خىتاي ئاساسىي قانۇنىغا نېمە ئۈچۈن ئۆزگەرتىش كىرگۈزىدۇ؟

دوكتور ئەركىن ئەكرەمنىڭ تېمىغا مۇناسىۋەتلىك ئانالىزى

891614
خىتاي ئاساسىي قانۇنىغا نېمە ئۈچۈن ئۆزگەرتىش كىرگۈزىدۇ؟

خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19-نۆۋەتلىك قۇرۇلىتىيىنىڭ 2-قارارلىق يىغىنى بۈگۈن باشلاندى.  ئىگىلىنىشىچە، ئىككى كۈن داۋاملىشىدىغان بۇ يىغىندا  ئاساسىي قانۇنغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش مەسىلىسى ئۈستىدە كېڭەش ئۆتكۈزۈلىدىكەن.

خىتاينىڭ نۆۋەتتە يۈرگۈزۈلىۋاتقان ئاساسىي قانۇن 1982-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى 5-نۆۋەتلىك  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلىيىتى 5-قارارلىق يىغىنىدا ماقۇللانغان بولۇپ، ئۇنىڭدىن كېيىن 1988 ، 1993، 1999 ۋە 2004-يىللىرى بولۇپ تۆت قېتىم تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن.

مۇتەخەسسىلەر بۇ قېتىمقى ئاساسىي قانۇنغا « يېڭى دەۋىردىكى جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە  شى جىنپىڭنىڭ سوتسىيالىست ئىدىيەسى»دېگەن ئىبارىنىڭ ئاساسىي قانۇننىڭ مۇقەددىمە قىسمىغا يېزىلىشىنى تەخمىن قىلماقتا.  ھازىرقى ئاساسىي قانۇننىڭ مۇقەددىمەسىدە ماڭ زېدۇڭ بىلەن دىڭ شىياۋپىڭنىڭ ئىسمىنىڭ بارلىقى، لېكىن جىياڭ زېمىننىڭ ئىسىمنىڭ يوقلىقى بىلدۈرۈلمەكتە.

خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇننىنىڭ ئاساسلىق  فۇنكسىيەسى نېمە؟ خىتايدىكى ئاساسىي قانۇننىڭ تارىخىي ئارقا كۆرۈنۈشى نېمە؟  خىتاي قايسى خىل ئەھۋالدا ئاساسىي قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزىدۇ ۋە بۇ قېتىم نېمە ئۈچۈن تۈزىتىش كىرگۈزىدۇ؟ خىتايدا سىياسەت بىلەن ئاساسىي قانۇننىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار؟



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر