ئەردوغاننىڭ خىتاي زىيارىتى ۋە ئۇيغۇرلار

پۈتكۈل خەلقئارا جامائەتچىلىككە ئوخشاشلا ئۇيغۇرلارمۇ ئەردوغاننىڭ خىتاي زىيارىتىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلمەكتە.

564497
ئەردوغاننىڭ خىتاي زىيارىتى ۋە ئۇيغۇرلار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ تۈركىيەدىكى 15 – ئىيۇل ھەربىي ئىسيان ئۇرۇنۇشىدىن كېيىنكى خىتاي زىيارىتىگە خەلقئارا جامائەتچىلىك يېقىندىن كۆڭۈل بۆلمەكتە. جۈملىدىن ئۇيغۇرلارمۇ ئەردوغاننىڭ بۇ زىيارىتىنى يېقىندىن كۆزەتمەكتە.

ئەردوغاننىڭ خىتاي زىيارىتى ھارپىسىدا ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تونۇلغان جامائەت ئەربابى ئابدۇلقادىر ياپچان ئەپەندىنىڭ تۇتۇپ كېتىلىشى دىققەت قوزغىماقتا.

مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئابدۇلقادىر ياپچان ئەپەندى 31- ئاۋغۇست چارشەنبە كۈنى كەچتە ئىستانبۇل كۈچۈكچەكمەجە رايونىدىكى كاناريا ساقچىخانىسىغا چاقىرىتىلغان ۋە شۇ يەردە تۇتۇپ قېلىنغان. يېقىنلىرى ئادۋوكات چاقىرغان بولسىمۇ، لېكىن ساقچىلار ئۇلارغا پەقەت ياپچان ئەپەندىنىڭ ئىستانبۇل باكىركۆي ئەدلىيە مەھكىمىسى باش تەپتىشىنىڭ بۇيرۇقىغا ئاساسەن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. قولغا ئېلىش ئۇقتۇرۇشى ياكى باشقا يېزىقچە ھۆججەت كۆرسەتمىگەن.

شۇ رايوندا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇرلاردىن بىر گۇرۇپپا كىشى تۈن بويى كاناريا ساقچىخانىسىنىڭ ئالدىدا يىغىلىپ تاڭ ئاتقۇزغان ۋە ئاممىۋى تاراتقۇلاردا بۇ ھەقتىكى يېڭى ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ تۇرغان ھەمدە بارلىق قېرىنداشلارنى ياپچان ئەپەندىنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرغان.

ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرى دەرھال ھەرىكەتكە ئۆتۈپ، ياپچان ئەپەندىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا مۇراجىئەتنامە سۇنغان.

مۇراجىئەتنامىدە، ياپچان ئەپەندىنىڭ تۇيۇقسىز ۋە سەۋەبسىز تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى، ئۇيغۇر جامائەتچىلىكىنىڭ ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە بولغان كۈچلۈك تەلىپى ۋە ئۈمىدى بايان قىلىنغان.

ئۇيغۇر مەنبەلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر جەمئىيەتلىرى ۋە شەخسلەر تۈركىيە دائىرىلىرىنى ياپچان ئەپەندىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرماقتا.

ئاممىۋى تاراتقۇلاردا، ئۇيغۇر تورداشلار  ياپچان ئەپەندىنىڭ جۇمھۇر رەئىس ئەردوغاننىڭ خىتاينىڭ زىيارىتى ھارپىسىدا تۇيۇقسىز ۋە سەۋەبسىز تۇتۇپ كېتىلىشىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرۈپ، تۈركىيە رەھبەرلىرىدىن ياپچان ئەپەندىنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلماقتا. تۈرك تورداشلارمۇ ئۇيغۇر تورداشلارنى قوللاپ، تۈركىيە دائىرىلىرىنى ئۇيغۇرلارنىڭ تەلىپىگە قۇلاق سېلىشقا چاقىرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر