ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىقى يىغىنىدا ئۇيغۇرلارمۇ سۆز قىلدى

خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە ئەتراپلىق توختالغان سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندىنىڭ نۇتىقى يىغىن قاتناشقۇچىلىرى تەرىپىدىن زور ئالقىشقا ئېرىشتى.

440199
ياۋروپا ئىتتىپاقى ئەزالىقى يىغىنىدا ئۇيغۇرلارمۇ سۆز قىلدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىق يىغىنىدا ئۇيغۇر مەسىلىسى كۈنتەرتىپكە كەلدى.

قەيسەرىدىكى قادىر خاس كونفېرانس زالىدا ئۆتكۈزۈلگەن «تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزالىق باسقۇچى ۋە ئاممىۋىي تەشكىلاتلار بىلەن دىيالوگ» تېمىلىق چوڭ يىغىنغا «شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتى» باشلىقى سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندىمۇ قاتناشتى.
يىغىنغا تۈركىيە ياۋروپا ئىشلىرى مىنىستىرى ۋە باش مۇزاكىرىچى ۋولقان بوزقىر ۋە نۇرغۇن ساندا ئاممىۋى تەشكىلاتلار ۋەكىللىرى قاتناشقان بولۇپ، سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندى ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلىدى.
خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى ھەققىدە ئەتراپلىق توختالغان سىيىت تۈمتۈرك ئەپەندىنىڭ نۇتىقى يىغىن قاتناشقۇچىلىرى تەرىپىدىن زور ئالقىشقا ئېرىشتى.
يىغىن ئاخىرىدا تۈركىيە ياۋروپا ئىشلىرى مىنىستىرى ۋە باش مۇزاكىرىچى ۋولقان بوزقىر بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە خانىم ھەققىدە يېزىلغان «ئازادلىقنى تەلەپ قىلىدىغان ئانا» ناملىق كىتاپنى تەقدىم قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر