سۈپەت كاپالەت كارتىسىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە پايدىلىرى

تۆۋەندە ‹بىلىۋېلىڭ› ناملىق سەھىپىمىز بويىچە ‹سۈپەت كاپالەت كارتىسىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە پايدىلىرى› غا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز...

334626
سۈپەت كاپالەت كارتىسىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە پايدىلىرى

تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى: تۆۋەندە ‹بىلىۋېلىڭ› ناملىق سەھىپىمىز بويىچە ‹سۈپەت كاپالەت كارتىسىنىڭ ئەھمىيىتى ۋە پايدىلىرى› غا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنىمىز... قېنى ئۇنداقتا دېققىتىڭلار پىروگراممىمىزدا بولسۇن!

قانۇننىڭ روھىغا ئاساسەن، سانائەت مەھسۇلاتلىرى سۈپەت كاپالەت كارتىسى بىلەن بىرلىكتە سېتىلىشى شەرت. بۇ كارتا، قۇراشتۇرغۇچى، ئىشلەپچىقارغۇچى ۋە ئىمپورت قىلغۇچىلارنىڭ ئىستېمالچىلارنى تەمىنلىگەن مەھسۇلات بۇزۇلۇپ قالغان تەقدىردە ھەقسىز ھالدا يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇپ بېرىش، رېمونت قىلىش، پۇلىنى قايتۇرۇش ياكى باھانى تۆۋەنلىتىپ بېرىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. سۈپەت كاپالىتى كارتىسىنىڭ ۋاقتى مەھسۇلات تاپشۇرۇلغان كۈندىن باشلاپ كۈچكە ئىگە بولىدۇ ۋە بەلگىلەنگەن مۇددەت بويىچە داۋاملىشىدۇ شۇنداقلا مەھسۇلاتنىڭ بارلىق سايمانلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

* * * * *

سۈپەت كاپالىتى كارتىسىغا مەھسۇلاتنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىدىن باشقا رېمونت قىلىنىدىغان ۋاقىت، ئىستىمال خاتالىقلىرى ۋە ئىستېمالچىغا پايدىلىق ھەق – ھوقۇقلارمۇ يېزىلىشى كېرەك.

* * * * *

مەھسۇلات بىلەن تەمىنلىگۈچىنىڭ سۈپەت كاپالىتى مۇددىتى بويىچە، مەھسۇلاتتا مەيلى سايمان، مەيلى مۇلازىمەت ياكى قوراشتۇرۇش خاتالىقى تۈپەيلى كاشىلا كېلىپ چىقىدىغان بولسا، ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلماستىن رېمونت قىلىش ياكى قىلدۇرۇش مەجبۇرىيىتى بار. رېمونت قىلىش جەريانىدا ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىت سۈپەت كاپالىتى مۇددىتىگە ئىلاۋە قىلىنىدۇ. مەھسۇلاتتا كۆرۈلگەن كاشىلا 10 كۈن ئىچىدە بىتەرەپ قىلىنالمىغان تەقدىردە، قوراشتۇرغۇچى، ئىشلەپچىقارغۇچى ياكى ئىمپورت قىلغۇچى مەھسۇلات رېمونت قىلىنىپ بولغۇچە ئوخشاش ئالاھىدىلىككە ئىگە باشقا بىر مەھسۇلاتنى ئىستېمالچىنىڭ ئىشلىتىپ تۇرۇشىغا ئاجرىتىشى شەرتتۇر.

* * * * *

مەھسۇلاتنىڭ قايسى ماگېزىندىن ئېلىنغانلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن تالون ئېلىۋېلىش كېرەك ۋە سۈپەت كاپالىتى كارتىسىدا ماگېزىننىڭ تامغۇسى بولۇشى لازىم. تالوننىڭ چېسلا ۋە نومۇرىمۇ سۈپەت كاپالىتى كارتىسىنىڭ ئۈستىگە يېزىلىشى شەرت. كېلىشمەسلىك يۈز بەرگەندە، دەسلەپ مۇراجىئەت قىلىنىدىغان تەرەپ مال ساتقۇچىدۇر.

 


خەتكۈچ:

مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر