ئېنېرگىيە زاپاسلاشتا ئىشلىتىلىدىغان يېڭى تېخنىكىلار

تۆۋەندە ماھمۇت گۈرەر تەرىپىدىن تەييارلانغان «ئېنېرگىيە دۇنياسى» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، «ئېنېرگىيە زاپاسلاشتا ئىشلىتىلىدىغان يېڭى تېخنىكىلار» دېگەن تېمىدا توختىلىپ ئۆتىمىز. قېنى ئۇنداقتا دىققىتىڭلار سەھىپىمىزدە بولسۇن!

2150880
ئېنېرگىيە زاپاسلاشتا ئىشلىتىلىدىغان يېڭى تېخنىكىلار

ئېنېرگىيە زاپاسلاشتا ئىشلىتىلىدىغان يېڭى تېخنىكىلار

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: يانفونلىرىمىزدىن تىڭشىغۇچلىرىمىزغىچە، ماشىنىلىرىمىزدىن كومپيۇتېرلىرىمىزغىچە، ساقال ئالغۇچلىرىمىزدىن سائەتلىرىمىزگىچە، توكلۇق ئۈشكىلەردىن تارتىپ چاڭ-توزان سۈمۈرگۈچلەر ھەتتا غايەت زور كېمىلەرگىچە بولغان ئېلېكتىر ئېنېرگىيەلىك نۇرغۇنلىغان ئۈسكۈنىلەر ۋە قاتناش ۋاسىتىلىرى تۇرمۇشنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان قىسمىغا ئايلاندى.

تېخنىكا ئىستېمالىدىكى ئېشىش، سىمسىز تېخنىكىغا بولغان ئېھتىياج قاتارلىقلار تېخىمۇ كۆپ ئېنېرگىيەنى زاپاسلاپ، تېخىمۇ ئۇزۇن مۇددەت بىخەتەر ئىشلىتىلىشىگە بولغان ئېھتىياجنى پەيدا قىلدى. بۇ سەۋەبتىن، ئالىملار ھەر كۈنى تېخىمۇ كۆپ ئېنېرگىيە زاپاسلىيالايدىغان تېخنىكىلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە.

نۆۋەتتە توك قاچىلىغىلى بولىدىغان باتارېيەلەر باتارېيە خىمىيىسىگە ئاساسەن، نىكېل مېتال گىدرىد، نىكېل كادمىي ۋە لىتىي ئىيونىدىن ئىبارەت ئۈچ تۈرگە ئايرىلىدۇ. باتارېيەلەرنىڭ بارغانسېرى كىچىكلەۋاتقان تېخنىكىلارغا ماسلىشىشىغا ۋە تېخىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلىشىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان ساقلاش ئىقتىدارىنى روياپقا چىقىرىش ئىزدىنىشلىرى، ئاساسەن دېگۈدەك بارلىق تېخنىكىلارنىڭ قوللىنىشچان ھالەتكە كېلىشىگە تۆھپە قوشىدۇ.

يېڭى ئەۋلاد باتارېيە ۋە ئېنېرگىيە ساقلاش سىستېمىلىرىنىڭ سىغىمىدىن باشقا، بىخەتەر ۋە مۇھىت ئاسرايدىغان بولۇشىمۇ ئۇلارنىڭ سىجىللىقىنىڭ ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. بۇ ساھەدە، كەم ئۇچرايدىغان توپا ئېلېمېنتلىرىغا ئوخشاش چەكلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە خام ئەشيانىڭ ئورنىنى ئالالايدىغان تەڭداش، بىخەتەر چارىلەر، تەرەققىي قىلىۋاتقان ئېنېرگىيە ساقلاش مەھسۇلاتلىرى بازىرىدىكى تەننەرخنى تۆۋەنلىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

بىر نەچچە سېكۇنتتا توك قاچىلىغىلى، مۇھىتقا زىيان يەتكۈزمەستىن يىغىۋالغىلى، ھەتتا ئۆمۈرلۈك ئىشلەتكىلى بولىدىغان بىر قىسىم يېڭى ئەۋلاد ئېنېرگىيە ساقلاش تېخنىكىلىرى دۇنيا بازارلىرىدا ئۆز ئورنىنى ئېلىشقا باشلىدى. باتارېيەلەر ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ كەلگۈسى يىللار ئۈچۈن بېكىتكەن كاربون نېيترال نىشانلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشىدىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. تۈركىيەگە ئوخشاش نۇرغۇن دۆلەتلەر «نۆل بۇلغىما قويۇپ بېرىش» نىشانىغا يېتىش ئۈچۈن، ناھايىتى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە فوسىل يېقىلغۇلاردىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىشنى ئويلاشماقتا.

يېقىنقى يىللاردىكى تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ تۈرتكىسىدە، دۇنيا باتارېيە بازىرىنىڭ 2027-يىلىغا بارغاندا 310 مىليارد 800 مىليون دوللارغا يېتىشى مۆلچەرلەنمەكتە. قوغۇشۇن كىسلاتاسى، لى-ئىئون ۋە نىكېلنى ئاساس قىلغان باتارېيەلەر بازارنىڭ 95% نى تەشكىل قىلماقتا. 2020-يىلى لى-ئىئون باتارېيەسىنىڭ بازاردىكى ئۈلۈشى 44 مىليارد 200 مىليون دوللار ئىدى، بۇ ئۈلۈشنىڭ 2025-يىلىغا بارغاندا 94 مىليارد 400 مىليون دوللارغا يېتىشى تەخمىن قىلىنماقتا.

STM تېخنىكا تەپەككۇر مەركىزىنىڭ «ئېنېرگىيە ساقلاش تېخنىكىسىدىكى ئەڭ يېڭى تەرەققىيات» ناملىق دوكلاتىغا قارىغاندا، ئېنېرگىيە ساقلاش تېخنىكىسى توغرىسىدا ئۈچ خىل باتارېيە تىپىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىنىدىغان نۇرغۇن تەتقىقاتلار بار ئىكەن.

شىۋېتسىيە چالمېرس ئۇنىۋېرسىتېتى تەتقىقاتچىلىرى ئىلگىرىكى قۇرۇلمىلارغا سېلىشتۇرغاندا 10 ھەسسە ئارتۇق ئېنېرگىيە زاپاسلىيالايدىغان سېمونت باتارېيەنى ياساپ چىقىشقا تىرىشماقتا. كەلگۈسىدىكى ئۆيلەرنى غايەت زور باتارېيەگە ئايلاندۇرۇش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە بۇ تېخنىكا، سېمونتنى ئاساس قىلغان سۇيۇقلۇققا قىسقا كاربون تالاسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى بىلەن فونكسيەسىنى جارى قىلدۇرىدىكەن.

تېخى دەسلەپكى باسقۇچىدا تۇرۇۋاتقان بۇ تەتقىقات، سېمونت باتارېيە تېخنىكىسىنىڭ ھازىرقى باسقۇچىدا يېتەرلىك ئېنېرگىيە ساقلىيالمايدىغانلىقىنى ئىسپاتلىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھەقتىكى تەتقىقاتلار يەنىلا داۋاملاشماقتا.

يەنە بىر تەتقىقات بولسا، گرافېن باتارېيە تېخنىكىسى ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلماقتا. بولۇپمۇ تەيۋەن ۋە ئامېرىكا شىركەتلىرى گرافېن تېخنىكىسىغا كۆپلەپ مەبلەغ سالماقتا.

ئەمما تەتقىقاتنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بارلىق ئالىملار قىسقا ۋاقىت ئىچىدە توك قاچىلىغىلى ۋە ئۇزۇن ۋاقىت ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەيدىغان باتارېيە تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. باتارېيە تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئەڭ چوڭ پۇرسەت، يېقىنقى يىللاردا كەڭ تارقالغان توكلۇق ماشىنىلارنىڭ كۈنسېرى يوللاردا كۆپىيىۋاتقان بولۇشى.

توكلۇق ماشىنىلارنىڭ ئىشلىتىش مۇددىتى، سۈرئىتى ۋە كۈچى باتارېيە تېخنىكىسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ. شۇڭلاشقا، باتارېيەنىڭ ئۈنۈمى ۋە ئىقتىدارى توكلۇق ماشىنىلارنىڭ ئومۇملىشىشى ئالدىدىكى ئەڭ مۇھىم مەسىلە دەپ قارالماقتا.

توكلۇق ماشىنىلاردا ئىشلىتىلىدىغان باتارېيە ئاساسەن ئۈچ چوڭ تۈرگە ئايرىلىدۇ. ئۇلار قوغۇشۇن كىسلاتا باتارېيەسى، نىكېل مېتال گىدرىد باتارېيەسى ۋە لىتىي ئىئون باتارېيەسى.

ھەر بىر باتارېيە تىپىنىڭ ئوخشىمىغان ئەۋزەللىكى ۋە كەمچىلىكى بار. لىتىي ئىيونلۇق باتارېيە يېنىكلىكى ۋە ئۇزۇن مۇددەت ئىشلەتكىلى بولىدىغانلىقى بىلەن داڭلىق بولسىمۇ، قوغۇشۇن كىسلاتا باتارېيەسى تېخىمۇ تېجەشلىك بولىدۇ.

ئالىملارنىڭ ئەڭ چوڭ مەقسىتى، يۇقىرى سىغىملىق باتارېيە ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق ماشىنىلارنىڭ مۇساپىسىنى نەچچە مىڭ كىلومېتىرغا يەتكۈزۈش.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر