ئەزەربەيجان - تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە

قېرىنداش دۆلەت ئەزەربەيجان بىلەن تۈركىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر بارغانسېرى تەرەققىي قىلماقتا.

441845
ئەزەربەيجان - تۈركىيە مۇناسىۋەتلىرى بارغانسېرى كۈچەيمەكتە
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ساياھەت ساھەسىدىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى پىلانلاۋاتقان ۋە 2016 – يىلنى «ساياھەت يىلى» قىلىپ بېكىتكەن ئەزەربەيجان ئىستانبۇلدا ساياھەت بىيۇروسى ئاچتى.
«سىزمۇ ئەزەربەيجاننى كۆرۈپ كېلىڭ» شوئارى ئاستىدا سەپەرگە ئاتلانغان ئەزەربەيجاننىڭ ئىستانبۇلدىكى ساياھەت بىيۇروسى ئارقىلىق ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش نىشان قىلىنماقتا. ئەزەربەيجانلىقلار ساياھەت، مەدەنىيەت ۋە تاغ ساياھەتچىلىكى جەھەتتىكى ئەۋزەللىكلىرىدىن تۈركىيەلىك قېرىنداشلىرىنىڭمۇ بەھرىمەن بولۇشىنى كۈتمەكتە.


مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر