قەيسەرى 2- ئاساسلىق رېمونت زاۋۇتى مۇدىرلىقى

مۇداپىئەدە مىللىي لايىھەلەر / 12

1108617
قەيسەرى 2- ئاساسلىق رېمونت زاۋۇتى مۇدىرلىقى

مۇداپىئەدە مىللىي لايىھەلەر / 12

قەيسەرى 2- ئاساسلىق رېمونت زاۋۇتى مۇدىرلىقى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ ھۆرمەتلىك ئىخلاسمەنلىرى، ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم ئاڭلىتىلىدىغان «مۇداپىئەدە مىللىي لايىھەلەر» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، تۈركىيە ھەربىي، سودا -سانائەت ئۇيۇشمىسى مائارىپ ئىشلىرى مۇدىرى تاركان سەزگىننىڭ «قەيسەرىدە تانكا رېمۇنتخانىسى» ناملىق ماقالىسىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز. قېنى ئۇنداقتا دىققىتىڭلار بۇ ھەقتىكى ئۇچۇرلىرىمىزدا بولسۇن!

دۆلىتىمىزدە ھەربىي زاۋۇتلار مۇھىم بايلىقلىرىمىز ھېسابلىنىدۇ. دۆلەت ئورگىنى ھېسابلىنىدىغان ھەربىي زاۋۇتلار ئەمگەك كۈچى، پائالىيەتلىرى، ئىمكانىيەت ۋە قابىلىيەتلىرى جەھەتتىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە.  تۈركىيەنىڭ ھەربىي ھەرىكەتلىرىدە ۋە تېررورلۇققا قارشى كۈرەشلىرىدە بۇنىڭ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ ياخشى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.

قەيسەرىگە جايلاشقان 2- ئاساسلىق رېمونت زاۋۇتى مۇدىرلىقىنىڭ قۇرۇلۇش ئىشلىرى 1951 يىلى باشلانغان بولۇپ، بۇ زاۋۇت 1954- يىلىدا «1020 ئارمىيە ئەسلىھە رېمونت زاۋۇتى» نامى بىلەن ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن ئىدى.  قوماندانلىق ئىسمى بولسا، 1987 يىلى «1009 ئارمىيە ئەسلىھە رېمونت زاۋۇتى» غا، 2003 يىلى «2- ئاساسلىق رېمونت مەركىزىي قوماندانلىقى» غا، 2016 يىلىدا «2- ئاساسلىق رېمونت زاۋۇتى مۇدىرلىقى» غا ئۆزگەرتىلگەن ئىدى. ھازىرمۇ مۇشۇ ئىسىم بىلەن پائالىيەت قىلماقتا. زاۋۇتتا تەخمىنەن 800 كىشى خىزمەت قىلىدۇ. بۇلاردىن 480 كىشى ئىشچى ۋە قالغانلىرى ھەربىي ئوفىتسېر، مۇئاۋىن ئوفىتسېر ۋە مەمۇرلاردىن تەشكىل تاپىدۇ. زاۋۇت يېتەكچىلىرى ۋە خىزمەت خادىملىرى بىلەن بىرلىكتە ئۈنۈملۈك نەتىجىلەرنى يارىتىپ كەلمەكتە.

تۆۋەندە،  تۈركىيە ھەربىي، سودا -سانائەت ئۇيۇشمىسى مائارىپ ئىشلىرى مۇدىرى تاركان زەنگىننىڭ مەسىلە ھەققىدىكى ئانالىزىنى ئوتتۇرىغا قويماقچىمىز... 

2- ئاساسلىق رېمونت زاۋۇتى مۇدىرلىقى تۈركىيە ئارمىيەسى ئىشلىتىۋاتقان بىرونىۋىك ئەسلىھەلەر ئۈچۈن رېمونت قىلىش، يېڭىلاش، زامانىۋىيلاشتۇرۇلۇش، ياخشىلاش ۋە زاپچاس ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. تانكىلار، بىرونىۋىك ئەسكەر توشۇغۇچى ئاپتوموبىللار، بىرونىۋىك ئۇرۇش ئاپتوموبىللىرى، بىرونىۋىك راكېتا ئاتار قاتارلىق ئاپتوموبىل تۈرلىرىنى ئاساسلىق مۇلازىمەت ئوبېيىكتى قىلىدۇ ھەمدە بۇلارنى ئارقا سەپ ياردەم خىزمىتى بىلەنمۇ تەمىنلەيدۇ.

قەيسەرى 2- ئاساسلىق رېمونت زاۋۇتى مۇدىرلىقىنىڭ مۇلازىمەتلىرى تۆۋەندىكىچە:

1 بىرونىۋىك ئاپتوموبىللار ئۈچۈن زاپچاس ئىشلەشچىقىرىش؛

2 - بىرونىۋىك ئاپتاموبىللارنىڭ موتىر ۋە تىزلىك تەڭشۈگۈچ ياغلىرىنى كونترول قىلىش؛

3 ئېلېكتىرونلۇق ۋە تېخنىكىلىق مىخانىزملىرىنى دەرىجىلەندۈرۈش؛

4 دوست ۋە ئىتتىپاقداش دۆلەت خادىملىرىغا ۋەزىپە ئۈستىدە تەلىم تەربىيە بېرىش؛

5 تۆۋەن قاتلام قىسىملارغا ھەربىي مەسلىھەتچىلىك قىلىش؛

 

«M-60 T» تىپلىق تانكا پۈتۈنلەي يېڭىلاندى

قۇرۇلغاندىن بۇيان بىرونىۋىك ئاپتوموبىللارنى يىڭىلاش ۋە زاماىنىۋىيلاشتۇرۇش خىزمىتى سۇنۇپ كېلىۋاتقان قەيسەرى 2- ئاساسلىق رېمونت  زاۋۇتى مۇدىرلىقى قولغا كەلتۈرگەن تەجرىبىلىرگە تايىنىپ، 2000 دىن ئارتۇق «M48AT1-T2» تىپلىق تانكىنى زامانىۋىيلاشتۇردى. شۇنىڭدەك «TAMAY» ماركىلىق تانكا قۇتقۇزغۇچى ئاپتوموبىل، ئىستېھكام ئۇرۇش ئاپتوموبىلى «İSA»، كۆۋرۈك ياسىغۇچ تانكا قاتارلىقلارنى غەلىبىلىك ھالدا يېڭىلىدى. 2000 ئەتراپىدا بېنزىنلىق «M113 ZPT» ئاپتوموبىل موتورىنى دىزېللىق ھالغا كەلتۈردى. ماي بېكى ۋە ئەسلىھەلىرىنى زامامىۋىيلاشتۇرۇپ، ھەرىكەت قابىلىيىتىنى ئۆستۈردى ئاخىرىدا «M113 A2T2» تىپلىق ئاپتوموبىلغا ئايلاندۇردى.

بۇ ئاپتوموبىللارنىڭ بىر قىسمىنى تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ۋەزىپە ئېھتىياجلىرى دائىرىسىدە، ئىستېھكام ئۇرۇش ئاپتوموبىلى، بىرونىۋىك قوماندانلىق ئورنى ئاپتوموبىلى، جىددىي قۇتقۇزۇش ئاپتوموبىلى، قىرغۇچى ئاپتوموبىل قاتارلىقلارغا ئۆزگەرتىشتىمۇ ئۇتۇققا ئېرىشتى. يېقىنقى يىللاردا بولسا، «M60T» تىپلىق تانكىنى زامىنىۋىيلاشتۇرۇش بىلەن بىرگە «MLC 70» تىپىلىق كۆۋرۈك ياسىغۇچى تانكىلارنىمۇ ئىشلەپچىقىرىش خىزمىتىنى تاماملىدى.  «M60T» تىپلىق تانكىنى زامانىۋىيلاشتۇرۇش لايىھەسىدە تۇنجى قېتىم تۈركىيە تانكىسىنى پارتلاشقا قارشى قوغدىنىش قالقىنى قابلىيىتىگە ئىگە قىلدى. گەۋدە ئۆزگەرتىلگەندىن باشقا قورال سىستېمىلىرىغا قەدەر زامىنىۋىيلاشتۇرۇلغان 170 دانە « M-60» تىپلىق تانكىلارنىڭ ئىسمىنىڭ ئارقىسىغا «تۈرك» دېگەننى بىلدۈرىدىغان «T» ھەرپى قوشۇلدى. بۇ تانكا «M60T» نامى بىلەن تۈركىيە ئارمىيەسىنىڭ ئاكتىپ ئەسلىھەلىرى ئارىسىدىن ئورۇن ئالدى.

باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، «M60T» تىپلىق تانكا بېشىدىن تىرنىقىغىچە تولۇق يېڭىلىنىپ، تۈركيە ئارمىيەسىنىڭ بۇيرۇقىغا تاپشۇرۇپ بېرىلدى. تانكىلار يېڭىلانغاندىن كېيىن، مەركەزدە قۇرۇلغان كۆل ۋە مەشىق مەيداندانلىرىدا ھەر خىل سىناقلاردىن ئۆتكۈزۈلدى. ھازىرمۇ قەيسەرى 2- ئاساسلىق رېمونت زاۋۇتى مۇدىرلىقىدا ئۇرۇش ياردەم ئاپتوماتىكلاشتۈرۈش لايىھەسى «ADOP-2000» بىلەن بىرگە، «Leopard 2A4» تىپلىق تانكىلارغا تانكا پاچاقلاش ئالاھىدىلىكىنى قوشۇش خىزمەتلىرى داۋاملاشماقتا.

 

ھەربىي ھەرىكەتلەرگە كۈچ قوشۇۋاتقان زاۋۇت

قەيسەرى 2- ئاساسلىق رېمۇنت زاۋۇتى مۇدىرلىقى 2016 يىلى ئېلىپ بېرىلغان فىرات قالقىنى ھەرىكىتى ۋە 2017 يىلى ئېلىپ بېرىلغان زەيتۇن شېخى ھەربىي ھەرىكەتلىرى ئۈچۈن قەيسەرى مەركەزدىن قوشۇمچە زاپچاس، موتور، قوشۇمچە ئۈسكۈنە قاتارلىقلارنى يوللاش ئارقىلىق ياردەم قىلدى. ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان ئاپتوموبىللارنى رېمۇنت قىلىشتىمۇ ئاكتىپ ۋەزىپە ئۆتىدى. مەزكۇر ھەرىكەتلەرنى قوللاپ - قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن مەركەز ئىسمىنا ئىشلەشنى يولغا قويۈپ، ئىشلەپچىقىرىش، يېڭىلاش، ۋە رېمونت  قىلىش نىسبىتىنى ئىككى ھەسسە ئاشۇردى. ھەرىكەت بولۇۋاتقان جايدا ئېغىر زىيانغا ئۇچرىغان بىرونىۋىكلارنى ھەم دۆلەت ئىچىدە، ھەم چېگرا سىرتىدا قۇتقۇزۇش، رېمونت  قىلىش ۋە يۆتكەش خىزمەتلىرىنى رايونغا يوللىغان سەييارە خادىملىرى بىلەن ھەرىكەت باشلانغان كۈندىن تارتىپ، تاكى ئاخىرلاشقىچە بىجانىدىل ئورۇنداپ كەلدى. بۇ ھەربىي كارخانىدىن يوللانغان ئىشچىلار ۋە باشقا ھەربىي خادىملار سەييارە ئەترەتلەر بىلەن بىرگە، ئافرىندىكى فىرات قالقىنى ۋە زەيتۇن شېخى ھەرىكەتلىرىدە تەڭ كۈرەش قىلدى.

 

نۇرغۇن ساندا سۈپەت ۋە غەلىبە مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن كارخانا

قەيسەرى 2- ئاساسلىق رېمونت  زاۋۇتى مۇدىرلىقى لايىھەلەش ۋە ئىشلەپچىقىرىش پائالىيەتلىرى دائىرىسىدىكى «AQAP-2110» (لايىھەلەش، تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە ئىشلەپچىقىرىشتا ناتو سۈپىتىنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش) بويىچە، شىمالى ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (ناتو) نىڭ سانائەتلەشكەن سۈپەت كاپالىتى سىستېمىسى گۇۋاھنامىسىغا شۇنداقلا ھەرتۈلۈك مۇھىت بەلگىلىمىلىرىگە ئۇيغۇن پائالىيەت قىلغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان «TS EN ISO 14001» ناملىق مۇھىت ئىدار قىلىش سىستېمىسى لاياقەتنامىسىغا ئىگە بولدى.

قەيسەرى 2- ئاساسلىق رېمونت  زاۋۇتى مۇدىرلىقى ئۆزىنىڭ ئەسلى ۋەزىپىسىدىن سىرت، سۇپەت خىزمەتلىرىگىمۇ ئالاھىدە ئەھمىيەت بەرمەكتە. 2017 يىلى 4 مارتتا تۈركىيە سۈپەت باشقۇرۇش جەمئىيىتىگە ئەزا بولدى ۋە 2017 يىلى 8 ئۆكتەبىردە دۆلەتلىك سۈپەت خىزمەتلىرى ھەرىكىتىنى باشلىغان تۇنجى ھەربىي زاۋۇت بولۇش ئۇنۋانىغا ئېرىشتى. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن نۇقتىلىق زاۋۇت بولۇپ تاللانغان قەيسەرى 2- ئاساسلىق رېمونت  زاۋۇتى مۇدىرلىقى قىلىۋاتقان خىزمەتلىرى ۋە خىزمەت تەييارلىقلىرى نۇقتىسىدىن 3 يۇلتۇزلۇق ھەق - ھوقۇققا ئىگە بولۇش گۇۋاھنامىسغىمۇ ئېرىشتى.

يۇقىرىدا، «مۇداپىئەدە مىللىي لايىھەلەر» ناملىق سەھىپىمىزنىڭ بۇ ھەپتىلىك سانىدا، تۈركىيە ھەربىي، سودا -سانائەت ئۇيۇشمىسى مائارىپ ئىشلىرى مۇدىرى تاركان زەنگىننىڭ «تۈركىيەنىڭ تۇنجى مىللىي سەزگۈر نىشان بەلگىلەش ئاپپاراتى» ماۋزۇلۇق ماقالىسىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇندۇق.

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر