شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە فەتھۇللاھچىلارغا قارشى چوڭ يېغىلىش ئۆتكۈزۈلدى

يېغىلىشقا تەخمىنەن 10 مىڭ كىشى قاتناشقان بولۇپ، تۇركىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى تۇغرۇل تۈركەش جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ مەكتۇبىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

546153
شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە فەتھۇللاھچىلارغا قارشى چوڭ يېغىلىش ئۆتكۈزۈلدى
yildirim.jpg

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:  شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى لوفكوشادا فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسى (FETÖ/PDY)نىڭ ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ھەرىكىتىگە قارشى تۇرۇش ۋە دېموكراتىيەنى قوغداش يېغىلىشى ئۆتكۈزۈلدى.

فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسى (FETÖ/PDY)نىڭ ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ھەرىكىتىنى ئەيىبلەپ، تۈركىيە خەلقىنىڭ يېنىدا ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىش مەقسىتىدە، سارايئۆنۈ مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن يېىغىلىشقا، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى باش مىنىستىرى ھۇسەين ئۆزگۈرگۈن، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتى مۇئاۋىن باش مىنىستىرى سەردار دەنكتاش، شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ 3 – جۇمھۇر رەئىسى دەرۋىش ئەرئوغلۇ، تۈركىيەنىڭ مۇئاۋىن باش مىنىستىرى تۇغرۇل تۈركەش، تۈركىيەنىڭ لوفكوشادا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دەريا كانباي ۋە نۇرغۇن ساندا ئاممىۋى تەشكىلات ۋەكىللىرى قاتناشتى. 

يېغىلىشقا تەخمىنەن 10 مىڭ كىشى قاتناشقان بولۇپ، تۇركىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى تۇغرۇل تۈركەش جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ مەكتۇبىنى ئوقۇپ ئۆتتى.

مەكتۇپتا ئەردوغان، تارىخىمىزدىكى بۇ ئەڭ پەسكەش، ئەڭ خائىن، ئەڭ مەخپىي ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە تېررورلۇق ھۇجۇمى ۋە ئىشغالىيەتكە ئۇرۇنۇش ھەرىكىتى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خەلقنىڭ قەتئىي ئىشەنچىسى، قورقۇمسىز يۈرىكى ۋە جاسارىتى بىلەن ئۆز كەلگۈسىگە ئىگە چىقىپ، ھەربىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنغان فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەربىي فورمىغا ئورۇنىۋالغان تېررورچىلىرىغا قەتئىي يول قويمىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

مەكتۇپتا، شۇ كېچىسى جانلىرىنى ئالقىنىغا ئېلىپ قويۇپ، كوچىلارغا ۋە مەيدانلارغا يۈگۈرگەن، قوراللارغا، تانكىلارغا، تىك ئۇچارلارغا ۋە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرىغا قورقۇمسىز كۆكرەك كېرگەن تۈرك خەلقىنىڭ پۈتۈن دۇنياغا ئۈلگە بولىدىغان بىر قەھرىمانلىق يارتقانلىقىنى تىلغا ئالغان جۇمھۇر رەئىس ئەردوغان، «دېموكراتىيەنىڭ، ھەق – ھوقۇق، ئەركىنلىك ۋە قانۇن دۆلىتىنىڭ قانداق قوغدىلىدىغانلىقىنى كۆرۈشنى خالايدىغانلار، 15 – ئىيۇل كېچىسى تۈركىيەدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەرگە قارىشى لازىم. شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدىكى سىز قېرىنداشلىرىمىزنىڭ چىن يۈرەكتىن قىلغان دۇئالىرى بىلەن شۇ كېچىدىن بېرى بىزلەرنىڭ يېنىمىزدا تۇرۇپ كلىۋاتقانىڭلارنى بىلىمىز. تۈركىيەنىڭ فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا ۋە قۇيرۇقچىلىرىغا قارشى كۈرىشىدە شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدىكى قېرىداشلىرىمىزنىڭ بىزنى ئەڭ كۈچلۈك شەكىلدە قوللاپ - قۇۋۋەتلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز» دېدى.

تۈركىيە باش مىنىستىرى بىنالى يىلدىرىممۇ يىغىلىشتا ۋېدىئولۇق نۇتۇق سۆزلىدى ۋە قىبرىس خەلقىگە رەخمەت ئېيتتى.

باش مىنىستىر بىنالى يىلدىرىم كەڭ خەلقنىڭ ئۆز كەلگۈسىگە ئىگە چىقىش ئارقىلىق فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسى (FETÖ/PDY)نىڭ 15 – ئىيۇلدىكى ھەربىي - سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ھەرىكىتىنى مەغلۇپ قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

بىنالى يىلدىرىم: «خەلقنىڭ كۈچى غالىپ كەلدى. بولۇپمۇ شىمالىي قىبرىسلىق قېرىنداشلىرىمىزغا رەخمەت ئېيتىمىز. بىز بىلەن ئوخشاش ھېس – تۇيغۇ ئىچىدە بولدۇڭلار، ئوخشاش ئازابلاندىڭلار، ۋەقە يۈز بەرگەن تۈنجى كۈنىدىن باشلاپ كۆز – قۇلۇقىڭلار تۈركىيەدە بولدى.  «نېمە كېرەك بولسا مانا بىز تەييار» دېگەن سۆزلىرىڭلارنى يوللىدىڭلار. ھۆرمەتلىك باش مىنىستىر قېرىندىشىم ھۇسەيىن ئەپەندىمۇ تۈركىيەگە كەلدى ۋە بىز بىلەن ھەمكارلىق ئىچىدە ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدى. قېرىنداشلىق مانا مۇشۇنداق بولىدۇ. يامان كۈندە مەلۇم بولىدۇ. سىلەر يەنە بىر قېتىم كېچىك ۋەتەن بىلەن ئانا ۋەتەننىڭ گۆش بىلەن تىرناققا ئوخشاش بىر پۈتۈن ئىكەنلىكىنى نامايان قىلدىڭلار، تۈركىيە خەلقى نامىدىن سىلەرگە رەخمەت ئېيتىمەن» دېدى.

بىنالى يىلدىرىم: «بۇ ۋەقە قانداقسىگە تۈركىيەدە ھېچ بىر پارتىيە ئايرىماستىن، 79 مىليون خەلقنى بىرلەشتۈرگەن بولسا، بايرىقىنى قولىغا ئالغان ھەر بىر كىشى مەيدانلارغا يۈگۈرۈپ دېموكراتىيەنى قوغداش نۆۋىتىنى باشلىغان بولسا، قىبرىستىمۇ شۇنداق بولدى. قىبرىستىمۇ بارلىق رەڭلەر، بارچە پەرقلىق پىكىرلەر، پۈتۈن سىياسىي ئوخشىماسلىقلار بىر چەتكە قايرىپ تاشلىنىپ، ھەممەيلەن مەيدانلارغا يۈگۈردى. گۈنكى بايرىقىمىز، تىلىمىز، دىنىمىز بىر. بىز ئوخشاش بولمىغان يەردە ياشىساقمۇ ئوخشاش بىرلا خەلقمىز. سىلەر ھەرگىز ئەنسىرىمەڭلار، ناۋادا قىبرىسنىڭ بېشىغىمۇ شۇنداق ئىش كېلىپ قېلىش ئېھتىمالى كۆرۈلسە، بىلىپ قويۇڭلاركى، شۇ ھامان يېنىڭلاردا، شاھ تومۇرۇڭلاردىنمۇ يېقىن تۈركىيە بار» دېدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر