ۋولقان پارتلايدۇ، چۈنكى...

چۈنكى (23)

2146648
ۋولقان پارتلايدۇ، چۈنكى...

ۋولقان پارتلايدۇ... چۈنكى

«چۈنكى...» ناملىق پروگراممىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، پۈتۈن جانلىقلارغا نىسبەتەن ئېغىر تالاپەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ۋولقان پارتلاش ھەرىكەتلىرى ئۈستىدە توختىلىمىز.  سۆزىمىزنى «ۋولقان پارتلايدۇ، چۈنكى...» دېيىش بىلەن باشلايمىز.

**** ****** ***** ****

ۋولقانلار يەر پوستىدىكى ماگما ۋە گازلارنىڭ يەر يۈزىگە كۆتۈرۈلۈپ چىقىشى نەتىجىسىدە پارتلايدۇ. يەر پوستىنىڭ ئاستىغا جايلاشقان ماگما يۇقىرى تېمپېراتۇرا ۋە بېسىم ئاستىدا ئېرىگەن ھالدا بولىدۇ. ماگما يەر پوستى ئىچىدىكى ماگماتىك بۇلۇڭلارغا يىغىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بۇ بۇلۇڭلاردا بېسىم پەيدا بولىدۇ. بېسىمنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ماگما يەر يۈزىگە قاراپ ھەرىكەت قىلىشقا باشلايدۇ. ئاخىرىدا، يەر يۈزىنى شىددەت بىلەن تېشىپ ئۆتكەن ماگمىلار ئوت بولۇپ ئېقىشقا باشلايدۇ.

ماگمادىكى گازلار ئادەتتە سۇ، پار، كاربون تۆت ئوكسىد ۋە ئازوت قاتارلىق بىرىكمىلەردىن تەركىپ تاپىدۇ. ماگما يەر يۈزىگە قاراپ ئۆرلىگەندە، ئۇنىڭ ئىچىدىكى گازلار ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ھەرىكەتلىنىدۇ. يەر يۈزىگە يېقىنلاشقاندا بېسىمنىڭ تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، گاز ماگمىدا ئېرىيدۇ. بۇ گازلارنىڭ يەر پوستىغا سىڭىپ كىرىشىنى ۋە كۈچلۈك پارتلاش نەتىجىسىدە ماگمالارنى يەر يۈزىگە چېچىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. بۇ پارتلاشلار ئۇ قەدەر كۈچلۈك بولىدۇكى، قىيالارنى نەچچە كىلومېتىر يۇقىرىغا ئىتتىرىپ، تاغ شەكىللىنىشىگىمۇ سەۋەب بولىدۇ. يانار تاغلار ماگما، تۇپراق ۋە لاۋا ئېقىمى قاتارلىق ماتېرىياللارنىڭ سوۋۇشىدىن ھاسىل بولىدۇ. تۈركىيەدىكى نەمرۇت تېغى، ئەرجىيەس تېغى ۋە سۇپھان تېغى، ھەمدە ئىتالىيەدىكى ئېتنا ۋە ۋېسۋىيۇس تېغى، ياپونىيەدىكى فۇجى ھەمدە ھىندونېزىيەدىكى تامبورا تېغى قاتارلىقلار بۇنىڭ مىساللىرى قاتارىدا سانىلىدۇ. ئامېرىكانىڭ ھاۋاي ئارىلىدىكى مائۇنا لوئا تېغى دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز يانار تاغ بولۇپ، ئېگىزلىكى 4169 مېتىر كېلىدۇ.

**** ** *** ******************* ******

پارتلاش نەتىجىسىدە ۋولقانىك ماتېرىياللار ئاتموسفېراغا پۈركۈلىدۇ. بۇ ماتېرىياللار كۈل ۋە لاۋا پارچىلىرى ھەمدە يانار تاغ بومبىسى دەپمۇ ئاتىلىدىغان چوڭ قىيا پارچىلىرى ھەمدە ئاسان يانىدىغان تاغ كۈلى ھەمدە گازلارنىڭ ئارىلاشمىسى بولغان پىروكلاستىك ئېقىندىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. پارتلاش كۈچى، ماگما ئېقىندىسى، يەر يۈزىگە چىققان ماتېرىياللارنىڭ ئىچىدىكى گاز مىقدارى ۋە ۋولقاننىڭ ئومۇمىي قۇرۇلمىسىغا ئاساسەن دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ. گېئولوگىيەلىك جەرياننىڭ تەبىئىي نەتىجىسى بولغان ۋولقان پارتلاش ئەتراپتىكى تەبىئىي ۋە ئىنسانىي قۇرۇلمىلارغا ئېغىر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

ۋولقانلار گېئولوگىيەلىك ۋاقىت ئۆلچىمىدە ئۇزۇن مۇددەتتە شەكىللەنگەن ۋە تەرەققىي قىلغان بولىدۇ. دۇنيانىڭ شەكىللىنىش باسقۇچىدىمۇ ۋولقان ھەرىكەتلىرىنىڭ تېخىمۇ قويۇق كۆپ يۈز بەرگەنكلىكى مەلۇم. بۇ مەزگىلدە ۋولقانلارنىڭ يەرشارىمىزنىڭ يۈزى ۋە ئاتموسفېراسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ھازىرقى شەكلىگە كېلىشىگە تۆھپە قوشقانلىقىمۇ ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ. مەسىلەن، يەر شارىنىڭ دەسلەپكى تارىخىدا يانار تاغ ھەرىكەتلىرى ئاتموسفېرادىكى گاز ۋە سۇ ھورلىرىنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينىغان دېيىلىدۇ.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر