قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ (26)

تۆۋەندە سۈرە بەنى ئىسرائىلنىڭ قىسقىچە مەزمۇنى، نازىل بولغان زامان ۋە ماكانلىرىنى ئاڭلىتىمىز. (ئاۋازلىق)

767099
قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟ (26)

سۈرە بەنى ئىسرائىل ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە

ئاتىلىشى:

سۈرىنىڭ ئىسمى 4- ئايەتتىكى وَقَضَيْنَا إِلَى بَنِي إِسْرَائِيلَ“"ئىسرائىل ئەۋلادىغا ھۆكۈم قىلىپ" دېگەن جۇملىدىن ئىلىنغان بولۇپ، بەنى ئىسرائىل قەۋمى ئۇنىڭ نۇقتىلىق تىمىسى ئەمەس، چۇنكى بۇ ئىسىممۇ قۇرئاندىكى باشقا نۇرغۇنلىغان سۈرىلەرنىڭ ئىسىملىرىغا ئوخشاش ئالامەت ئورنىدىلا ئىشلىتىلگەن. 

نازىل بولغان ۋاقتى: 

بۇ سۈرىنىڭ مېراج ۋەقەسى مەيدانغا كەلگەن چاغدا نازىل قىلىنغانلىقى بىرىنچى ئايەتتىن كۆرىنىپ تۇرىدۇ. نۇرغۇنلىغان ھەدىس ۋە تەرجىمېھال كىتاپلاردىكى بايانلارغا ئاساسلانغاندا، مېراج ۋەقەسى ھىجرەتتىن بىر يىل ئىلگىرى مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، شۇڭلاشقا بۇ سۈرىمۇ ئاخىرىقى مەككە دەۋرىدە نازىل بولغان سۈرىلەر قاتارىدا سانىلىدۇ.

تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى:

شۇ چاغدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ تەۋھىد ساداسىنى ياڭرىتىۋاتقانلىقىغا ئون ئىككى يىل بولۇپ قالغان ئىدى. قارشىلاشقۇچىلار پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا توسقۇنلۇق قىلىش ئۈچۈن ئىمكانىيىتىدە بار بولغاننىڭ ھەممىنى ئىشقا سېلىپ باققان بولسىمۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ياڭراق ساداسى ئۇلارنىڭ قارشىلىقىغا قارىماستىن، ئەرەب زېمىنىنىڭ ھەممە ئەتراپىغا كەڭ تارالماقتا ئىدى. ئەرەب قەبىلىلىرى ئىچىدە ھىچ بولمىغاندا بىر قانچە ئەزاسى بولسىمۇ ئىسلام دەۋىتىنىڭ تەسىرىگە ئەچرىمىغان بىرمۇ قەبىلە قالمىغان ئىدى. مەككىنىڭ ئۆزىدىلا ھەققانىيەتنىڭ چاقىرىقىنى ئۇتۇقلۇققا ئىرىشتۈرۈش ئۈچۈن ھەرقانداق خەتەرگە كۆكرەك كېرەلەيدىغان كىشىلەردىن ئايرىم بىر سىنىپ تەشكىللىنىپ بولغان ئىدى. مەدىنىدىكى ”ئەۋىس“ ۋە ”خەزرەج“ گە ئوخشاش كۈچلىك قەبىلىلەرنىڭ خېلى نۇرغۇن كىشىلىرىمۇ پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنى قوللايتتى. ئەمدىكى چاغدا مەككىدىن مەدىنىگە كۆچۇپ، ھەرقايسى تارقاق مۇسۇلمانلارنى بىر يەرگە توپلاشقا ۋە ئىسلامنىڭ پىرىنسىپى بويىچە ئايرىم دۆلەت قۇرۇپ چىقىشقا شارائىت پىشىپ يېتىش ئالدىدا تۇراتتى. دەل ئەنە شۇنداق چاغدا مېراج ۋەقەسى يۈز بەردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مېراجدىن قايتىپ كېلىپ ئومومىي ئەھۋالنى پۈتۈن جاھانغا ئاڭلاتتى. 

*** *** **** **** **** ****

قىسقىچە مەزمۇنى:

بۇ سۈرە ئاگاھلاندۇرۇش، تەلىم بىرىش ۋە چۈشەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئۈچ خىل مەزمۇننى ئىنتايىن مۇناسىپ رەۋىشتە ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئاگاھلاندۇرۇش، مەككە كۇپپارلىرىغا قارىتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭدا: «بەنى ئىسرائىل ۋە باشقا قەۋملەرنىڭ ئاقىۋىتىدىن ساۋاق ئېلىڭلار، ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن مۆھلىتى ئاخىرىلىشىش ئالدىدا تۇرىدۇ. ھۇشۇڭلارنى تېپىپ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋە قۇرئان كەرىم ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلىۋاتقان بۇ دەۋەتنى قوبۇل قىلىڭلار، ئۇنداق بولمىغاندا سىلەر يوقۇتۇپ تاشلىنىپ، ئورنۇڭلارغا باشقىلار يەرلەشتۈرىلىدۇ.» دېيىلىدۇ.

بۇنىڭدىن سىرت ھىجرەتتىن كىيىن پات ئارىدا ۋەھىنىڭ مۇخاتىبى بولۇش ئالدىدا تۇرغان بەنى ئىسرائىل قەۋمىگىمۇ ئاگاھلاندۇرۇش بىرىلىدۇ. ئۇلارغا: «سىلەرگە بېرىلگەن جازالاردىن ئىبرەت ئېلىڭلار، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكى بىلەن ئەمدىلىكتە قولغا كېلىۋاتقان بۇ غەنىمەت پۇرسەتتىن پايدىلىنىڭلار، ناۋادا بۇ ئاخىرىقى پۇرسەتنىمۇ قولدىن بىرىپ قويۇپ، يەنىلا ئىلگىرىكى ئەھۋالىڭلارنى تەكرارلىساڭلار، قاتتىق ئازاپقا دۇچار بولىسىلەر» دېيىلىدۇ.

چۈشەندۇرۇش؛ قەلبلەرنى مەھلىيا قىلىدىغان رەۋىشتە باشلانغان بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىنسانلارنىڭ سائادەت تىپىشى ياكى زالالەتكە چۆكۈشى، غەلىبە ياكى مەغلۇبىيەتكە ئۈچرىشى... زادى نېمىلەر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بېرىلىدۇ. تەۋھىد بىلەن قىيامەتنىڭ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن قۇرئاننىڭ بەرھەق ئىكەنلىكىگە دائىر پاكىتلار ئوتتۇرىغا قويىلىدۇ. بۇ ھەقىقەتلەر ھەققىدە مەككە مۈشرىكلىرى تەرەپتىن مەيدانغا چىقىۋاتقان شۈبھىلەرنى قومۇرۇپ تاشلاپ، دەلىللەش جەريانىدا ئىنكارچىلارنىڭ جاھالىتىگە قارىتا پات ــ پات دوق، مالامەت، تەنقىد قىلىنىدۇ. 

تەلىم بىرىش جەھەتتە ئەخلاق، مەدىنىيەتنىڭ بۈيۈك ئۇسۇللىرى يەنى، ئىسلام  دەۋىتى قۇرۇپ چىقىشنى كۆزدە تۈتىدىغان ئىجتىمائىي تۈزۈمنىڭ ئاساسلىرى بايان قىلىنىدۇ. بۇ گويا ئىسلام دۆلىتى قۇرۇلۇشتىن بىر يىل ئىلگىرى ئەرەپلەرگە تەقدىم قىلىنغان ئىسلام دىنىنىڭ نىزامنامىسى بولۇپ، ئۇنىڭدا «مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام مانا بۇ لايىھە ئاساسىدا ئىسلام دۆلىتىنى ئاندىن پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ ھاياتلىق قۇرۇلىشىنى قۇرۇپ چىقماقچى» دېيىلىدۇ.

يۇقارقىلار بىلەن بىرگە يەنە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسلامغا كۆرسەتمە بېرىپ، قىيىنچىلىقنىڭ بۇ بوران ــ چاپقۇنلىرىدا تەۋرەنمەي مەھكەم تۈرىشى كېرەكلىكى، كۇپىرلىق بىلەن مۇرەسسە قىلىشنى ئويلاشقىمۇ بولمايدىغانلىقى ئۇقتۇرىلىدۇ. ئاندىن كۇپپارلارنىڭ زۇلۇم ــ سېتەملىرىگە، جاھىلانە تالاش ــ تارتىشلىرى ۋە ئويدۇرمىچىلىق قىلىشلىرىغا بەزىدە غەزىپىنى باسالماي قالىدىغان مۇسۇلمانلارنى سەبىر، قانائەت ئارقىلىق ۋەزىيەتكە تاقابىل تۇرۇشقا، تەبلىغ قىلىش ۋە ئىسلاھات ئىلىپ بىرىشتا ئۆز ھىسسىياتلىرىنى كونتىرۇل قىلىشقا ئۈندەيدۇ. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئۆزىنى ئىسلاھ قىلىشى ۋە قەلب پاكلىقىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى ئۈچۈن نامازنى ۋاستە قىلىپ بىرىدۇ. «ناماز؛ ھەققانىيەت يولىدىكى مۇجاھىدلاردا بولۇشقا تىگىشلىك ئالى سۇپەتلەرنى پەيدا قىلىدىغان بىردىن ــ بىر ئامىل» دەپ تەكىتلەيدۇ. رىۋايەتلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇ دەل بەشۋاخ ناماز پەرىز قىلىنغان دەسلەپكى چاغلار ئىدى. 

**** ** *** **** **** ***** ****

ھۆرمەتلىك قېرىنداشلار ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن «قۇرئان ۋە سۈرىلىرى بىلەن تونۇشتىڭىزمۇ؟» ناملىق پىروگراممىمىزنى مۇشۇ يەردە توختىتىمىز. ئىنشائاللاھ پىروگراممىزنىڭ كېلەر ھەپتىلىك بۆلىمىدە سۈرە كەھىفلنىڭ تارىخىي ئارقا كۆرىنىشى، نازىل بولۇش سەۋەپلىرى ۋە مەزمۇنىنى ئاڭلىتىمىز.

كېلەر ھەپتە يەنە ئوخشاش ۋاقىتتا دىققىتىڭلار ئاڭلىتىشىمىزدا بولسۇن. خەير خوش.

 

 



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر