دىيارباكىرنىڭ تارىخىي سىپىللىرى ۋە ھەۋسەل باغچىسى

پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلىمىدە سىلەرگە، تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەرلىرىدىن بىرسى بولغان دىيارباكىرنىڭ تارىخىي سېپىللىرى ۋە ھەۋسەل باغچىسىنى تونۇشتۇرىمىز.

540531
دىيارباكىرنىڭ تارىخىي سىپىللىرى ۋە ھەۋسەل باغچىسى

دىيارباكىرنىڭ تارىخىي سىپىللىرى ۋە ھەۋسەل باغچىسى

تۈركىيەنىڭ كۈلتۈر خەزىنىسى (28)

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچى قېرىنداشلار! «تۈركىيەنىڭ كۈلتۈر خەزىنىسى» ناملىق پىروگراممىمىزنىڭ بۈگۈنكى بۆلىمىدە سىلەرگە، تۈركىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەرلىرىدىن بىرسى بولغان دىيارباكىرنىڭ تارىخىي سېپىللىرى ۋە ھەۋسەل باغچىسىنى تونۇشتۇرىمىز.

دىياربەكىرنىڭ تارىخىي سېپىللىرى ۋە شەھەرنىڭ يېنىدىن ئەگىلىپ ئاقىدىغان دىجلە دەرياسى بويىدىكى ھەۋسەل باغچىسى ئۆتكەن يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىلىم – پەن مائارىپ ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى «Unesco» تەرىپىدىن دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى. بۇ سېپىل ۋە باغچا مىڭلىغان يىللىق ئۆتمۈشى بىلەن پۈتۈن ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق تارىخىي مىراسى بولۇشنى داۋاملاشتۇرماقتا.

*** **** ** *** ** ***** *** ****

دىيارباكىر شەھىرى ئۆز نۆۋتىدە يەنە، چايئۆنۈ ئارخىئولوگىيەلىك ئولتۇراق رايونى بىلەنمۇ دۇنيا بويىچە ئەڭ قەدىمىي يېزىغا ساھىبخانلىق قىلماقتا. شەھەر مەركىزىدە ھىتىت ۋە ھۇررىلەرنىڭ ھاكىمىيىتى دەۋىرىدىن قالغان تۈنجى قەلئە ماۋجۇت دەپمۇ قارىلىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە ساقلىنىۋاتقان سېپىللارنىڭ ئەڭ قەدىمىلىرى مىلادىدىن ئىلگىرىكى 2000 – يىللاردا ياسالغان ئىدى.

تارىخى بويىچە جۇغراپىيەلىك ئورنى نۇقتىسىدىن مۇھىم ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن ۋە موزوپوتاميانى ئالقىنىغا كىرگۈزمەكچى بولغان كۈچلەرنىڭ تۇقۇنۇش مەركىزى  بولۇپ كەلگەن بۇ شەھەر ئۆز نۆۋىتىدە يەنە، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەتلەرنىڭ قالدۇرغان ئىزنالىرىغىمۇ ساھىبخانلىق قىلماقتا. دىيارباكىرنىڭ سېپىللىرى خىتايدىكى سەددىچىن سېپىلىدىن قالسىلا دۇنيادا ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئەڭ ئۇزۇن 2 - سېپىل بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇزۇنلۇقى 5800 مېتىر كېلىدىغان سېپىلنىڭ ئېگىزلىكى 12 مېتىر ۋە كەڭلىكى 5 مېتىر كېلىدۇ. تۆتىلى تەرەپكە ئېچىلىدىغان ئانا دەرۋازىلىرى ئارقىلىق سېپىلنىڭ ئىچىگە كىرگىلى بولىدۇ. شىمال تەرەپتە تاغ دەرۋازىسى، غەرب تەرەپتە ئۇرفا ۋە جەنۇپ تەرەپتە مادرىن دەرۋازىسى  ھەمدە شىمال تەرەپتە ئىچ قەلئەسى بار. بۇ يەرگە ساراي دەرۋازىسىدىن كىرىشكە بولىدۇ. ئاتاقلىق قەھرىمان ساھابە خالىد بىن ۋەلىدنىڭ قوماندانلىقىدىكى ئىسلام قوشۇنى شەھەرنى ئالغان چاغدا، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېقىن ساھابىلىرىدىن 27 كىشى شېھىت بولغان ئىدى. ھەزرەتى سولايمان جامەسى باغچىسىدىكى بۇ ساھابىلەرنىڭ مازارلىرى بۈگۈنكى كۈندە شەھەرنىڭ ئەڭ كۆپ زىيارەت قىلىنىدىغان يېرىگە ئايلاندى.

سېپىللاردا بولسا، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت دەۋرىدە ئويۇلغان خەتلەر ۋەنەقىشلەر بار. ئانادولۇنىڭ ئەڭ قەدىمىي جامەسى بولۇپمۇ ھېسابلىنىدىغان دىيارباكىر ئۇلۇ جامەسىنى ئىسلام ھاكىمىيىتى بىلەن تەڭ ياسالغان قەدىمىي بىر قەلئە چۆرىدەپ تۇرىدۇ. دىيارباكىر ئۇلۇ جامەسى ئەڭ ئاخىرىدا قانۇنىي سۇلتان سۇلايمان دەۋرىدىكى ئۆزگەرتىشلەر بىلەن بۈگۈنكى كۈندىكى ھالىغا كەلگەن ئىدى.

*** *** *** *** *** ***** **** *****

1071 - يىلى دىيارباكىرنى قورشاۋغا ئالغان سەلجۇقىيلارنىڭ سولتانى ئالپئارسىلان ۋىزانتىيە قوشۇنىنىڭ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ، قوشۇنىنى دەسلەپتە ئاھلاتقا، ئاندىن شۇ يەرگە ئىنتايىن يېقىن بولغان مالازگېرت ۋادىسىغا توپلىغان ئىدى. سۇلتان ئالپئارسىلان بۇ يەردىكى ئۇرۇشتا كاتتا غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئانادۇلۇنىڭ كۈنىمىزگە قەدەر بولغان 1000 يىللىق تارىخىنى شەكىللەندۈرۈپ چىققان ئىدى. دىيارباكىر شەھىرى ئەمەۋىيلەر، سەلجۇقىيلار، ئاققويۇنلار ۋە ئوسمانلى خەلىپىلىكى دەۋرلىرىدە بىر - بىرىدىن ئېسىل تارىخىي ياردىكارلىقلار بىلەن بېزەلگەن ئىدى. پەقەتلا دىنىي قۇرۇلمىسى ئەمەس، ئۆز نۆۋىتىدە يەنە سودا ۋە ئىجتىمائىي جەمئىيەت قۇرۇلمىسىمۇ ئالاھىدە تەرەققىي قىلدۈرۈلغان ئىدى. مىمار سىنانمۇ دىيارباكىردا ۋەلى بەھرەم پاشا جامەسى، بازار، ساراي قاتارلىق نۇرغۇن يادىكارلىقلارنى ياساپ قالدۇردى.

**** ** ******* *** *** ***** *** ****

دىيارباكىر سېپىللىرىدىن دىجلە دەرياسى تەرەپكە قايرىلىشقا جايلاشقان ھەۋسەل باغچىسى بولسا، مىڭلىغان يىللىق تىرىقچىلىققا ساھىبخانلىق قىلغان ئىنتايىن مول-ھوسۇللۇق جاي ھېسابلىنىدۇ. 10 مىڭ گېگتارغا يېقىن كەڭلىكى ۋە ئەتراپىدىن ئەگىپ ئۆتىدىغان دىجلە دەرياسىنىڭ مەنزىرىسى بىلەن ئادەمنى مەھلىيا قىلىدۇ. بۇ جاي پۈتۈن شەھەر خەلقىنىڭ ئاشلىق ئېھتىياجىنى قامدايدۇ. ئۆز نۆۋىتىدە يەنە شەھەرنىڭ سېمۋولى بولغان دىيارباكىر تاۋۇزلىرىمۇ مۇ جايدا يېتىشىدۇ. ئىچىگە كىچىك بالىمۇ پاتىدىغان، ئېغىرلىقى تەخمىنەن 35 كېلوغىچە چىقىدىغان بۇ تاۋۇزلارنىڭ تاتلىقلىقى ھەمىنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. ھەۋسەل رايونى يەنە 180 خىل قۇش تۈرى ۋە سان - ساناقسىز ياۋايى ھايۋانلارغا ساھىبخانلىق قىلماقتا. كۆچمەن قۇشلارنىڭ ئۇچۇش لىنىيەسى ئۈستىگە جايلاشقان ھەۋسەل باغچىسى نۇرغۇنلىغان خەلق ناخشىلىرى ۋە ھېكايە -چۆچەكلىرىگە تېما بولغان ئىدى. بۇ ناخشىلار ئىچىدە ئەڭ مەشھۇر بولغىنى، دىجلە دەرياسىنى شەرققە تۇتاشتۇرغان ئەمەۋىيلەر دەۋرىگە تەۋە  10 كۆزلۈك كۆۋرۈكتە يۈز بەرگەن تولىمۇ ئازابلىق بىر ھېكايىنى مەزمۇن قىلغان «سۇزان سۇزى» ناملىق خەلق ناخسىدۇر.

بۇ باغچىلارنى سۇغۇرۇش جەريانىدا جەلال گۈزەلسەس تەرىپىدىن يۇمشاق ئاۋازدا ئوقۇلغان ۋە ئاتاتۈرك مۇستاپا كامالنىڭ بېرىلىپ ئاڭلىغانلىقى بىلەن مەشھۇر بولغان  ناخىشلارمۇ بار.  ئەينى چاغدا ئاتا تۈرك ھەربىي قوماندان بولۇپ، ھەۋسەل باغچىسىنىڭ ئۇدۇلىدىكى غازى سارىيىدا تۇراتتى. ئاققويۇنلار دەۋرىدە ياسالغان بۇ  تارىخىي ساراينىڭ ئۆگزىسىدە جەلال گۈزەلسەسنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ئاتاتۈرك ئۇنى چاقىرىتىپ ناخشىسىنى ئاڭلىغان ۋە كېيىنچە ئۇنىڭغا فامىلە قويغان ئىدى.

*** *** *** ** ****** ***** ****

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار! بۈگۈنكى پىروگراممىمىزدا ئۆتكەن يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئىلىم – پەن مائارىپ ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى «Unesco» تەرىپىدىن دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن دىيارباكىرنىڭ تارىخىي سېپىلى ۋە جەننەت باغچىلىرىغا ئوخشاپ كېتىدىغان ھەۋسەل باغچىسىنى تۇنۇشتۇرۇشقا تىرىشتۇق.  كۈنلەرنىڭ بىرىدە دىيارباكىرغا يولىڭىز چۈشۈپ قالسا، بۇ تەڭداشسىز گۈزەل جايلارنى چۇقۇم زىيارەت قىلىشىڭىزنى تىلەيمىز.



مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر