مۇسا ۋە ھارۇن ئەلەيھىسسالاملارنىڭ ئىش - ئىزلىرى

ئاكا- ئۇكا پەيغەمبەرلەر، مۇسا ۋە ھارۇن ئەلەيھىسسالاملارنىڭ تەۋھىد كۈرىشى يولىدىكى ئىش- ئىزلىرى ئۈستىدە قىسقىچە مۇلاھىزە ...

381293
مۇسا ۋە ھارۇن ئەلەيھىسسالاملارنىڭ ئىش - ئىزلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: ھەزرىتى مۇسا، مىسىردىن چىقىپ، مەديەنگە كېلىدۇ ۋە شۇ يەردە شۇئەيب ئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى بىلەن ئۆيلىنىپ، ئون يىلدەك تۇرىدۇ. ۋەدىلەشكەن ۋاقىت توشقاندىن كېيىن، شۇئەيب ئەلەيھىسسالامدىن رۇخسەت ئېلىپ ئائىلىسى بىلەن بىللە مىسىرغا قايتماقچى بولىدۇ. مىسىرغا كېتىۋېتىپ، سىنا چۆلىدە ئېزىپ قالىدۇ. ئۇ كۈنلەردە ھاۋا ناھايىتى سوغۇق ۋە قاراڭغۇ بولۇپ، بەكمۇ شىددەتلىك ئىدى. شۇ ئەسنادا ھەزرىتى مۇساغا، يىراقتىن ئوت يالقۇنى كۆرۈنىدۇ. ئۇ دەرھال ئائىلىسىدىكىلەرگە: «سىلەر تۇرۇپ تۇرۇڭلار، مەن ئوتنىڭ يۇرۇقىنى كۆردۈم، بېرىپ بەلكى ئۇنىڭدىن بىر تال چوغ ئېلىپ كېلەرمەن ياكى بولمىغاندا ئوتنىڭ يېنىدا بىرەر يول باشلىغۇچىنى ئۇچرىتارمەن» دەپ، ئوت يالقۇنى كۆرۈنگەن تەرەپكە قاراپ ماڭىدۇ. مۇسا ئوتنىڭ يېنىغا كەلگەندە ئۇنىڭغا مۇنداق نىدا قىلىنىدۇ:
«ئى مۇسا! سەن ھەقىقەتەن مۇقەددەس تۇۋا ۋادىسىدا تۇرۇۋاتىسەن. مەن سېنى پەيغەمبەرلىككە تاللىدىم. سەن ۋەھىيگە قۇلاق سالغىن. مەن ھەقىقەتەن ئاللاھتۇرمەن. مەندىن باشقا ھېچقانداق ھەقىقى مەبۇد يوق. ماڭىلا ئىبادەت قىلغىن. مېىنى ياد ئېتىش ئۈچۈن ناماز ئۆتىگىن. ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ ئەمىلىگە يارىشا مۇكاپاتلىنىشى ۋە جازالىنىشى ئۈچۈن قىيامەت چوقۇم بولىدۇ. مەن ئۇنىڭ قاچان بولۇشىنى مەخپىي تۇتىمەن، قىيامەتكە ئىشەنمەيدىغان ۋە نەپسى خاھىشىغا ئەگەشكەن ئادەم سېنى قىيامەتكە ئىشىنىشتىن توسۇپ قويمىسۇن، ئۇنداق بولغاندا ئۆزۈڭ ھالاك بولىسەن.»
مانا شۇنىڭ بىلەن مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكى باشلىنىدۇ. بۇ ئايەتلەر بىلەن ئۇنىڭغا ئەلچىلىك ۋەزىپىسى بېرىلگەنلىكى ئېلان قىلىنىدۇ. ئايەتلەرنىڭ مەزمۇنىدىن بارلىق ھەق دىنلارنىڭ تۈپ ئاساسىي بولغان تەۋھىد ۋە ئاخىرەتكە ئىشىنىش مەسىلىسىنىڭ تەكىتلەنگەنلىكىنى كۆرەلەيمىز. شۇنداقلا بۇ مەسىلىنىڭ مۇسا ئەلەيھىسسالامغا كەلگەن ۋەھىينىڭ ئومۇرتقىسىنى شەكىللەندۈرگەنلىكىنى ئاشكارا بىلىۋالالايمىز.
ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا پەيغەمبەرلىكىنى بىر مۆجىزە بىلەن بىللە بىلدۈرىدۇ. ئۇنى قولىدىكى ھاسىسىنى يەرگە تاشلاشقا بۇيرۇيدۇ. مۇسا ئۇنى يەرگە تاشلىغان ھامان ھاسا مېڭىۋاتقان يىلانغا ئايلىنىدۇ. ئارقىسىدىن يەنە ئاللاھ تائالا مۇسا ئەلەيھىسسالامغا، «قولۇڭنى قوينۇڭغا سالغىن. ئۇ ھېچقانداق ئەيىپ- نوقسانسىز ھالدا مۆجىزە سۈپىتىدە ئاپئاق نۇرلۇق بولۇپ چىقىدۇ» دەپ نىدا قىلىدۇ. مانا بۇلار، مۇسا ئەلەيھىسسالامغا بېرىلگەن مۆجىزىلەرنىڭ بىر قىسمى ئىدى.
مۇسا ئەلەيھىسسالام بىرىنچى بولۇپ، پىرئەۋىنگە ئەۋەتىلىدۇ. چۈنكى ئۇ يەر يۈزىدە بەكمۇ ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن ئىدى. زامانىنىڭ ئەڭ زوراۋان ۋە كۈچلۈك پادىشاھلىرىدىن بىرىنى ئاگاھلاندۇرۇشقا تەيىنلەنگەن ئىدى. ئۇنىڭ سارىيىدا يېتىشكەن ۋە كېيىن ئۇ يەردە جىنايەت ئۆتكۈزۈپ قويۇپ قېچىپ چىققان بىر كىشىنىڭ يەنە شۇ يەرگە قايتىپ، پادىشاھقا: «سېنىڭ تۇتقان يولۇڭ خاتا» دېيىش، ئاسان ئىش ئەمەس ئىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن بولسا كېرەك، بۇ ۋەزىپىنى تاپشۇرۇۋالغان مۇسا ئەلەيھىسسالام، ئاللاھقا مۇنداق دەپ مۇناجات قىلىدۇ:
«ئى رەببىم! كۆڭۈل كۆكسۈمنى كەڭ قىلغىن، مېنىڭ ئىشلىرىمنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەرگىن، تىلىمدىكى ئېغىرلىقنى كۆتۈرۈۋەتكىن، بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇلار مېنىڭ سۆزۈمنى چۈشەنسۇن، ماڭا ئائىلەمدىن قېرىندىشىم ھارۇننى ياردەمچى قىلىپ بەرگىن، ئۇنىڭ بىلەن مېنى تېخىمۇ كۈچەيتكىن، مېنىڭ ئىشىمغا ئۇنى ئورتاق قىلغىن، شۇنىڭ بىلەن بىز ساڭا كۆپ تەسبىھ ئېيتقايمىز.» شۇنىڭ بىلەن ئاكا- ئۇكا ئىككى قېرىنداشنىڭ تەۋھىد كۈرىشى باشلىنىدۇ.
مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دۇئاسى ئاللاھ تائالا تەرىپدىن ئىجابەت بولغان ئىدى. بۇ ئەسلىدە ئۇنىڭغا بېرىلگەن كاتتا ئىنئام ئىدى. بۇنىڭغا ئوخشاش بىر ئىنئام بولسا، مۇسا ئەلەيھىسسالامنڭ بالىلىق يىللىرىدا مەيدانغا كەلگەن ئىدى. پىرئەۋىن ئوغۇل بالىلارنى ئۆلتۈرۈۋېتىدىغان يىلدا تۇغۇلغان مۇسانى، ئاللاھ ئاددىي ئۇسۇل بىلەن ئۆلۈمدىن قۇتقۇزۇپلا قالماي، ئۇنىڭ سارايدا ئۆسۈپ يېتىلىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلغان ئىدى. مانا ئەمدى قورامىغا يەتكەن مۇسا، ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى بولۇشتىن ئىبارەت ناھايىتى شەرەپلىك ۋە شۇنداقلا ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان ئىدى. ئاللاھ ئۇنى «ئى مۇسا! سەن ۋە قېرىندىشىڭ ھارۇن ئىككىڭلار مېنىڭ مۆجىزىلىرىمنى ئېلىپ پىرئەۋىننىڭ يېنىغا بېرىڭلار» دەپ بۇيرۇيدۇ. بۇ جەرياندا، ئاللاھنى داۋاملىق ياد ئېتىپ تۇرۇشقا بۇيرۇلىدۇ. چۈنكى ئاللاھ كۈچلۈكلەرنىڭ ئەڭ كۈچلۈكراقى، ئاجىزلارنىڭ ئەڭ چوڭ يۆلەنچۈكى ۋە ئادالەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى بەرپاچىسى ئىدى. ئاللاھنى ياد ئېتىپ تۇرۇش ھەر ۋاقىت ئىنسانغا بۈيۈك كۈچ- قۇۋۋەت بېغىشلايتتى.
