ئۇيغۇر دىنىي ئالىملارنىڭ مەسىلىسى ئەھلى سۈننەت ئالىملىرى بىرلىكىنىڭ يىغىنىدا كۈنتەرتىپكە كەلدى

دوكتور ئابدۇلخالىق ئۇيغۇر، ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئەقىدە، ئېتىقادى، تۈرمۈش شەكلى ۋە نۆۋەتتىكى قېيىنچىلىقلىرى ھەمدە دىني ئالىملىرى دۈچ كېلىۋاتقان بېسىملار ئۈستىدە لېكسىيە سۆزلىدى.

513296
ئۇيغۇر دىنىي ئالىملارنىڭ مەسىلىسى ئەھلى سۈننەت ئالىملىرى بىرلىكىنىڭ يىغىنىدا كۈنتەرتىپكە كەلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەھلى سۈننەت ئالىملىرى بىرلىكىنىڭ يىغىنىغا ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭمۇ قاتناشقانلىقى تور گېزىتلىرى ۋە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا خەۋەر قىلىندى.

خەۋەردە مۇنۇلار قەيت قىلىندى:

ئەھلى سۈننەت ئالىملىرى بىرلىكىنىڭ ئىفتار زىياپىتى ئۇچرىشىشىدا، ئۇيغۇر تۈركلىرى دۈچ كېلىۋاتقان دىنىي بېسىملار ۋە تۈرمىلەردىكى ناھەقچىلىقلار كۈنتەرتىپكە كەلدى.

ئىستانبۇلدا ئەھلى سۈننەت ئالىملىرى بىرلىكى تەرىپىدىن چاقىرىلغان ئىفتار زىياپىتى ئۇچرىشىشى يىغىنىغا ئۇيغۇر تۈركلىرىگە ۋاكالىتەن «شەرقىي تۈركىستان ئالىملار بىرلىكى»نىڭ قۇرغۇچى ئىجرائىيە كومىتېتى ئەزاسى شۇنداقلا «سۇتۇق بۇغراخان ئىلىم ۋە مەدەنىيەت فوندى  جەمئىيىتى»نىڭ رەئىسى دوكتور ئابدۇلخالىق ئۇيغۇر قاتناشتى.

دوكتور ئابدۇلخالىق ئۇيغۇر، ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئەقىدە، ئېتىقادى، تۈرمۈش شەكلى ۋە نۆۋەتتىكى قېيىنچىلىقلىرى ھەمدە دىني ئالىملىرى دۈچ كېلىۋاتقان بېسىملار ئۈستىدە لېكسىيە سۆزلىدى. خىتاي تۈرمىلىرىدە ئۆلتۈرۈلگەن ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئۆلىملارنىڭ كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلاتتى.

ئۇيغۇر ئالىملارنىڭ باشتىن كەچۈرگەن سەرگۈزەشتلىرى يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنى قاتتىق تەسىرلەندۈدى.

يىغىندا يەنە ئىراق، سۈرىيە ۋە يەمەندىكىگە ئوخشاش ئۇيغۇر تۈركلىرى رايونىدىمۇ مەزھەپ پىتنىلىرى ۋە ئېتىقادىي بۇزغۇنچىلىقلارنىڭ قەستەن پەيدا قىلىنىۋاتقانلىقى مۇزاكىرە قىلىندى.

ئاخىرىدا ئىسلام دۇنياسىنىڭ دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەردىن قۇتۇلالىشى ئۈچۈن باشقىلارغا ئىلتىجا قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئالىملار ئارىسىدا تەپرىقچىلىق ۋە ئايرىمچىلىقنى يوقۇتۇپ، بارلىق ساھەلەردە بىرلىك ۋە باراۋەرلىكىنى بەرپا قىلىپ،  ئۆز مەسىلىسىنى ئۆزى ھەل قىلىدىغان ئاڭنى يۈكسەلتىش كېرەكلىكى جەھەتتە پىكىر بىردەكلىكى ھاسىل قىلىندى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر