قىرىم تاتارلىرىدىن 15 كىشى يوقاپ كەتتى
قىرىم تاتارلىرى مىللىي مەجلىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى نارىمان جەلالوۋ رۇسىيە قىرىمنى بېسىۋالغاندىن بۇيان يېرىم ئارالدا تەخمىنەن 15 تاتارنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى ئېيتتى.
![قىرىم تاتارلىرىدىن 15 كىشى يوقاپ كەتتى](http://cdn.trt.net.tr/images/xlarge/rectangle/47ea/bb59/cb7f/575f8799c47a0.jpg?time=1719277243)
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: «‹ Svoboda› رادىيوسى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جەلالوۋنىڭ ئېيتىشىچە، رۇسىيە قىرىمنى بېسىۋالغاندىن كېيىن بەزى تاتارلار يا تۇتۇپ كېتىلگەن ياكى ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن، يېقىندا يوقاپ كەتكەن ئەرۋىن ئىبراھىموۋ ئىسىملىك تاتار ئەمدىلا سىياسىي پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ تۇتۇپ كېتىلىشىنىڭ پەردە ئارقىسىدا سىياسەتكە كۆڭۈل بۆلىدىغان قىرىم تاتارلىرىنى چۆچۈتۈپ قويۇش نىيىتىنىڭ يېتىش ئېھتىماللىقى بار ئىكەن.
ئىبراھىموۋ 24 – ماي كۈنى يوقاپ كەتكەندىن كېيىن ئاپتوموبىلى ئۆيىنىڭ ئەتراپىدىن تېپىلغان، كېيىنچە رۇس قاتناش ساقچىلىرىنىڭ كىيىمى كىيگەن كىشىلەرنىڭ ئۇنى تۇتۇپ كەتكەن كۆرۈنۈشلەر ئوتتۇرىغا چىققان، قىرىمدىكى رۇس تەپتىش مەھكىمىسى بىلەن رۇسىيە فېدېرال بىخەتەرلىك ئورگىنى ۋەقەنىڭ تەكشۈرۈلۈشى ئۈچۈن سۇنۇلغان ئىلتىماسنى قوبۇل قىلمىغانىدى.