ئىلاھىي ئۇچۇرنى قانداق يەتكۈزۈش كېرەكلىكىنى، يەنە ئاللاھ تائالا ئۆزى بىۋاستە بايان قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ: «ئۇنىڭغا يۇمشاق گەپ قىلىڭلار.» بۇ سەۋەبتىن بەلكى پىرئەۋىن ئۆتكۈزگەن خاتالىقىنى تونۇپ، ۋەز- نەسىھەتنى قوبۇل قىلىشى ياكى بولمىغاندا ئۆزىدىن كۈچلۈك بىر زاتنىڭ بارلىقىنى بىلىپ، ئۇنىڭدىن ئەيمىنىشى مۇمكىن ئىدى. شۇنداق ئۈمىدلەر بىلەن ئاكا - ئۇكا ئىككى پەيغەمبەر پىرئەۋىننىڭ يېنىغا بارىدۇ. ئۇنى ئىسرائىل ئەۋلادىنى قويۇۋېتىشكە، ئۇلارنى قىينىماسلىققا چاقىرىدۇ. لېكىن، پىرئەۋىن ئۇلارنىڭ چاقرىقىغا قۇلاق سالمايدۇ، ئۇلارغا ئىشەنمەيدۇ ۋە ئۇلارنى مازاق قىلىدۇ. مۇسا ئەلەيھىسسالامدىن سىلەرنىڭ «پەرۋەردىگارىڭلار كىم؟» دەپ سورايدۇ. مۇسا پەرۋەردىگارىنىڭ، ھەممە نەرسىگە مۇئەييەن شەكىل ئاتا قىلغان، ئاندىن ئۇلارنىڭ ھايات يولىنى بەلگىلىگەن زات ئىكەنلىكنى بايان قىلىدۇ. پىرئەۋىن يەنە ئىلگىرىلەپ، ئىلگىرى ئۆتكەن ئۈممەتلەرنىڭ ئەھۋالىنى سورايدۇ. مۇسا، ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ بىرمۇ بىر لەۋھۇلمەھپۇزدا خاتىرلەنگەنلىكىنى ئېيتىدۇ. چۈنكى ئۇنىڭ پەرۋەردىگارى خاتالاشمايدىغان ۋە ئۇنتۇمايدىغان زات ئىدى. مۇسا ئەلەيھىسسالام بۇ مۇنازىرىلەردىن كېيىن، قانداق زات ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ تەپسىلىي ھالدا ئاڭلىتىشقا باشلايدۇ.
ئىلاھىي دەۋەتكە قارشى تۇرۇشتا مەنتىقىلىق جاۋاب تاپالمىغان پىرئەۋىن، بۇ قېتىم خەلقنى مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن ھارۇن ئەلەيھىسسالامغا قارشى كۈشكۈرتىدۇ ۋە بۇ ئىككىسىنى «سېھىربازلار» دەپ ئابرۇيىنى تۆكۈشكە ئۇرۇنىدۇ. ھەتتا، مۇسا ئەلەيھىسسالام بىلەن ھارۇن ئەلەيھىسسالامنى ئۆزىنىڭ سېھىربازلىرىغا قارشى دۇئېلغا چاقىرىدۇ. ئاكا- ئۇكا پەيغەمبەرنىڭ ئالدىدا دۇئېلدا يېڭىلىپ قالغان پىرئەۋىننىڭ سېھىربازلىرى، «مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ پەرۋەردىگارىغا ئىمان ئېيتتۇق» دەپ ھەقىقەتكە بويۇن ئىگىدۇ. لېكىن، پىرئەۋىن يەنە تەرسالىق قىلىپ تۇرۇۋالىدۇ. مۇسا بىلەن ھارۇننىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەلچىلەر ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلغىلى ئۇنىمايدۇ.
پىرئەۋىن ئىمان ئېيتىپ مۇسۇلمان بولغان سىھىربازلىرىغا مۇنداق تەھدىت سالىدۇ:
«سىلەرگە مەن رۇخسەت بېرىشتىن ئىلگىرى ئىمان ئېيتتىڭلار. شۈبھىسىزكى، ئۇ چوقۇم سىلەرگە سېھىرنى ئۆگەتكەن چوڭۇڭلار ئىكەن. مەن چوقۇم سىلەرنىڭ قوللىرىڭلارنى، پۇتلىرىڭلارنى ئوڭ- سول قىلىپ كېسىپ تاشلايمەن، سىلەرنى خورما دەرەخلىرىگە ئاسىمەن، سىلەر قايسىمىزنىڭ ئازابىنىڭ ئۇزۇن ۋە قاتتىق ئىكەنلىكىنى چوقۇم بىلىپ قالىسىلەر.»
ھەق دىننى قوبۇل قىلغان بۇ كىشىلەر، پىرئەۋىننىڭ تەھدىتلىرىدىن قورقمىغان ئىدى. پىرئەۋىننىڭ ھەيۋىلىرى ئۇلارنى توغرا يولدىن توسۇشقا يەتمىگەن ئىدى. ئۇلار ئۆلۈم ۋە ئازاپ- ئۇقۇبەتلەر قارشىسىدا تىز پۈكمەي مۇنداق دەيدۇ: «سېنى دەپ، بىزگە كەلگەن روشەن دەلىللەردىن، بىزنى ياراتقان ئاللاھتىن ھەرگىزمۇ ۋاز كەچمەيمىز. سەن قانداق ھۆكۈم قىلغىڭ كەلسە شۇنداق ھۆكۈم قىلىۋەر. سېنىڭ ھۆكمىڭ پەقەت بۇ دۇنيادىلا ئۆتىدۇ. بىز ھەقىقەتەن خاتالىقلىرىمىزنى سېنىڭ مەجبۇرلىشىڭ ئارقىسىدا سېھىر كۆرسەتكەنلىكىمىزدىن ئىبارەت گۇناھىمىزنى مەغپىرەت قىلسۇن، دەپ پەرۋەردىگارىمىزغا ئىمان ئېيتتۇق. ئاللاھ ئەڭ ياخشىدۇر، ئۇ مەڭگۈلۈكتۇر.»

پىرئەۋىن ئۆزىنى مىسىر دىيارىنىڭ كۈچلۈك ھۆكۈمرانى بولۇشتىن سىرت مىسىرلىقلارنىڭ تەڭرىسى، دەپ ھېسابلايتتى. بۇ ھەقتە ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئى كاتتىلار! مەن ئۆزۈمدىن باشقا يەنە بىر ئىلاھنىڭ بارلىقىنى بىلمەيمەن. ئى ھامان! سەن خىش پىشۇرۇپ مەن ئۈچۈن ئېگىز بىنا سالغىن. ئۇنىڭغا چىقىپ مۇسانىڭ ئىلاھىنى كۆزىتىپ باقاي. مەن ئۇنى ھەقىقەتەن يالغانچىمىكىن دەيمەن.» مانا بۇ ئەھۋال پىرئەۋىننىڭ ئېتىقادىي جەھەتتىنمۇ بەك ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.
يۇقىرىدىكىگە ئوخشاش ھەم ئىجتىمائىي جەھەتتىن، ھەمدە ئېتىقادىي جەھەتتىن قاتتىق چىرىكلىشىپ كېتىش، ھالاكەت زامانىنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنىڭ خەۋەرچىسى ئىدى. پىرئەۋىن ۋە تەرەپدارلىرى باشلىرىغا كەلگەن نۇرغۇن سىناقلاردىن ئىبرەت ئالمىغان ئىدى. ئىمان ئېيتقان كىشلەرنى قىيناشتىن ۋاز كەچمىگەن ئىدى. پىرئەۋىن ۋە تەرەپدارلىرىنىڭ تۈزەلمەيدىغانلىقى ئوچۇق - ئاشكارا مەلۇم بولغاندىن كېيىن. مۇسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھقا دۇئا قىلىدۇ. ئاللاھ تائالا ئۇنىڭغا: «سەن مېنىڭ بەندىلىرىمنى كېچىدە مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ كەتكىن، سەن ھاساڭنى دېڭىزغا ئۇرۇپ ئۇلارغا بىر قۇرۇق يول ئېچىپ بەرگىن، پىرئەۋىننىڭ قوغلاپ يېتىشىۋېلىشىدىن قورقمىغىن، ئەندىشە قىلمىغىن» دەپ ۋەھىي قىلىدۇ. پىرئەۋىن لەشكەرلىرى بىلەن قوغلاپ كېلىۋاتقاندا، ئۇلار دەھشەتلىك دېڭىزدا غەرق بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۆلۈم يېتىپ كەلگەندە سۇدا غەرق بولۇش ئالدىدا قىلغان تەۋبىسىمۇ قۇبۇل قىلىنمايدۇ. چۈنكى تەۋبە گۇناھ ئىشلاردا ھەددىدىن ئاشمىغان چاغدا كۈچكە ئىگە. ئەنە شۇنداق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاللاھ تائالا پىرئەۋىن ۋە ئۇنىڭ قوشۇنلىرىنى جازالىدى. ئۇلارنىڭ ئاقىۋىتىنى ئەل- ئالەمگە ئىبرەت قىلدى. تا قىيامەتكىچە مۇسا ئەلەيھىسسالام ۋە ئەگەشكۈچىلىرى ياخشىلارنىڭ ئۈلگىسى بولسا، پىرئەۋىن ۋە تەرەپدارلىرى يامان يولدىكى كىشىلەرنىڭ مىسالى بولۇپ داۋاملىشىدۇ. ياخشىلار ھۆرمەت ئېھتىرام بىلەن خاتىرىلەنسە، ئاللاھقا، ئاللاھنىڭ دىنىغا قارشى چىققۇچىلار تارىخ بەتلىرىنىڭ قارا سەھىپىسى سۈپىتىدە ئىبرەت مەنبەسى بولۇپ تۇرىدۇ.


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر