تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن ئىشىۋاتقان ئالاقە - مۇناسىۋىتى

كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز (25)

2152749
تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن ئىشىۋاتقان ئالاقە - مۇناسىۋىتى
fidan cin.jpg
hakan fidan kaşgar uygur
Fidan-Wang Yi1.jpg

تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن ئىشىۋاتقان ئالاقە - مۇناسىۋىتى

 

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۈنتەرتىپ ۋە ئانالىز» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلۈمىدە سىياسەت، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەتقىقاتلىرى فوندى جەمئىيىتى «SETA» نىڭ دىرىكتورى پىروفېسسور دوكتور مۇرات يېشىلتاش تەرىپىدىن تەييارلانغان «تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن ئىشىۋاتقان ئالاقە - مۇناسىۋىتى» تېمىلىق ئانالىزنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمىز.

**** ****** ***** ****** ****

تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خاقان فىداننىڭ يېقىندا خىتايدا ئېلىپ بارغان زىيارىتى تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىنىڭ ياۋروئاسىيانىڭ ئۆزگىرىشچان ئىستراتېگىيەلىك مۇھىتىدىكى تەرەققىياتىنىڭ مۇھىم ئۇل تاشلىرىدىن بىرسى بولۇپ قالدى. بۇ زىيارەت تۈركىيەنىڭ ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغانلىقى ئۈچۈن تاشقى سىياسەتكە بولغان مۇھىم مۇلاھىزىلەر ۋە يوشۇرۇن تەسىرلەرنى گەۋدىلەندۈردى.

خاقان فىدان زىيارىتى جەريانىدا خىتايلىق مەنسەپداشلىرى بىلەن نۇرغۇن مۇھىم مەسىلىلەرنى ئەتراپلىق مۇزاكىرىلەشتى. تۈركىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنىڭ ئاچقۇچلۇق تەرىپى ئىككى دۆلەتنىڭ ئەمەلىي تاشقى سىياسەت يۆنىلىشىدۇر. تۈركىيە ئىزچىل شەكىلدە بىر خىتاي پرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، خىتاينىڭ زېمىن پۈتۈنلۈكىنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەپ كەلدى. ئوخشاشلا خىتايمۇ ئەنقەرە بىلەن بولغان دىپلوماتىك ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىگە ئىنتايىن ئەمەلىيەتچىل نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلدى. فىداننىڭ زىيارىتى تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىدىكى ئەمەلىي ئۇسۇلنى كۈچلۈك تەكىتلىدى.

تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ماسلىشىشى ئاساسەن تۈركىيەنىڭ «قايتىدىن ئاسىياغا يۈزلىنىش» تەشەببۇسى دەپ ئاتىلىدىغان تېخىمۇ كەڭ ئىستراتېگىيەلىك تەسەۋۋۇرنىڭ بىر قىسمىدۇر. بۇ سىياسەتنىڭ ئۆزگىرىشى بىر قانچە مۇھىم ئامىلنىڭ تۈرتكىسىدە ئېلىپ بېرىلماقتا.

بىرىنچىسى، تۈركىيەنىڭ خەلقئارا سىياسىتىدە يېڭىدىن گېئوئىستىراتىگىيەلىك مەۋقە ئىگىلەش ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. يەر شارى خاراكتېرلىك كۈچ دىنامىكلىرى ئاسىياغا قېيىشقا ئەگىشىپ، تۈركىيە ئۆزىنى يېڭى شەكىللەنگەن گېئوئىستراتېگىيىلىك بىر ئويۇنچى سۈپىتىدە مۇئەييەن بىر ئورۇنغا قويۇشنى نىشان قىلىدۇ. خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىش بۇ يېڭى يۆنىلىشنىڭ تەبىئىي تارمىقى بولۇپ، تۈركىيەنىڭ گېئوئىستراتېگىيىلىك ئورنىدىن پايدىلىنىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ. بۇ يېڭى سىياسەت يۆنىلىشى ئۆز نۆۋىتىدە يەنە تۈركىيەنىڭ خەلقئارا سىياسەتتە مۇستەقىللىقنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ ھەمدە غەربتىكى ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلىرىدە يېڭى بىر بۇرۇلۇشنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئېنىقكى، تۈركىيە ئاسىيانىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى تاشقى سىياسىتى ۋە گېئوپولىتىكىلىق ئىستراتېگىيىسىنى قايتىدىن تەڭشەشتىكى مۇھىم ئامىل دەپ قارايدۇ.

ئىككىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ئامىل تۈركىيەنىڭ خىتايغا قاراتقان نىشان تەسسەۋۋۇرى بولۇپ، سودا دۆلىتىنى ئاساس قىلغان تاشقى سىياسەت ئۇسۇلىنىڭ ئاساسى ھېسابلىنىدىغان ئىقتىسادنى كۆپ خىللاشتۇرۇش سىياسىتىدۇر. ئىقتىسادىي داۋالغۇش ۋە سىجىل ئېشىش ئېھتىياجىغا دۇچ كەلگەن تۈركىيە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقنى كۆپ خىللاشتۇرۇشقا تىرىشىۋاتىدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ بىرى بولغان خىتاي بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىش سودا مەبلەغ سېلىش ۋە تېخنىكا ھەمكارلىقى جەھەتتىن مۇھىم پۇرسەت بىلەن تەمىنلىمەكتە.

ئۈچىنچى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ئامىل؛ تۈركىيەنىڭ رايون خاراكتېرلىق تەسىرىنى ئاشۇرۇش مەقسىتىدۇر. تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن ئاكتىپ ئالاقىلىشىىشى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى تەسىرىنى ئاشۇرۇشتىكى ئىستراتېگىيىلىك ھەرىكەتتۇر. تۈركىيە خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسى (BRI) بىلەن ماسلىشىش ئارقىلىق، رايون خاراكتېرلىق ئالاقە ۋە ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا مۇھىم رول ئوينىيالايدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق گېئوپولىتىلىق ئىتابىرىنى كۈچەيتەلەيدۇ. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تۈركىيەنىڭ يېقىنقى تاشقى سىياسىتىنىڭ ئۇل تېشىنىڭ بىرى بولغان دىپلوماتىك تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ھەرىكىتىمۇ خىتاي ۋە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىغا بولغان تەسەۋۋۇرىنى شەكىللەندۈرىدۇ. كۈنسېرى كۆپ قۇتۇپلىشىشىقا يۈزلەنگەن دۇنيادا، تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتى غەربنىڭ ئەنئەنىۋى ئىتتىپاقداشلىقىنى ئاسىيادىكى يېڭى ھەمكارلىقلار بىلەن تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا تىرىشىدۇ. بۇ پوزىتسىيە تۈركىيەنىڭ دۆلەت مەنپەئەتى ۋە رايون خاراكتېرلىق ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشتا، مۇرەككەپ خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بىلەن يول يۈرىشىنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

خاقان فىداننىڭ ئۈچ كۈنلۈك زىيارىتى جەريانىدا نۇرغۇن مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك مەسىلىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ مۇھىمى ئىككى دۆلەتنىڭ سودا ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى ئاشۇرۇش بولدى. ھەر ئىككى تەرەپ ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى، مۇزاكىرىلەردە سودا مىقدارىنى ئاشۇرۇش، سودا توسالغۇلىرىنى ئازايتىش ۋە ئورتاق مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى ئۈستىدە ئىزدىنىش، بولۇپمۇ ئۇل ئەسلىھە ۋە تېخنىكا ساھەلىرىدە ئورتاق مەبلەغ سېلىش پۇرسەتلىرىنى ئاشۇرۇش تېمىلىرى نۇقتىلىق كۈنتەرتىپكە كەلدى. ئەمما يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىرلەشمە مەبلەغ سېلىش لايىھەلىرىدە ئاستىلاش كۆرۈلدى. تۈركىيەنىڭ ئاساسلىق مەقسىتى بۇ ئاستىلاشنى ھەل قىلىش، ئاستىلىغان لايىھەلەرنى تېزلىتىش ۋە كېچىكىشكە سەۋەب بولغان توسالغۇلارنى بايقاپ بېكىتىش بولدى. تۈركىيە يەنە خىتاينى تېخىمۇ كۆپ تۈركىيە مەھسۇلاتلىرىنى ئىمپورت قىلىشقا ۋە خىتاينىڭ تۈركىيەگە سالغان مەبلىغىنى ئاشۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ھازىرقى ۋەزىيەتتە خىتايغىلا پايدىلىق بولۇۋاتقان سودا تەڭپۇڭسىزلىقىنى ئازايتىشقا مەركەزلەشتى.

زىيارەت جەريانىدا مۇزاكىرە قىلىنغان يەنە بىر مۇھىم مەسىلە رايون خاراكتېرلىق بىخەتەرلىك مەسىلىسى بولدى. نۆۋەتتىكى يەرشارى جىددىيلىكى ۋە رايون خاراكتېرلىق توقۇنۇشىلارنى كۆزدە تۇتۇپ، بىخەتەرلىك ھەمكارلىقى ئورنىتىش ھەر ئىككى دۆلەت ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ھالغا كەلدى. سۆھبەت جەريانىدا تېرورلۇققا قارشى كۈرەش، رايون خاراكتېرلىق بىخەتەرلىك تەھدىتلىرىنىڭ مۇزاكىرە قىلىنىشى ۋە ھەربىي ھەمكارلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بولۇپمۇ ئىسرائىلىيەنىڭ غەززەدىكى ئۇرۇشى ۋە رۇسىيە-ئۇكرائىنا توقۇنۇشى يىغىننىڭ مۇھىم نۇقتلىق تېمىسى بولدى. ھەم تۈركىيە، ھەم خىتاي پەلەستىن مەسىلىسى ئۈچۈن ئىككى دۆلەتلىك ھەل قىلىش چارىسىنى قوللىغان بولسىمۇ، ئەمما خىتايغا سېلىشتۇرغاندا، تۈركىيەنىڭ ئىسرائىلىيەگە تۇتقان پوزىتسىيەسى تېخىمۇ رادىكال بولدى.

بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسىنىڭ ھەر ئىككى دۆلەت ئۈچۈن ئىستراتېگىيىلىك پايدىسى بارلىقى ئېنىق. خىتاي بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسىنى ئامېرىكا بىلەن بولغان رىقابەتتە يەر شارى خاراكتېرلىق گېئوئىقتىسادىي ئەۋزەللىكىنى ئاشۇرۇشنىڭ ۋاستىسى دەپ قارىسا، تۈركىيە بۇ لاھيىھەنى ئىقتىسادىي مەنپەئەتنىڭ پۇرسىتى ۋە يەر شارى رىقابىتىدىكى گېئوپولىتىكىلىق ئورنىنى تەڭشەشنىڭ يولى دەپ قارايدۇ. تۈركىيەنىڭ ياۋروپا بىلەن ئاسىيا ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رول ئېلىشتەك ئىستراتېگىيىلىك ئورنى ئۇنى خىتاينىڭ بىر بەلۋاغ بىر يول لايىھەسىدە مۇھىم ئويۇنچىغا ئايلاندۇرىدۇ.  

خاقان فىدان ۋە خىتاي رەھبەرلىرى يەنە ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلغان بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسىغا تۈركىيەنى تېخىمۇ بەك بىرلەشتۈرۈشنىڭ يوللىرى ھەققىدە مۇزاكىرىلەشتى.

زىيارەتنىڭ ھالقىلىق مەسىلىلىرىدىن بىرى، تۈركىيەنىڭ دۇنيا سىياسىتىدە كۈنسېرى مۇھىم رول ئوينايدىغان كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىگە ئەزا بولۇش ئارزۇسى بولدى. خەلقئارا سىستېمىنىڭ كۆپ قۇتۇپلۇق بىر دۇنياغا يۈزلىنىشىگە ئەگىشىپ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى تەشكىلاتى غەرب ئىتتىپاقىدىن ھالقىپ تەڭپۇڭ مۇناسىۋەت ئىزدەۋاتقان دۆلەتلەرگە باشقىچە بىر دۇنيا قارىشى سۇنماقتا. تۈركىيەنىڭ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىگە بولغان قىزىقىشى ئەنئەنىۋى تاشقى سىياسەتتە مۇھىم بىر ئۆزگىرىشكە سىمۋوللۇق قىلىدۇ. خاقان فىدان زىيارەت جەريانىدا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىقتىسادىي مۆلچەرىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن پەرقلىق تاللاش سۇنىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى. تۈركىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن تاموژنا ئىتتىپاقىدا تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى قاتارلىق مۇنبەرلەردىكى ھەرقايسى شېرىكلەر بىلەن ھەمكارلىقنىڭ يېڭى پۇرسىتى ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ ئەزالىرىنىڭ تۈركىيەنىڭ تاشقى سىياسىتىگە يېڭى ئۆلچەم ۋە مۇلاھىزىلەرنى ئېلىپ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى تىلغا ئالدى.

گەرچە تۈركىيە - خىتاي مۇناسىۋەتلىرى ئەمەلىيەتچىل پوزىتسىيە نامايان قىلىۋاقاندەك قىلسىمۇ، ئەمما ئۇيغۇر مەسىلىسىگە دائىر پىكىر ئىختىلاپى داۋاملاشماقتا. خاقان فىدان زىيارىتى جەريانىدا خىتاي دائىرىلىرىنى ئاز سانلىق مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنىڭ كۈلتۈر ھوقۇقىنى قوغداشقا ۋە ئۇلارنىڭ «ئۆز قىممەت قارىشى بويىچە ياشىشىغا يول قويۇش» قا چاقىردى. تۈركىيە ئۇيغۇر رايونىدىكى ۋەزىيەت ئۈستىدە توختالغاندا ھەم ئىچكى سىياسىي دىنامىكلەرنى، ھەم خىتايغا قارشى تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاشنىڭ ئېھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ، ناھايىتى ئېھتىياتلىق تىل ئىشلەتمەكتە. بۇ ئېھتىيات يەنە خىتاينىڭ غەربىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىغا قاراشلىق ئۇرۇمچى ۋە قەشقەر زىيارىتى ھەققىدە ئىجتىمائىي ئالاقە تورى X ھېسابىدا نېمە ئۈچۈن شۇنچە ھېسسىياتلىق يازما ھەمبەھىرلىگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ.

نەتىجە ئىتىبارى بىلەن فىداننىڭ خىتاي زىيارىتىنىڭ گېئوپولىتىكىلىق ۋە تاشقى سىياسەت نەتىجىلىرى بولىدۇ. تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىسى دۇنيا سىياسىتىدىكى ئىستراتېگىيىلىك تەڭپۇڭلۇق ئويۇنىنى ئەكىس ئەتتۈرىدۇ. شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا ئەزا بىر دۆلەت ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقىغا كاندىدات ئەزا بىر دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان قويۇق مۇناسىۋىتى ئۇنىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك تاشقى سىياسەت ئۇسۇلىنى نامايان قىلىدۇ. خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش تۈركىيەنىڭ سودا شېرىكلىرىنى كۆپ خىللاشتۇرۇش، غەربنىڭ ئەنئەنىۋى بازىرىغا تايىنىشنى ئازايتىش ۋە ئىقتىسادىي خەتەرنى ئازايتىشتىكى ئىستراتېگىيىلىك ھەرىكەت دەپ قارالماقتا. بۇنىڭدىن باشقا يەنە، تۈركىيەنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىكى تەسىرىنى ئاشۇرۇش يوشۇرۇن كۈچى بار. بىر بەلۋاغ بىر يول تەشەببۇسى دائىرىسىدىكى ھەمكارلىق تۈركىيەنىڭ رايون خاراكتېرلىق كۈچ مەركىزى بولۇش سۈپىتى بىلەن رولىنى تېخىمۇ كۈچەيتىشى مۇمكىن.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر