2 ئۇيغۇر ئۆلۈمگە، 1 ئۇيغۇر مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

قەشقەر ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى، قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئىمامى «ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زات» جۈمە تاھىرنى ئۆلتۈرۈش ۋە ئۆلتۈرۈش ۋەقەسىگە چېتىشلىقى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن بىر تۈركۈم كىشىلەر ئۈستىدىن ھۆكۈم ئېلان قىلدى.

142920
2 ئۇيغۇر ئۆلۈمگە، 1 ئۇيغۇر مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: خىتاي دائىرىلىرى، ھۆكۈمەتكە يېقىنلىقى بىلەن تونۇلغان قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئىمامى جۈمە تاھىرنى ئۆلتۈرۈش دېلوسىغا چېتىشلىقى بارلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن 2 كىشىنى ئۆلۈم جازاسىغا، بىر كىشىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

ھۆكۈمەت تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان تەڭرىتاغ خەۋەرلەر تورىنىڭ خەۋىرىگە كۆرە، قەشقەر ئوتتورا خەلق سوت مەھكىمىسى تۈنۈگۈن (يەكشەنبە) غېنى ھەسەن ۋە نۇرمۇھەممەد ئابلىمىتنى قەستەن ئادەم ئۆلتۈرۈش جىنايىتى سادىر قىلىشتىن سىرت، تېررورلۇق تەشكىلاتى قۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا رەھبەرلىك قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەپ ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلغان.

خىتاي دۆلەت مېدىياسى، 18 ياشلىق غېنى ھەسەننىڭ سۇيىقەستنىڭ باش پىلانلىغۇچىسى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلدى.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىمۇ تۈنۈگۈن (يەكشەنبە كۈنى) تارقاتقان خەۋىرىدە، غېنى ھەسەننىڭ ئاشقۇن دىنىي ئېقىمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقى ۋە «ۋەتەنپەرۋەر دىنىي زاتلار» نى ئۆلتۈرۈشنى مەشىق قىلغان بىر ‹شايكا› غا رەھبەرلىك قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەنىدى.

خەۋەردە يەنە، سوت مەھكىمىسىنىڭ ئاتاۋۇللاھ تۇرسۇن ئىسىملىك ئۈچىنچى بىر كىشىنى تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتنىشىش بىلەن ئەيىبلەپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقى بىلدۈرۈلدى.

خىتاي مېدىياسى، نۇرمۇھەممەد ئابلىمىت ۋە باشقا ئىككى كىشىنىڭ 30- ئىيۇل كۈنى بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار ھۆكۈمەت ۋە ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرىغا قارشى زوراۋانلىق ھەرىكەتلىرىنى سادىر قىلىۋاتقان پەيتلەردە ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئىمامى جۈمە تاھىر (74 ياش) نى بامدات نامىزىدىن كېيىن ئۆلتۈرۈپ تاشلىغانلىقىنى، نۇرمۇھەممەد ئابلىمىتنىڭ تىرىك قولغا چۈشكەنلىكى، باشقا ئىككى كىشىنىڭ نەق مەيداندا ساقچىلار تەرىپىدىن ئېتىپ تاشلانغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.

ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىنقى 18 ئاي ئىچىدە يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە 400 گە يېقىن ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى بىلدۈرۈلمەكتە.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر