رۇسىيە، قىرغىزىستانغا ياردەم قىلىشنى قارار قىلدى

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتى ئالمازبېك ئاتامبايېۋ تۈنۈگۈن رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە رۇسىيە پىرېزىدېنتى ۋىلادىمىر پۇتىن بىلەن كۆرۈشتى.

87803
رۇسىيە، قىرغىزىستانغا ياردەم قىلىشنى قارار قىلدى

قىرغىزىستان پىرېزىدېنتلىق مەھكىمىسىنىڭ مەتبۇئات ئىشلىرى ئىشخانىسى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان باياناتتا، ئاتامبايېۋ – پۇتىن ئۇچرىشىشىدا ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ راۋاجلاندۇرۇلۇشى مەسىلىسىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنغانلىقى ئەسكەرتىلىش بىلەن بىرگە، ئىككى دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە بولۇشىغىمۇ يۇقىرى باھا بېرىلگەنلىكى بىلدۈرۈلدى. ئاتامبايېۋنىڭ، قىرغىزىستاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكى ۋە دوستى رۇسىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىنى ساغلام ۋە ئىزچىل كۈچلەندۈرۈش شۇنداقلا گۈللەندۈرۈش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى تەكىتلىگەنلىكى قەيت قىلىندى.
رۇسىيە، بېلارۇسىيە ۋە قازاقىستان ئەزا بولغان تاموژنا بىرلىكىگە ئەزا بولۇش ئۈچۈن ھۆكۈمەتنىڭ قاتتىق كۈچ چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئەسلىتىپ ئۆتكەن ئاتامبايېۋنىڭ «ھەقىقىي مەنىدىكى قوللاش سايىسىدا تاموژنا بىرلىكىگە بۇ يىل ئەزا بولۇشنى ئارزۇ قىلىۋاتقانلىقلىرى» نى تىلغا ئېلىپ ئۆتكەنلىكى بىلدۈرۈلدى.
رىئا نوۋوستىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پۇتىن بىلەن ئاتامبايېۋنىڭ ئۇچرىشىشىدىن كېيىن مۇخبىرلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى سېرگېي لاۋروۋ، قىرغىزىستان ئىقتىسادىنىڭ تېز سۈرئەتتە ياۋروئاسىيا بىلەن بىر گەۋدىلىشىش مۇساپىسىگە ماسلىشىشى ئۈچۈن 500 مىليون دوللارلىق ياردەم قىلىشنى قارار قىلغانلىقلىرىنى ئەسكەرتتى.
قازاقىستاننىڭ پايتەختى ئاستانەدە 29- مايدا ئۆتكۈزۈلگەن ياۋرو-ئاسىيا تاموژنا بىرلىكىگە ئەزا ئەللەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى يىغىنىدا، قىرغىزىستاننى تاموژنا بىرلىكىگە ئېلىپ كېرىدىغان يول خەرىتىسى قوبۇل قىلىنغان، 26- ئىيۇلدا ياۋرو-ئاسىيا تاموژنا بىرلىكىگە ئەزا بولۇش ئۈچۈن قىرغىزىستان ھۆكۈمىتى مۇزاكىرە ئۆتكۈزۈشنى باشلىغانىدى.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر