ئۇيغۇر تۈركلىرى ئىنساندەك ياشاشنى ئارزۇ قىلىدۇ

سىيت تۈمتۈرك ئەپەندى ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئىنساندەك ياشاش ھوقۇقىغا ئېرىشىشتىن باشقىنى تەلەپ قىلمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

105463
ئۇيغۇر تۈركلىرى ئىنساندەك ياشاشنى ئارزۇ قىلىدۇ

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى: دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سىيت تۈمتۈرك: «ئۇيغۇر تۈركلىرى ئۆز ۋەتىنىدە ياشاش ھوقۇقى، دىن ۋە ئەركىنلىكنىڭ ھۆرلۈكى، ساياھەت قىلىش ئەركىنلىكى، مائارىپ ئەركىنلىكى ۋە ئىنسانىيەت نەسلىنىڭ داۋامى بولغان كۆپىيىش ھوقۇقى قاتارلىقلارغا قويۇلغان چەكلىمىلەرنىڭ ئەمەلدىن قالدۇرۇلۇپ، ئىنساندەك ياشاشنى ئارزۇ قىلىدۇ» دېدى.
ئانادولۇ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان سىيت تۈمتۈرك، خەلق تەرىپىدىن 12 – جۇمھۇر رەئىسلىكىگە سايلانغان رەجەپ تاييىپ ئەردوغاننىڭ باش مىنىستىرلىك دەۋرىدە ئۆزلىرىگە ئىلھام مەنبەسى بولغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بۇندىن كېيىنمۇ ئۇيغۇر رايونىغا مۇناسىۋەتلىك تېخىمۇ كەسكىن ۋە تېخىمۇ قەتئىي قارارلارنىڭ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقلىرىنى بىلدۈردى. ئۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى بېسىملىق ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ئاياق – ئاستى قىلغان سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلىپ، ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ خاتىرجەملىك ۋە ئەركىن ياشاشتىن باشقا نەرسە تەلەپ قىلمايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى. ئۇ پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆزى غەززەگە مەركەزلەشكەن ۋاقىتتا، ئۇيغۇر رايونىدا نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ بىر كۈندە ھاياتىدىن ئايرىلغانلىقىنى، ئەمما دۇنيانىڭ بۇنى كۆرمىگەنلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ بۇ ھەقتە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بولسۇن، ياكى ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋەياكى ئىسلام ھەمكارلىق تەشكىلاتى بولسۇن ئاۋاز چىقارمىغانلىقىنى؛ بۇ پەرۋاسىزلىقنى ئۆزلىرىنىڭ ھەيرانلىق ئىچىدە كۆزەتكەنلىكلىرىنى تەكىتلىدى.
ئۇيغۇر رايونىدا ئاپتونومىيە قانۇنى ئىجرا قىلىنمايدۇ
سىيت تۈمتۈرك: «ئۇيغۇر رايونىنىڭ ئاپتونومىيە قانۇنى بار. ئەمما، ناھايىتى ئەپسۇسكى بۇ ئاساسىي قانۇننىڭ ئىچى قۇرۇق بولۇپ، ھېچقانداق ماددىسى ئىجرا قىلىنمايدۇ. تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئىچى قۇرۇقدالغان بۇ ئاساسىي قانۇن ئۈچۈن زۆرۈر قەدەملەرنىڭ تاشلىنىشى ۋە ئىجرا قىلىنىشى توغرىسىدا خىتاينى ئاگاھلاندۇرۇشى، ھەمدە ئۇ يەردىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەق – ھوقۇقىغا ئىگە چىقىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر