تەڭرىتاغلىق تۈركچىلەر جەمئىيىتى غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلىدى

ئەنقەرەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «تەڭرىتاغلىق تۈركچىلەر جەمئىيىتى» غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 19- يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزدى

429813
تەڭرىتاغلىق تۈركچىلەر جەمئىيىتى غۇلجا ۋەقەسىنى خاتىرىلىدى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: ئەنقەرەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «تەڭرىتاغلىق تۈركچىلەر جەمئىيىتى» غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 19- يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن 5- فېۋرال جۈمە ۋە 6- فېۋرال شەنبە كۈنلىرى مەخسۇس پائالىيەت ئېلىپ باردى.

جۈمە كۈنى ئەنقەرەدىكى زەپەر مەيدانىدا پىلاكاتلارنى ئېچىپ، مەيداندىن ئۆتكەن كىشىلەرگە غۇلجا ۋەقەسى ۋە ئۇيغۇرلار توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن «تەڭرىتاغلىق تۈركچىلەر جەمئىيىتى» نىڭ غوللۇق ئەزاسى ئالپەرەن تونگوت رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «جۈمە كۈنى ئەنقەرەدىكى زەپەر مەيدانىدا 1000 دانە تەشۋىقات ۋەرەقىسى تارقاتتۇق، يولدىن ئۆتكەن – كەچكەنلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدىن مەلۇمات بەردۇق. بىز ئۇ كۈنى ھېچبولمىغاندىمۇ 50- 40 مىڭ كىشىنى غۇلجا ۋەقەسى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەلۇماتقا ئىگە قىلدۇق» دېدى.

ئالپەرەن تونگۇت 6- فېۋرال كۈنى ئەنقەرە ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ئەركىن ئەمەتنى «تەڭرىتاغلىق تۈركچىلەر جەمئىيىتى» گە تەكلىپ قىلىپ، «غۇلجا ۋەقەسىنىڭ 19 – يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈركىستاننىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى» دېگەن تېمىدا يىغىن ئۆتكۈزگەنلىكلىرىنى، يىغىننىڭ ناھايىتى ئۇتۇقلۇق بولغانلىقىنى قەيت قىلدى.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر