(TİKA)نىڭ بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنادىكى يېڭى لايىھەسى

تۈركىيە تەرەققىيات ۋە ھەمكارلىق ئاگېنتلىقى (TİKA) بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنادىكى لايىھەلىرىگە يېڭى بىر لايىھەنى ئىلاۋە قىلدى.

101717
(TİKA)نىڭ بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنادىكى يېڭى لايىھەسى

تۈركىيە تەرەققىيات ۋە ھەمكارلىق ئاگېنتلىقى (TİKA) بوسنىيە - گېرتسېگوۋىنادىكى لايىھەلىرىگە يېڭى بىر لايىھەنى ئىلاۋە قىلدى.
تۈركىيە تەرەققىيات ۋە ھەمكارلىق ئاگېنتلىقى (TİKA) سارايېۋودا 1457 – يىلى ياسالغان فاتىھ سۇلتان مەھمەت جامىسىنى يىڭىلاش خىزمەتلىرىنى باشلىدى.
تۈركىيە تەرەققىيات ۋە ھەمكارلىق ئاگېنتلىقى (TİKA) بالقانلار ۋە ئوتتۇرا ياۋروپا رايونى باشقارمىسى باشلىقى مەھمۇت چەۋىك، جامىنىڭ گۈمبەزلىرىنىڭ ۋە تۈۋرۈكلىرىنىڭ قايتىدىن رېمونت قىلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
چەۋىك يەنە جامىنىڭ باغچا قۇرۇلۇشى، ئېلېكتىر، سۇ ۋە يۈندە سۇ قاناللىرى سىستېمىسى بىلەن بىرلىكتە فاتىھ سۇلتان جامىسنىڭ بۇرۇنقى كىملىكىنى قايتىدىن تىكلەشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلقىىنى تىلغا ئالدى.
تۈركىيە تەرەققىيات ۋە ھەمكارلىق ئاگېنتلىقى (TİKA)نىڭ يېڭىلاش خىزمەتلىرىنىڭ باشلىنىش مۇناسىۋىتى بىلەن جامىدە مەۋلۇت پىروگراممىسى ئۆتكۈزۈلدى.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر