كۇتاھيا سىماۋ قولدا تۇقۇلما گىلىمى

تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس تىزىمغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرى -24

2152533
كۇتاھيا سىماۋ قولدا تۇقۇلما گىلىمى

كۇتاھيا سىماۋ قولدا تۇقۇلما گىلىمى

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! ئىلكەر تاشقىن تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس تىزىمغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، «كۇتاھيا سىماۋ قولدا تۇقۇلما گىلىمى» نى تونۇشتۇرىمىز.

كۇتاھيا سىماۋ قولدا تۇقۇلما گىلىمىنىڭ تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس مەھسۇلاتلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن ۋاقتى: 01.09.1996

****** ********* ******

سىماۋ گىلىمى؛ تۈركىيەنىڭ ئەگە دېڭىزى رايونىغا جايلاشقان كۇتاھيا شەھىرىگە قاراشلىق سىماۋ نەھىيەسىنىڭ ئىسمى قويۇلغان ۋە 1996-يىلى رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ ئىلتىماسى بىلەن تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس تىزىمغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرى قاتارىغا تۇنجى قېتىم كىرگۈزۈلگەن مەھسۇلاتقا ئايلانغان ئىدى .

سىماۋ ناھىيەسىدىكى گىلەم توقۇش مەركەزلىرىنىڭ سانى ۋە گىلەم ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى يىلدىن يىلغا ئۆزگۈرۈش بىلەن بىرگە رايون مەركىزى ۋە يېزىلىرىدىمۇ مۇھىم بىر ئىشلەپچىقىرىش ساھەسى بولۇشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. سىماۋ گىلەملىرىنىڭ توقۇشتا ئاتقىسى پاختىدىن، ئايلانما يىپلىرى قوي يۇڭىدىن بولىدۇ.  بۇرۇن يۇڭ يىپلار تەبىئىي رەڭ بىلەن بويالغان بولسا، بۈگۈنكى كۈندە گىلەمنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىگە ئاساسەن خىمىيىلىك رەڭلەرمۇ ئىشلىتىلمەكتە. رەڭگە كەلسەك، سېرىق، كۆك ۋە قوڭۇر رەڭلەر كۆپرەڭ ئىشلىتىلىدۇ. سىماۋ گىلەملىرىدە ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلىدىغان نەقىشلەر يوپۇرماق، گۈل، قۇش ۋە قىزىل گۈل بولۇپ، بۇ گىلەملەرنىڭ مەسىلەن «لەبلەبى»، «كەمپۈت»، «يوغان قورساق» دېگەندەك يەرلىك ئىسملىرىمۇ بار.  ياغاچ توقۇما ئۈسكىنىلىرىدە توقۇلىدىغان سىماۋ گىلىمى ئالاھىدە ماھارەت تەلەپ قىلىدۇ. بىر كۋادرات مېتىردىن 85 كىۋادرات مېتىرغىچە ئوخشىمىغان چوڭلۇقلاردا ئىشلەپ چىقىرىلىدۇ.  سىماۋ گىلەملىرىنى ئاساسەن دېگۈدەك ئاياللار توقۇيدۇ. سىماۋ گىلەملىرى ئائىلىدە كۈندىلىك ئىشلىتىش ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىلغاندىن باشقا يەنە، خىزمەت ئورۇنلىرى، ھۆكۈمەت ئورگانلىرى ۋە جامىلەر ئۈچۈنمۇ ئوخشىمىغان چوڭلۇقتا ئىشلەپچىقىرىلىدۇ. سىماۋ گىلەملىرى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە رايونىنىڭ ئەڭ داڭلىق ئېكسپورت مەھسۇلاتى بولۇپمۇ ھېسابلىنىدۇ.

 ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! يۇقىرىدا «تۈركىيەنىڭ رايونلارغا خاس تىزىمغا ئېلىنغان مەھسۇلاتلىرى» ناملىق پىروگراممىمىزنى ئاڭلىدىڭلار، كۆڭۈل قويۇپ تىڭشىغىنىڭلار ئۈچۈن رەخمەت!

FOTOĞRAF KODU: TCTÜ- KÜTAHYA SİMAV EL HALISI      



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر