كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى _ مۇقەددىمە

تۆۋەندە نەسىلخان دەگىرمەنچىئوغلۇ تەرىپىدىن تەييارلانغان «كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بىرىنچى بۆلۈمىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

1953541
كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى _ مۇقەددىمە

كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى _ مۇقەددىمە

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان يۈزلەرچە، مىڭلارچە قېيىق، كېمە ۋە پاراخوت بۇ دېڭىزلارنى بېسىپ ئۆتۈپ ساھىللارغا، پورتلارغا لەڭگەر تاشلىدى... بۇلارنىڭ سايىسىدا ئىنسانلار سانسىز قېتىم قىرغاقلارغا، قۇرۇقلۇقلارغا چىقتى... بۇ مۇساپىدە ئۇلار كۆرگەن نۇرغۇن جايلار ئۆزگىرىپ تەرەققىي قىلدى؛ ئۇلارنىڭ بەزىلىرى يەر ئاستىغا دەپنە قىلىنغان بولسا، يەنە بەزىلىرى قەددىنى تىك تۇتقان ھالدا مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇردى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرى خارابىلىككە ئايلانغان قالدۇقلىرى ئارقىلىق بىزنى ئۆتمۈشنىڭ ئىزنالىرى بىلەن تونۇشتۇردى. ئۇنداقتا دېڭىزلارچۇ؟ سان – ساناقسىز دېڭىز قاتنىشى ۋە ئىنسانلار بېسىپ ئۆتكەن دېڭىزلاردا ئۆزگىرىش بولدىمۇ؟ ئۇلارمۇ ئەلۋەتتە نۇرغۇن پىراقلارغا، دىدارلىشىشلارغا گۇۋاھ بولدى. نۇرغۇن ئاشىق-مەشۇقلارنى بىر - بىرىدىن ئايرىدى... نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قەبرىسىگە ئايلاندى. ئەمما ئۇنىڭ گۈزەللىكى، كۆركەملىكىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىدى. ئۈستىدە كۆپۈك ۋە دولقۇنلار، قوينىدا مىليونلارچە جانلىق ھايات كەچۈرىدىغان بىپايان كۆپكۆك دېڭىز بۇلۇتلىرى، دولقۇنلىرى، يەلكەنلەرنى قوزغىتىدىغان شاماللىرى شۇنداقلا كېچە ئاسمىنىدىكى يۇلتۇزلىرى بىلەن ھەقىقەتەنمۇ ئۆزگىچە دۇنيا…

مېنىڭ دېڭىزلارغا بولغان قىزىقىشىمنىڭ قاچانلاردا باشلانغانلىقى ئېسىمدە يوق... بالىلىقىمدىكى دولقۇنلار قۇم قەلئەلىرىمنى ۋەيران قىلىۋەتكەن چاغدىمۇ؟ ئۇ قەلئەلەرنى زىننەتلەش ئۈچۈن ھارماي - تالماي دېڭىز قۇلۇلىسى ئىزدىگەن چاغلىرىمدىمۇ؟ كىم بىلىدۇ، بەلكىم دېڭىز قاراقچىلىرىنىڭ ھېكايىلىرىنى ئاڭلىغىنىمدا، بەلكىم جۇلىس ۋېرننىڭ «دېڭىز ئاستىدىكى يىگىرمە مىڭ پەرسەڭ» ناملىق كىتابىنى ئوقۇغان ۋاقتىمدا ... بەلكىم بۇ قىزغىنلىق مەندە جاك كوستاۋنىڭ مېنى دېڭىز ئىچىدىكى دۇنيا بىلەن تونۇشتۇرغان چېغىدا باشلانغان بولۇشى مۇمكىن ...

دېڭىز… ھەم ئىچكى دۇنياسى بىلەن، ھەمدە قىرغاقلىرىغا قۇرۇلغان شەھەرلىرى، يېزىلىرى ۋە ئولتۇراق رايونلىرى بىلەن ھەقىقەتەنمۇ چەكسىز گۈزەل بىر كائىنات!

دېڭىز بەزى كىشىلەرنى چاقىرىدۇ... تۈرك ئەدەبىياتىنىڭ مۇھىم نامايەندىلىرىنىڭ بىرى بولغان ھالىكارناس بېلىقچىسىمۇ كىتابىدا دېڭىزنىڭ چاقىرىقىغا سۈكۈت قىلىپ تۇرالمىغانلارنىڭ ھېكايىسىنى بايان قىلىدۇ. دېڭىز مېنىمۇ چاقىردى، مەن ئۇنىڭدىن جۇدا بولۇپ ياشاشنى تەسەۋۋۇر قىلالمىدىم. ھەمىشە دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا بولۇشنى، دېڭىز بىلەن بىر گەۋدىلىشىپ كېتىشنى ئارزۇ قىلىپ كەلدىم. مەن دېڭىزنى ھەقىقەتەنمۇ ئۆزگىچە ياخشى كۆرىمەن... شۇڭلاشقا، يىللاردىن بۇيان سەيياھ بىلەن بىرلىكتە، تۈركىيەنىڭ دېڭىزلىرىدا كەزمەكتىمەن. «سەيياھ» مېنىڭ كېمەمنىڭ نامى. مەن سىلەرنىڭ كاپىتانىڭلار. مەن كېمەمنىڭ ھەم كاپىتانى، ھەم مۇلازىمەتچىسى ھەمدە ئۇنىڭ شاگىرتى! شۇڭا مەن بۇ كېمىدىكى بارلىق ئىشلارغا مەسئۇل. مەن كۆرگەن جايلىرىم ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئىچىمدە ساقلاپ قېلىشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارنى سىلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى ياخشى كۆرىمەن. تۈركىيەنىڭ جەننەت مىسالى دېڭىز قولتۇقلىرىنى، ئانادولۇنىڭ دېڭىز بويلىرىدىكى قەدىمكى شەھەرلىرىنى، پورتلىرى، ئورمانلىقلىرى ياكى دۇنيا مىراسلىرى تىزىملىكىدىكى جايلىرىنى دېڭىزدا تۇرۇپ تاماشا قىلىشقا قانداق قارايسىلەر؟ مېنىڭ كېكمەمگە ئولتۇرۇپ، كۆك ئاسمان بىلەن يېشىل دېڭىزنىڭ ئوتتۇرىسدا سەيلە قىلىشنى خالامسىلەر؟ ياكى قۇياشنىڭ ھارارىتى بىلەن تۇزنىڭ قالدۇرقلىرىنى يۈزۈڭلاردا ھېس قىلىشنىچۇ؟ قىرغاقتىكى مەرۋايىتتەك تىزىلغان ئۆيلەرنى ياكى يۈزلىگەن يېشىل رەڭلەرنى كۆرۈشنىچۇ؟ بىر پورتقا يېقىنلىشىش، لەڭگەر تاشلاش بېغىشلايدىغان خۇشاللىق ۋە ھاياجاننى ھېس قىلىشنىچۇ؟

*  *  *  *

«كاپىتاننىڭ ساياھەت خاتىرىسى» ناملىق پىروگراممىزدىكى سىلەر سەيياھ بىلەن بىرلىكتە ئاتلىنىدىغان بۇ سەپەردە، نەسلى يوقۇلۇش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن دېڭىز جانلىقلىرىنى ئۇچرىتالايسىلەر، دولقۇنلارنىڭ سادالىرى ئارىسىدىن ئانادولۇنىڭ ئەپسانىۋى ھېكايىلىرىنى ئاڭلىيالايسىلەر. يەنە دۇنيانىڭ غەرق بولۇپ كەتكەن ئەڭ قەدىمكىي پاراخوتلىرىغا، يەر تەۋرەشلەر نەتىجىسىدە سۇنىڭ ئاستىدا قالغان قەدىمكى شەھەرلىرىگە ۋە تۈركىيەنىڭ تۇنجى سۇ ئاستى مۇزېيىغا قاراپ ئۈزەلەيسىلەر. تۈركىيەنىڭ دېڭىز بويىدىكى شەھەرلىرىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان كېمىمىزدىن سىلەرگە ئورۇن ئاجرىتىپ قويدۇق. تارىخ، تەبىئەت ۋە دېڭىز ئۆزئارا گىرەلىشىپ كەتكەن بۇ سەپەردە مېھمىنىمىز بولۇشنى خالامسىلەر؟

شامالغا ئارقىمىزنى قىلغان ھالدا دېڭىز سەپىرىمىزنى باشلاپ، ئانادولۇنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق ھەيۋەتلىك ئارخولوگىيەلىك ۋە مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ ئىزنالىرى بىلەن تونۇشۇپ چىقايلى. قۇرۇقلۇقتىكى چېغىمىزدا كۆرەلمىگەنلىرىمىزنى دېڭىزدىن قىرغاققا قاراش ئارقىلىق كۆزىتەيلى. ھەيۋەتلىك قولتۇقلارنى ۋە ئۇ قولتۇقلاردىكى ئولتۇراق رايونلارنى زىيارەت قىلايلى. سانسىزلىغان ئارخولوگىيەلىك قالدۇقلارنى باغرىغا بېسىپ ياتقان شەھەرلەرنى، ئۆزگىچە دېڭىز ساھىللىرى ۋە قەلئەلەرنى بىرلىكتە ئېكسكۇرسىيە قىلايلى. بۇ ئارقىلىق ھەم ئەسىرلەر مۇقەددەم چاغلارغا قايتىپ تارىخقا شاھىت بولايلى، ھەمدە بۈگۈنىمىزنى كۆرەيلى.

ئۇنداقتا سەپىرىمىزنى باشلىۋېتەيلى! ساياھەت خاتىرىمىزنىڭ بىرىنچى بېتىنى ئېچىپ، يولىمىزنى سىزىۋالايلى. يېنىك شامال بىلەن دېڭىزغا قاراپ تىنچ ۋە خاتىرجەملىك ئىچىدە ئىلگىرىلەيلى. ئاندىن شامال سەيياھنىڭ يەلكەنلىرىگە ئۇرسۇن. ئەگەر شامال بورانغا ئايلىنىپ كېتىپ قالسا، دەرھال ئەڭ يېقىن پورتقا بېرىپ پاناھلىنايلى. قۇياش تېرىمىزنى ئازراق ئىللىسۇن، كېمىمىزنىڭ ئىلگىرىلىشىگە ئەگىشىپ، كىچىك دولقۇنلار دېڭىزنىڭ تۇزىنى تېرىمىز بىلەن دىدارلاشتۇرسۇن.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر