكتا چوڭ كوچىدا ئېتىشىش باشلىنىپ كەتتى

ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرى بىرونىۋىكلار ئارقىلىق دائېش ئەزالىرى تۇرۇشلۇق كوچىلارغا بېسىپ كېرىپ توقۇنۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

594757
كەركۈكتا چوڭ كوچىدا ئېتىشىش باشلىنىپ كەتتى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئىراقنىڭ كەركۈك شەھىرىدە تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېش بىلەن ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرى ئوتتۇرىىسدا چوڭ كوچىدىكى توقۇنۇشلار قايتىدىن باشلاندى.

شەھەر مەركىزىدە تۇرۇشلۇق ئانادولۇ ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۇقۇنۇشلار دۇمىز، 1 – ئىيۇن ۋە ئەسرا ماھقۇدىن مەھەللىلىرىدە ئىنتايىن شىددەتلىك تۈس ئالغان ھالدا داۋاملاشماقتا.

ئامانلىقنى ساقلاش قىسىملىرى بىرونىۋىكلار ئارقىلىق دائېش ئەزالىرى تۇرۇشلۇق كوچىلارغا بېسىپ كېرىپ توقۇنۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

تېررورلۇق تەشكىلاتى دائېشنىڭ تۈنۈگۈن يېرىم كېچىدە كەركۈك شەھەر مەركىزى ۋە دىبىس ناھىيەسىدە ئادەم بومبا ھۇجۇمى ئىلىپ بارغانلىقى، ۋەقەدە 17 كىشى ھاياتىدىن ئايرىلىپ، 40 تىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقى بىلدۈرۈلگەن ئىدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر