ساغلام تۇرمۇشنىڭ فورمۇلاسى: ھەرىكەت

كۆزنەك (20)

1933433
ساغلام تۇرمۇشنىڭ فورمۇلاسى: ھەرىكەت

ساغلام تۇرمۇشنىڭ فورمۇلاسى: ھەرىكەت

ساغلام تۇرمۇشنىڭ فورمۇلاسى: ھەرىكەت

كۆزنەك (20)

 

 تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ ھۆرمەتلىك ئىخلاسمەنلىرى، تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ پايتەختى ئەنقەرەدىن، تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى سىتۇديولىرىدىن ھەممىڭلارغا ئوتلۇق سالام! ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! «كۆزنەك»كە خۇش كەلدىڭلار! «كۆزنەك» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، ساغلام تۇرمۇشنىڭ فورمۇلاسى: ھەرىكەت ئىكەنلىكى توغرىسىدا توختىلىپ ئۆتىمىز. قېنى ئۇنداقتا دىققىتىڭلار پىروگراممىمىزدا بولسۇن!

******* ****** ****** *******

ھەرىكەت قىلماسلىق سېمىزلىككە ئوخشاش بىر قاتار ساغلاملىق مەسىلىلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، 2030 - يىلغا بارغاندا تەخمىنەن 500 مىڭ كىشى ھەرىكەتسىزلىك سەۋەبىدىنلا ھەر خىل كېسەللىكلەرگە گىرىپتار بولىدىكەن. ھەل قىلىش چارىسى بولسا دائىملىق بەدەن چېنىقتۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.

دەرۋەقە ئىنسانلار ئېكران ئالدىدا تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ئۆتكۈزمەكتە. قىسقا ئارىلىقلار ئۈچۈنمۇ ماشىنا ئىشلەتمەكتە. سودا - سېتىقنىمۇ توردىن قىلماقتا. زامانىۋى تۇرمۇش ئۇسۇلى كىشىلەرنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىۋاتقان بولسىمۇ، ھەرىكەتسىزلىك سەۋەبىدىن نۇرغۇن ساغلاملىق مەسىلىلىرىگە ئاساس ياراتماقتا.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى تەييارلىغان دوكلات بۇنى ئىسپاتلىدى. 194 دۆلەتتىن توپلانغان سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن تەييارلانغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئەگەر بۇنىڭغا چارە قىلىنمىسا، تەخمىنەن 500 مىڭ كىشى 2030 - يىلغىچە ھەرىكەتسىزلىك سەۋەبىدىن ئېغىر ساغلاملىق مەسىلىلىرىگە دۇچار بولىدىكەن.

ئۇنداقتا، ھەرىكەتسىز تۇرمۇش نېمە ئۈچۈن بىر ساغلاملىق مەسىلىسى ۋە ئۇ قانداق كېسەللىكلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ؟

جىسمانىي ھەرىكەتنىڭ كەملىكىدىن كېلىپ چىققان ئەڭ مۇھىم كېسەللىكنىڭ سېمىزلىك ئىكەنلىكىنى تىلغا ئالغان سەھىيە پەنلىرى ئۇنۋېرسىتىتى ئىچكى ئاجراتما ۋە مېتابولىزم كېسەللىكلىرى پروفېسسورى دوكتور مازھار مۇسلۇم تۇنا مۇنداق دەيدۇ:

«سېمىزلىكنى يالغۇز بىرلا كېسەللىك ئەمەس، بەلكى نۇرغۇن كېسەللىكلەرنىڭ باشلامچىسى سۈپىتىدە قوبۇل قىلىشقا بولىدۇ. سېمىزلىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىك دىئابىت كېسىلىدۇر. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى، يۇقىرى قان بېسىم، يۈرەك سانجىقى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ يەنە، فىزىكىلىق كېسەللىكلەردىن باشقا نۇرغۇن پىسخىكىلىق كېسەللىكلەرگىمۇ يول ئاچىدۇ»  

*** **** *** ******* ****

 

بۇ بارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ساغلام ئوزۇقلىنىش بىلەن بىرگە ھەرىكەت قىلىش، تەرتىپلىك بەدەن چېنىقتۇرۇش ۋە فىزىكىلىق پائالىيەتلەرنى ئاشۇرۇش تەۋسىيە قىلىنىدۇ. چۈنكى فىزىكىلىق پائالىيەتلەر يۇقىرى قان بېسىم، دىئابىت، يۈرەك قان تومۇر كېسەللىكلىرى، سۈت بېزى ۋە ئۈچەي راكى، ھەتتا چۈشكۈنلۈك قاتارلىق كېسەللىك خەۋپلىرىنى تۆۋەنلىتىدۇ.

«ساغلاملىقنى قوغداش ئۈچۈن قانچىلىك چېنىقىش كېرەك؟»

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى ۋە باشقا كۆپىنچە جەمئىيەتلەر ھەپتىدە 150 مىنۇتتىن 300 مىنۇتقىچە چېنىقىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. كۈنىگە 30 مىنۇتتىن 60 مىنۇتقىچە ماڭسىڭىز بۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرغان بولىسىز. ئەمما بۇ مېڭىش تېز يۈرۈش بولۇشى لازىم. مۇمكىن بولسا ۋېلىسىپىت مىنىش، ئاستا يۈگۈرۈش ياكى سۇ ئۈزۈشنىمۇ قىلىشقا بولىدۇ.

ھەرىكەت قىلىش چۈشكۈنلۈك خەۋپىنىمۇ ئازايتىدۇ

ھەرىكەت بوغۇم، ئۇلاش توقۇلمىلىرى ۋە سۆڭەكنى كۈچەيتىدۇ. ئۇ ئىنسۇلىننىڭ قارشىلىق كۈچىنى تۆۋەنلىتىدۇ. ئورۇقلاشنى ئاسانلاشتۇرىدۇ. بۇنداق بولغاندا، قەنت ۋە قان بېسىمنىى تېخىمۇ مۇقىم ھالغا كەلتۈرىدۇ. ئىنسانلارنىڭ دائىملىق چېنىقىشى جىسمانىي ساغلاملىق ئۈچۈنلا ئەمەس، روھىي ساغلاملىق ئۈچۈنمۇ پايدىلىق.

ئەڭ يېنىك پائالىيەتمۇ بىرىنچى دەقىقىدىن باشلاپلا ئىنساننىڭ روھىي ھالىتى ياخشىلايدۇ، نېرۋىنى تىنىچلاندۇرىدۇ، مېڭە ئارام ئالىدۇ ۋە ھاياتىي كۈچكە ئېرىشىدۇ. ئەگەر  تەرتىپلىك چېنىقىش ئېلىپ بېرىلسا، ئىنساننىڭ ئۇيقۇسىمۇ رەتكە چۈشىدۇ.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، چېنىقىشنى ساغلاملىق مەسىلىسى بارلارلا ئەمەس، ھەممەيلەن قىلىشى كېرەك. بۇنى تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ئايلاندۈرىشنىڭ مۇھىملىقىغا دىققەتلەرنى تارتقان پروفېسسور دوكتور مازھار مۇسلۇم تۇنا بالىلىق دەۋرىدە تېخىمۇ كۆپ چېنىقىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. چۈنكى بالىلىق دەۋرىدە سەمرىشنىڭ كېيىنكى يىللاردا تېخىمۇ چوڭ مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى تەكىتلەيدۇ.

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ ھۆرمەتلىك ئىخلاسمەنلىرى، يۇقىرىدا «كۆزنەك» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈ ھەپتىلىك سانى بويىچە، ساغلام تۇرمۇشنىڭ فورمۇلاسى: ھەرىكەت ئىكەنلىكى ھەققىدە توختالدۇق.  بۇ ھەقتىكى يازما ئۇچۇرلارنى ئوقۇش ئۈچۈن، تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى ئۇيغۇرچە بۆلۈمىنىڭ تور بېتىنى زىيارەت قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىمىز. كۆڭۈل قويۇپ تىڭشىغانلىقىڭلار ئۈچۈن كۆپ رەھمەت!


خەتكۈچ: #كۆزنەك

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر