داۋۇتئوغلۇ شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدە زىيارەتتە بولىدۇ
داۋۇتئوغلۇ، ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن باش مىنىستىر سۈپىتىدە چەتئەل زىيارىتىنى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدىن باشلايدۇ
119240
تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: داۋۇتئوغلۇ، ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن باش مىنىستىر سۈپىتىدە چەتئەل زىيارىتىنى شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدىن باشلايدۇ.
باش مىنىستىر ئەھمەت داۋۇتئوغلۇ، 16 – سېنتەبىر كۈنى دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىگە يۈرۈپ كېتىدۇ.
داۋۇتئوغلۇ، كىچىك ۋەتەن شىمالىي قىبرىس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدىكى ئۇچرىشىشلىرىنى تاماملىغاندىن كېيىن 19 – سېنتەبىر كۈنى ئەزەربەيجانغا قاراپ يولغا چىقىدۇ.
باش مىنىستىر داۋۇتئوغلۇ، ئەزەربەيجاندا جەنۇبىي كاۋكاز تەبىئىي گاز كارىدورى قۇرۇلۇشىنىڭ ئىش باشلاش مۇراسىمىغا ئىشتىراك قىلىدۇ.