مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ماقالىسى «Al Jazeera International» دا ئېلان قىلىندى

چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا مەسئۇللىرىغا خىتاب قىلىپ، «ئامېرىكىنىڭ پوزىتسىيەسى ئىككى مۇھىم ئىتتىپاقداش دۆلەتنىڭ كەلگۈسى مۇناسىۋەتلىرىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ» دەپ سىگنال بەردى.

537951
مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇنىڭ ماقالىسى «Al Jazeera International» دا ئېلان قىلىندى

 

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ دېموكراتىيەنى قوغداپ قالغانلارنىڭ ھەربىي ئۆزگىرىشكە قارشى بىر يەرگە جەم بولغان ئادەتتىكى پۇقرالار ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. 

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ «Al Jazeera International» قانىلى ئۈچۈن «تۈركىيە ۋە ئادەتتىكى قەھرىمانلارنىڭ كېچىسى» سەرلەۋھىلىك ماقالە يازدى.

مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ ماقالىسىدا، فەتھۇللاھچى تېررورلۇق تەشكىلاتى پاراللېل دۆلەت قۇرۇلمىسى (fetö/pdy)نىڭ مەغلۇپ بولغان ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاش ئۇرۇنىشى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ  ئىجتىمائىي تاراتقلاردا تارقىلىشى بىلەن تەڭ پۈتۈن خەلق ئاممىسىنىڭ قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى تاشلاپ قويۇپ، كوچىلارغا قاراپ ئاققانلىقىنى، ھەربىي ئىسيان  5 – سائىتىگە قەدەم قويغاندا، خەلقنى باستۇرۇش ئۈچۈن كوچىلارغا يوللانغان تانكىلارنىڭ خەلق تەرىپىدىن قورشىۋېلىنغانلىقىنى، خەلقنىڭ دېموكراتىك تۈزۈمنىڭ بوزۇلىشىغا يول قويمىغانلىقىنى، خەلققە ئوق چىقارغان ئەسكەرلەرنىڭ قوراللىرىنى تاشلاپ تەسلىم بولغانلىقىنى ۋە ھەربىي – سىياسىي ئۆزگىرىش قوزغاشقا ئۇرۇنۇش ھەرىكىتىنىڭ مەغلۇبىيەت بىلەن تاماملانغانلىقىنى تەكىتلىدى.

تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسى (پارلامېنتى)دىكى بارلىق سىياسىي پارتىيەلەر بىرلىشىپ، مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىتىلغان ھەربىي ئۆزگىرىشنى ئورتاق ئەيبىلىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن مەۋلۈت چاۋۇشئوغلۇ،  «تۈركىيەنىڭ دېموكراتىيەسى يەنە بىر قېتىم ئۆزىنىڭ يېتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى» دېدى.

چاۋۇشئوغلۇ ماقالىسىدا، تانكىلارنىڭ ئالدىغا تېكىلىپ دېموكراتىك ھەق – ھوقۇقلىرىنى جاسارەت بىلەن جاكارلىغان كىشىلەردىن 179 كىشى بولۇپ، جەمئىي 246 پۇقرانىڭ بۇ تېررولۇق ھۇجۇمىدا ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، 2 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىدار بولغانلىقىنى، ھەربىي ئىسيانغا ئۇرۇنۇشتىن كېيىن قولغا ئېلىنغان ۋە نەزەربەنت قىلىنغانلارنىڭ ئاقرارنامىلىرىدا بولسا، بۇ ھۇجۇمنى فەتھۇللاھ گۇلەن تېررولۇق تەشكىلاتىنىڭ قىلغانلىقى ئىسپاتلانغانلىقىنى بىلدۈردى. 

چاۋۇشئوغلۇ ئامېرىكا مەسئۇللىرىغا خىتاب قىلىپ، «ئامېرىكىنىڭ پوزىتسىيەسى ئىككى مۇھىم ئىتتىپاقداش دۆلەتنىڭ كەلگۈسى مۇناسىۋەتلىرىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ» دەپ سىگنال بەردى.

چاۋۇشئوغۇ ماقالىسىدا، ھەر خىل جىنايەت ۋە گۇمان بىلەن سوتقا تارتىش ئۈچۈن تۈركىيە تەرىپىدىن تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلغان فەتھۇلاھ گۇلەننىڭ ئامېرىكىنىڭ جەنۇبىدىكى پەنسىلۋانىيا ئىشتاتىدا ياشايدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «ئامېرىكا شۇنداقتىمۇ ئۇنى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بەرمەي، ئىقامەت كېنىشكىسىنىڭ ۋاقىتىنى ئۇزارتىپ بېرىشىنى داۋاملاشتۇرماقتا» دېدى.

ئامېرىكىنىڭ فەتھۇللاھ گۇلەننى ساقلاپ قېلىشتا چىڭ تۇرۇشىنىڭ تۈركىيە خەلقىنى چۆچۈتكەنلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن چاۋۇشئوغلۇ، تۈركىيە ھۆكۈمىتى بولۇش سۈپىتى بىلەن گۇلەننى سوتقا چىقىرىش ئۈچۈن قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

تۈركىيە خەلقىنىڭ ئامېرىكىدىن فەتھۇللاھ گۇلەننى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىشىنى ئۇمىت قىلدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن چاۋۇشئوغلۇ، «بۇنداق ھەل قىلغۇچ مۇھىم ئەھمىيەتكە مەسىلىدە، ئامېرىكىنىڭ تۇتقان پوزىتسىيەسى ئىككى مۇھىم ئىتتىپاقداش دۆلەتنىڭ كەلگۈسى مۇناسىۋەتلىرىنى شەكىلەندۈرىدۇ»دېگەن قارىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

گۈلەن ۋە ئۇنىڭ تېررولۇق تەشكىلاتلىرىغا قىلىنىدىغان ھەر قانداق ياردەمنىڭ تۈركىيە بىلەن ئامېرىكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرگە قەتئىي ياراشمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن چاۇۋشئوغلۇ «ئامېرىكا مەسئۇللىرىدىن شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىدىكى شېرىكى بولغان تۈركىيە بىلەن ھەمكارلىشىشىنى، گۈلەن تېررولۇق تەشكىلاتىنىڭ ۋە باشقا  ئورگانلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلىشىنى ھەمدە گۈلەننى تۈركىيەگە قايتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن بالدۇرراق ھەرىكەتكە ئۆتىشىنى كۈتمەكتىمىز» دېگەن سۆزلەرنى ئىشلەتتى.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر