ئۆي كۆچۈشتە ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ھەققىدە

ئۆي كۆچۈشتە ئۈنۈم ھاسىل قىلىشتا قىلىشقا تىگىشلىك ئىشلار ھەققىدە

418851
ئۆي كۆچۈشتە ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ھەققىدە

مۇھىت ۋە ئىقتىساد ئۈچۈن كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ پۈتكۈل ساھەلىرىدە ئىسراپچىلىقتىن ساقلىنىش كېرەك، بارلىق مەنبەلەردىن ئۈنۈملۈك ھالدا پايدىلىنىشقا دىققەت قىلىش لازىم. يېڭى بىر ئۆيگە كۆچكەندىمۇ دىققەت قىلىدىغان بەزى نۇقتىلار ئۈنۈملۈك تۇرمۇش بەرپا قىلىشىمىزغا پايدىسى تېگىدۇ.
بۇ جەھەتتە تاشلايدىغان قەدىمىمىز سېتىۋالىدىغان ياكى ئىجارىگە ئالىدىغان ئۆينى تاللىغاندا باشلايدۇ. ئۆي تاللىغاندا بىنانىڭ يېشى، يۆنىلىشى ۋە ئىزولياتور سۈپىتىگە ئوخشاش ئالاھىدىلىكلەرنى نەزەرگە ئېلىش تولىمۇ زۆرۈر. ئىزولياتورلىق بىر بىنادا ئىسسىتىش ۋە سوۋۇتۇش ئۈچۈن سەرپ قىلىنىدىغان ئېنېرگىيە مىقدارى تولىمۇ تۆۋەن بولىدۇ. ئىشىك ۋە دەرىزىلەرنىڭ قوش ئەينەلىك بولۇشى ۋە ئىسسىقلىق ئۆتكۈزمەيدىغان بولۇشىمۇ ئىزولياتورنىڭ ئۈنۈمى ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. تاللىماقچى بولغان ئۆينىڭ مۇشۇ خىلدىكى ئالاھىدىلىكلىرىگە دىققەت قىلىشىمىز لازىم.
ئۆيىمىزنىڭ ئىش ئورنى، مەكتەپكە ئوخشاش ھەر كۈنى بېرىپ كېلىپ تۇرىدىغان يەرلەرگە يېقىن بولۇشى قاتناش چىقىمىمىزنى كۆرىنەرلىك دەرىجىدە تۆۋەنلىتىدۇ.
يېڭى ئېلىنىدىغان ئائىلە-ئېلېكتىر سايمانلىرىدا ئېنېرگىيە ئۈنۈمى يۇقىرى بولغانلارنى تاللاش كېرەك. مەسىلەن، ئۆينى يورىتىشتا لازىر نۇرلۇق چىراقلار ياكى لەد تىپلىق لامپۇچىكىلار ئىشلىتىش يورىتىشقا كېتىدىغان چىقىمىمىزنى %70 نىسبەتتە تۆۋەنلىتىدۇ. بۇ خىلدىكى مەھسۇتلارنى سېتىۋالغاندا باھاسى قىممەتتەك بولسىمۇ ئېنېرگىيە ۋە پۇل تېجەش جەھەتتىن تولىمۇ مۇھىم.
ئۆي كۆچكەندە ئىشلەتمەيدىغان بۇيۇملىرىمىزنى مۇھتاج كىشىلەرگە يەتكۈزۈش بېرىشىمىز لازىم. كۆچۈش ئەسناسىدا ئۆيدىن چىققان قالدۇق نەرسىلەردىن ئەينەك، پىلاستىك ۋە قەغەز پارچىلىرىنى ئەخلەتلەرنى بىر تەرەپ قىلىش مەركىزىگە ئەۋەتسەك مۇھىتنىڭ قوغدىلىپ قېلىشىغا تۆھپە قوشقان بولىمىز. ئوخشاشلا، بوياق، سوپۇن، باتارىيەگە ئوخشاش زىيانلىق نەرسىلەرنىمۇ ئەخلەت تۆكۈش ئورنىغا ئاپىرىۋېتىش لازىم.
يېڭى ئۆي ئۈچۈن سودا-سېتىق قىلىشتىن ئىلگىرى ناھايىتى ئەتراپلىق ئېھتىياج تىزىملىكى تۈزۈپ چىقىپ، ئارتۇقچە سودا-سېتىقتىن ساقلىنىش لازىم. ئۆي كۆچكەندىلا لازىم بولىدىغان بىرلا قېتىم ئىشلىتىلىدىغان سايمان ۋە نەرسىلەرنى سېتىۋېلىشنىڭ ئورنىغا يېقىن-يورۇقلىرىمىزدىن ئۆتنە ئېلىپ تۇرساق بولىدۇ.
ئۆينىڭ بوياق ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش ئىشلاردا زەھەرلىك بولمىغان تەبىئەت دوستى مەھسۇلاتلارنى تاللاپ مۇھىتقا بېرىلىدىغان زىياننى ئەڭ تۆۋەن نىسبەتكە چۈشۈرەلەيمىز.
ئۆي كۆچكەندە ئۆي ئەشىيالىرىمىزنى چىرايلىق ئوراش ئۈچۈن، ئامال بار كېيىن پايدىلانغىلى بولىدىغان ماتېرىياللارنى تاللاش كېرەك، نىلون ماتېرىياللارنىڭ تەبىئەتكە بېرىدىغان زىيانلارنى ئۇنتۇپ قالمايلى.
شۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەككى، ئاددەتتىكى تەدبىرلەر پاكىز مۇھىت ۋە كۈچلۈك ئىقتىساد بەرپا قىلىش ئۈچۈن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر