ژۇرنالىست قاشىقچى ۋەقەسى ۋە تۈركىيەنىڭ پوزىتسىيەسى

تەتقىقاتچى جان ئاجۇننىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى

1076236
ژۇرنالىست قاشىقچى ۋەقەسى ۋە تۈركىيەنىڭ پوزىتسىيەسى

بۇ يىل 2-ئۆكتەبىردە نىكاھ رەسمىيەتلىرى ئۈچۈن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىستانبۇل كونسۇلخانىسىغا كەلگەن ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى يازغۇچىسى ژۇرنالىست جەمال قاشىچقى( خاشوقچى)نىڭ قايتىپ چىقماسلىقىغا قارىتا، قاشىقچىنىڭ بولغۇسى ئايالى خەدىچە جەنگىز تۈركىيە دائىرىلىرىغا ئەھۋالنى مەلۇم قىلدى. تۈركىيە دائىرىلىرى ژۇرنالسىت جەمال قاشىقچىنىڭ يوقاپ كېتىشىگە قارىتا دەرھال تەكشۈرۈش خىزمىتى باشلىدى.

دۇنيا تاراتقۇلىرى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان قاشىقچى ۋەقەسى توغرۇلۇق، تۈركىيە دائىرىلىرى پات-پات يېڭى ئۇچۇر ۋە دەلىل-ئىسپاتلارنى ئېلان قىلىپ تۇردى، بۇ ئەھۋالغا قارىتا سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرىمۇ جەمال قاشىقچى ۋەقەسى توغرۇلۇق باياناتلىرىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولدى. دەسلەپكى ۋاقىتلاردا سەئۇدى ئەرەبىستان دائىرىلىرى جەمال قاشىقچىنىڭ كونسۇلخانىدىكى ئىشىنى تۈگىتىپ قايتىپ چىققانلىقىنى بىلدۈرۈپ بايانات بەردى، لېكىن قاشىقچىنىڭ كونسۇلخانىدىن چىقىپ كەتكەنلىكىگە دائىر كامېرا كۆرۈنۈشلىرىنى كەڭ جامائەتچىلىك بىلەن ئورتاقلىشالمىدى. ئسىتانبۇلغا سەئۇدى ئەرەبىستاندىن كەلگەن 15 كىشىلىك ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترىتىنى ساياھەتچى دەپ تونۇشتۇرغان سەئۇدى ئەرەبىستان ھۆكۈمىتى، ئۇزۇن ئۆتمەيلا قاشىقچىنىڭ ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى تەن ئېلىپ، 15 كىشى بىلەن سەئۇدى كونسۇلخانىسىدا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان 3 خادىمنى قاشىقچى ۋەقەسى تۈپەيلى نازارەت ئاستىغا ئالدى. جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى سەلمان بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن، سەئۇدى ھۆكۈمىتى جەمال قاشىقچنىڭ كونسۇلخانىدا يۈز بەرگەن جېدەل سەۋەبىدىن ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن تۈركىيە دائىرىلىرىنىڭ قاشىقچىنىڭ ئۆلۈمى توغرۇلۇق كەڭ جامائەتچىلىككە يەتكۈزگەن يېڭى ئۇچۇر ۋە دەلىللەر تۈرتكسىىدە، قاشىقچى جىنايىتىنىڭ پىلانلىق ھالدا ئېلىپ بېرىلغان سۇيىقەست ئىكەنلىكى ئاساسەن ئايدىڭلاشتى.  

سەئۇدى ئەرەبىستان دەسلەپ جىنايەتتىن تېنىپ تۇرۇۋالدى. قاشىقچنىڭ بولغۇسى ئايالى خەدىچە جەنگىزنىڭ سەئۇدى كونسۇلخانىسى ئالدىدا جەمال قاشىقچىنى ئۇزۇن كۈتۈشى ۋە ئامانلىق ساقلاش خادىملىرىغا قاشىقچىنىڭ نېمە ئۈچۈن چىقمايدىغانلىقىنى سوراپ ئۇلارنى ئاگاھلاندۇرۇشى، شۇنداقلا بۇ ئىشلاردىن كېيىن بارلىق ئىستىبخارات خىزمەتلىرىنىڭ نەتىجىسىدە قاشىقچنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىگە دائىر كۈچلۈك دەلىل-ئىسپاتلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بولۇپ بىر قاتار ۋەقەلەر تۈرتكىسىدە قاشىقچى ۋەقەسى باشقىچە خاراكتېرگە ئىگە بولدى. سەئۇدى دائىرىلىرى خېلى بىر مەزگىل قاشىقچىنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى ئىنكار قىلىپ تۇرۇۋالدى. لېكىن تۈركىيەنىڭ قاشىقچى دېلوسىنى ئۇستىلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشى ۋە  دېلو توغرۇلۇق يېڭى ئۇچۇر ۋە دەلىللەرنى دۇنيا تاراتقۇلىرىغا يەتكۈزۈپ تۇرۇشى سەۋەبىدىن  پەيدا بولغان بېسىم نەتىجىسىدە سەئۇدى دائىرىلىرى پوزىتسىيەسىنى ئۆزگەرتىشكە مەجبۇر بولدى. سەئۇدى دائىرىلىرى ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ قاشىقچى ۋەقەسى توغرۇلۇق ھەر خىل باياناتلارنى بېرىپ كەلدى، لېكىن ئۇلارنىڭ قاشىچقى ۋەقەسى توغرۇلۇق بەرگەن باياناتلىرىغا نە تۈركىيە نە دۇنيا جامائەتچىلىكى قايىل بولمىدى. مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، سەئۇدى ھۆكۈمىتى دۇنيانى قايىل قىلالمىدى.  جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان قاشىقچنىڭ ئالدىن پىلانلانغان سۇيىقەست ئىكەنلىكىنى دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن ئوتتۇرىغا قويدى. ئىستانبۇلدىكى سەئۇدى كونسۇلىنىڭ جىنايەتتىن ئىلگىرى رىيادقا قايتىش پىلانىنى تۈزۈپ بولغانلىقى، 15 كىشىلىك ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترىتىنىڭ تۈركىيەگە كېلىپ يالوۋا ۋە بېلگراد ئورمانلىقىدا كۆزىتىش ئېلىپ بارغانلىقى ۋە ئالاھىدە ھەرىكەت ئەترىتى ئىچىدە قانۇن دوختۇرنىڭمۇ بارلىقىغا دائىر مۇھىم دەلىل-ئىسپاتلار تۈركىيە تەرىپىدىن ئېنىقلىنىپ دۇنيا جامائەتچىلىكىگە يەتكۈزۈلدى. تۈركىيە ئېنىقلاپ چىققان دەلىل-ئىسپاتلار بىلەن سەئۇدى دائىرىلىرىنىڭ قاشىقچى ۋەقەسى توغرۇلۇق بەرگەن باياناتلىرى بىر-بىرىگە زىتتۇر.

سەئۇدى ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئاشقانسېرى سەئۇدى ھۆكۈمىتىمۇ ھەر خىل تاكتىكلارنى سىناپ بېقىۋاتىدۇ. سەئۇدى ھۆكۈمىتى ئىزچىل شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ جەمال قاشىقچى ۋەقەسى بىلەن چېتىشلىقى يوقلىقىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كەلمەكتە، بۇ بەلكىم ۋەقەنىڭ ئايدىڭلىشىشى نۇقتىسىدىن مەسىلە پەيدا قىلىشى مۇمكىن. تۈركىيە بۇنى ياخشى بىلىدىغانلىقى ئۈچۈن، جۇمھۇر رەئىس رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ۋەقە توغرۇلۇق ھەر قېتىم بايانات بەرگەندە سەئۇدى پادىشاھى سەلمان بىلەن شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلماننى بىر-بىرىدىن ئايرىپ تۇرۇپ خىتاب قىلدى. شۇنداق قىلىپ ئەردوغان سەئۇدى پادىشاھى سەلمانغا شاھزادە مۇھەممەد بىن سەلمانسىز بىر چىقىش يولى يارىتىپ بەرگەن بولدى. قاشىقچى ۋەقەسىدىن ئىلگىرى سەئۇدى مەنبەلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇھەممەد بىن سەلمان جەمال قاشىقچىغا شەخسىي ھۇجۇم نىشانىغا ئايلاندۇرۇۋالغان بولۇپ، قاشىقچنى جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن بىر قاتار ئىشلارنى قىلغان. سەئۇدى ئەرەبىستان ئىستىخبارات باشلىقى ئەسىرى ژۇرنالىست جەمال  قاشىقچى بىلەن كۆرۈشكەندىمۇ، ئۇنى سەئۇدى ئەرەبىستانغا قايتىپ كېلىشكە قايىل قىلىش ئۈچۈن ئىدىيەۋى خىزمەت ئىشلىگەن.

تۈركىيە قاشىقچى دېلوسىنى ئۇستىلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىشى نەتىجىسىدە خەلقئارا جەمئىيەت سەئۇدى ئەرەبىستانغا بېسىمىنى كۈچەيتتى. ئامېرىكا بولۇپمۇ ئاقساراي مۇھەممەد بىن سەلماننى قاشىقچى ۋەقەسىنىڭ سىرتىدا تۇتۇشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقان بولسىمۇ، ئامېرىكا ئالىي پالاتاسىنىڭ بۇ ئىشقا تۇتقان پوزىتسىيەسى ۋە تۈركىيە تەرىپىدىن دېلو توغرۇلۇق تېخىمۇ ئېلان قىلىنمىغان ئۇچۇر ۋە كۈچلۈك دەلىللەر تۈرتكىسىدە، شاھزادە مۇھەممەد سەلماننىڭ دېلونىڭ سىرتىدا تۇرۇش ئېھتىماللىقى بارغانچە تۆۋەنلەپ بارماقتا. تۈركىيەنىڭ قاشىقچى دېلوسىدا سەئۇدى پادىشاھى سەلماننى دېلونىڭ سىرتىدا تۇتۇپ مۇئامىلە قىلىشىغا ئاقساراينىڭمۇ ئاۋاز قوشۇشى ۋە مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىشىنى پىرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭمۇ كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىشى قاتارلىق ھادىسىلەر، مۇھەممەد بىن سەلماننىڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ترامپ پادىشاھ سەلماننىڭ قاشىقچى ۋەقەسى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوقلىقىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېگەنىدى: «نۆۋەتتە سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئشىلارنى مۇھەممەد بىن سەلمان باشقۇرۇۋاتىدۇ، بىرسى بۇ ئىش سەۋەبىدىن ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىدىغان بولسا بۇ دەل مۇھەممەد بىن سەلمان بولۇشى كېرەك.»

ئالدىمىزدىكى مەزگىللەردە تۈركىيە قاشىقچى دېلوسى توغرۇلۇق يېڭى دەلىللەرنى تاپسا ۋە قولىدا بولغان لېكىن كەڭ جامائەتچىلىككە يەتكۈزمىگەن دەلىللەر ئېلان قىلىنىسا ، زور ئېھتىماللىق سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تەخت ۋارىسىنىڭ پادشاھلىقى خەتەر ئەھۋالغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن. سەئۇدى خان جەمەتى ئىچىدە ئاتىسى سەلماندىن كۈچ ئالغان ۋە چەت ئەلدە بولسا بەزى كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ ھۆكۈمدارلىق ئورنىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملىگەن مۇھەممەد بىن سەلمان، ھەم ئاتىسىنىڭ ھەمدە چەت ئەلدىكى قوللىغۇچىلىرىنىڭ قوللىشىدىن ئايرىلىپ قېلىش ئالدىدا تۇرماقتا.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر