شىۋېتسىيەدە «ئۇيغۇر مەسجىدى» ئېچىلىدۇ

ئەتە (2016 – يىلى 12 - ئاۋغۇست كۈنى) «ئۇيغۇر مەسجىدى»نىڭ رەسمىي ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. مەسچىدكە ئىمامىنىڭمۇ ئۇيغۇرلاردىن بەلگىلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

549645
شىۋېتسىيەدە «ئۇيغۇر مەسجىدى» ئېچىلىدۇ

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: شىۋېتسىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيشمىسى ۋە تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ بىرلىكتە كۈچ چىقىرىشى نەتىجىسىدە، «ئۇيغۇر مەسجىدى» پۈتۈپ چىقىپ، شىۋېتسىيەدە ياشايدىغان ئۇيغۇرلانىڭ ۋە ھەر قايسى مىللەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ خىزمىتىگە سۇنۇلۈش ئالدىدا تۇرىدۇ. 

شىۋېتسىيەدە 10 يىلدىن بۇيان سىياسىي، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ۋە تەلىم – تەربىيە قاتارلىق  نۇرغۇنلىغان ساھەلەردىكى ئاكتىپ پائالىيەتلىرى ئارقىلىق  شىۋېتسىيەدە ياشايدىغان ھەر قايسى مىللەت مۇسۇلمانلىرىنىڭ، بولۇپمۇ تۈركىي مىللەتلەرنىڭ قەلبىدە تەخت قۇرۇپ كېلىۋاتقان ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيشمىسى بىلەن تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزى، رايوندا تۇرۇشلۇق مۇسۇلمانلارنىڭ جامەگە بولغان جىددىي ئىھتىياجىنى شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنى بىر يەرگە جەم قىلىش ۋە ئىتتىپاقلاشتۇرۇشنى  كۆزدە تۇتۇپ، ئۆتكەن يىلى ھەرىكەتكە ئۆتكەن ئىدى.

تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ يېقىندىن قوللاپ - قۇۋۋەتلىشى بىلەن، ئەمدىلىكتە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەر ھەپتىلىك جۈمە نامىزى ۋە كۈندىلىك نامازلارنى توپلىشىپ بىر يەردە ئوقۇيالىشى ئۈچۈن شىۋېتسىيەدىكى ئۇيغۇرلار تارىخىدا تۇنجى «ئۇيغۇر مەسجىدى» پۈتۈپ چىققان بولدى.

مەسسچىدنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە كېرەكلىك ئەسلىھەلىرى ئۈچۈن فوند توپلاش، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىدىن رۇخسەت ئېلىش قاتارلىق ئالدىنقى خىزمەتلەرنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملىغاندىن كېيىن، شەھەرنىڭ ئاۋات مەركەزلىرىدىن بىرسىدە بىنا ئىجارىگە ئېلىنىپ، قىسغىنە ۋاقىت ئىچىدە ناماز ئوقۇشقا تەييار «ئۇيغۇر مەسجىدى»گە ئايلاندۇرۇلدى. مەسجىدتە بىرلا ۋاقىتتا 300 كىشى ناماز ئوقۇيالايدۇ.

ئەتە (2016 – يىلى  12 - ئاۋغۇست كۈنى) «ئۇيغۇر مەسجىدى»نىڭ رەسمىي ئېچىلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلىدۇ. مەسجىدكە ئىمامىنىڭمۇ ئۇيغۇرلاردىن بەلگىلىنىشى مۆلچەرلەنمەكتە.

بۇ خۇشاللىنارلىق خەۋەر يالغۇز شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىلا ئەمەس، بەلكى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇرلارنىمۇ چوڭقۇر شادلىققا چۆمدۈردى. دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئئۇيغۇر مائارىپ ئۇيشمىسى بىلەن تەكلىماكان ئىسلام مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ بۇ نەتىجىلىك خىزمىتى ئۈچۈن دۇئا - تىلەكلىرى ۋە تەبرىكلىرىنى يوللىدى.   



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر